< نەھەمىيا 6 >

شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەب بولغان گەشەم ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قالغان قىسمى مېنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاپ چىققانلىقىمنى، سېپىلنىڭ ئەمدى بۆسۈكلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ (لېكىن ئۇ چاغدا مەن تېخى سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ قاناتلىرىنى ئورناتمىغانىدىم)، 1
سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا: ــ كەلسىلا، بىز ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كەفىرىم كەنتىدە كۆرۈشەيلى! ــ دەپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ماڭا قەست قىلماقچى ئىكەن. 2
شۇڭلاشقا مەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: ــ مەن ئۇلۇغ بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمدىن سىلەر تەرەپكە چۈشمەيمەن. مەن قانداقمۇ سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارىمەن دەپ، ئىشنى تاشلاپ ئۇنى توختىتىپ قوياي؟ ــ دېدىم. 3
ئۇلار ئۇدا تۆت قېتىم مۇشۇ تەرىقىدە ئادەم ئەۋەتتى، مەن ھەر قېتىم شۇنداق جاۋاپ بەردىم. 4
ئاندىن سانباللات بەشىنچى قېتىم شۇ تەرىقىدە ئۆز خىزمەتكارىغا پېچەتلەنمىگەن خەتنى قولىغا تۇتقۇزۇپ ئەۋەتىپتۇ. 5
خەتتە: «ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ تارقىلىپ يۈرىدۇ، ۋە گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ۋە يەھۇدالار بىرگە ئىسيان كۆتۈرمەكچى ئىكەنسىلەر؛ شۇڭا سەن سېپىلنىمۇ يېڭىۋاشتىن ئوڭشاشقا كىرىشىپسەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەن ئۆزۈڭنى ئۇلارغا پادىشاھ قىلماقچىكەنسەن. 6
سەن يەنە يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭ توغرۇلۇق: «مانا، يەھۇدىيەدە ئۆزىمىزنىڭ بىر پادىشاھىمىز بار!» دەپ جار سېلىپ تەشۋىق قىلىشقا بىرنەچچە پەيغەمبەر قويۇپسەن. ئەمدى بۇ گەپلەر سۆزسىز پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا، كەلگىن، بىز بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىۋالايلى» دېيىلگەنىكەن. 7
مەن ئۇنىڭغا: «سەن ئېيتقان ئىشلار ھېچقاچان قىلىنغان ئەمەس؛ بۇلار بەلكى ئۆز كۆڭلۈڭدىن ئويدۇرۇپ چىقارغىنىڭ، خالاس» دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم. 8
ئەمەلىيەتتە، ئۇلار: «مۇشۇنداق قىلساق ئۇلارنىڭ قولى ماغدۇرسىزلىنىپ، قۇرۇلۇش ئىشى ئادا قىلىنماي قالىدۇ!» دەپ ئويلاپ بىزنى قورقاتماقچى ئىدى. ــ «ئەمدى مېنىڭ قولۇمنى ئىشتا تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەيسەن!». 9
مەھەتابەلنىڭ نەۋرىسى، دېلايانىڭ ئوغلى شېمايا ئۆزىنى ئۆز ئۆيىگە قامىۋالغانىدى؛ مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلسەم ئۇ: ــ بىز خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە كۆرۈشەيلى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىنى ئېتىپ قويايلى؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئۆلتۈرگىلى كېلىدۇ؛ شۈبھىسىزكى، كېچىسى كېلىپ سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى! ــ دېدى. 10
مەن: ــ ماڭا ئوخشاش بىر ئادەم قانداقمۇ قېچىپ كەتسۇن؟ مەندەك بىر ئادەم جېنىمنى قۇتقۇزىمەن دەپ قانداقمۇ ئىبادەتخانىغا كىرىۋالغۇدەكمەن؟ مەن ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرىۋالمايمەن! ــ دەپ جاۋاپ بەردىم. 11
چۈنكى مەن قارىسام، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەمەس، بەلكى توبىيا بىلەن سانباللات تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ماڭا زېيان يەتكۈزمەكچى بولۇپ بۇ بېشارەت بەرگەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. 12
ئۇنى سېتىۋېلىشىدىكى مەقسەت، مېنى قورقۇتۇپ، شۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلغۇزۇپ گۇناھ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق قىلغان بولسام، نامىمنى بۇلغاپ مېنى قارىلاشقا شىكايەت قىلالايدىغان بولاتتى. 13
ــ «ئاھ خۇدا، توبىيا بىلەن سانباللاتنى ئېسىڭدا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا يارىشا ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن، شۇنداقلا مېنى قورقاتماقچى بولغان ئايال پەيغەمبەر نوئادىيا بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ قىلغانلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن!». 14
ئېلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى سېپىل پۈتتى، پۈتۈن قۇرۇلۇشقا ئەللىك ئىككى كۈن ۋاقىت كەتتى. 15
شۇنداق بولدىكى، دۈشمەنلىرىمىز بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى ۋە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق ئەللەر قورقۇپ كېتىشتى؛ ئۆز نەزىرىدە ھەيۋىتى بەك چۈشۈپ كەتتى ۋە بۇ [قۇرۇلۇشنى] خۇدايىمىزنىڭ ئۆزى ئېلىپ بارغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 16
شۇ كۈنلەردە يەھۇدىيەدىكى مۆتىۋەرلەر توبىياغا نۇرغۇن خەت يازدى، توبىيامۇ ئۇلارغا جاۋابەن دائىم خەت يېزىپ تۇردى. 17
چۈنكى يەھۇدىيەدە توبىياغا باغلىنىپ قېلىپ، قەسەم ئىچكەن نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئاراھنىڭ ئوغلى، شېكانىيانىڭ كۈيئوغلى ئىدى، ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى يوھانان بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللامنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. 18
شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە مېنىڭ ئالدىمدا پات-پات توبىيانىڭ ياخشى ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشاتتى ھەم مېنىڭ گەپلىرىمنىمۇ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشاتتى؛ توبىيا بولسا ماڭا پات-پات تەھدىت سېلىپ خەت يېزىپ تۇراتتى. 19

< نەھەمىيا 6 >