< نەھەمىيا 5 >

ئۇ چاغدا خالايىق ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدالار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ قاتتىق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى. 1
بەزىلەر: ــ بىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ جان سانىمىز كۆپ، كۈن كەچۈرىشىمىز ئۈچۈن تويغۇدەك ئاشلىق ئالمىساق بولمايدۇ، دېيىشتى. 2
يەنە بەزىلەر: ــ بىز ئاچارچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا ئاشلىق ئېلىپ يەيمىز دەپ ئېتىزلىرىمىز، ئۈزۈمزارلىقلىرىمىزنى ۋە ئۆيلىرىمىزنى رەنىگە بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق، دېيىشتى. 3
ۋە يەنە بەزىلەر: ــ پادىشاھنىڭ ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ئۈستىگە سالغان باج-سېلىقنى تاپشۇرۇشقا پۇل قەرز ئالدۇق. 4
گەرچە بەدەنلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەدەنلىرىگە، پەرزەنتلىرىمىز ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى قۇل-دېدەك بولۇشقا تاپشۇرماي ئامالىمىز بولمىدى؛ ئەمەلىيەتتە قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى ئاللىقاچان دېدەك بولۇپمۇ كەتتى؛ ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قۇربىمىز يەتمىدى، چۈنكى بىزنىڭ ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز ھازىر باشقىلارنىڭ قولىدىدۇر، ــ دېيىشتى. 5
مەن ئۇلارنىڭ داد-پەريادلىرىنى ۋە ئېيتقان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەندىم. 6
كۆڭلۈمدە بىرەر قۇر ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا قەرز بېرىپ ئۇلاردىن ئۆسۈم ئالىدىكەنسىلەر-ھە! ــ دەپ تەنبىھ بەردىم. ئاندىن ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن چوڭ بىر يىغىن ئېچىپ 7
ئۇلارنى: ــ بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە يات تائىپىلەرگە سېتىۋېتىلگەن قېرىندىشىمىز يەھۇدالارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالدۇق، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن دەپ قېرىنداشلىرىڭلارنى يەنە سېتىۋەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ ــ دەپ ئەيىبلىۋىدىم، ئۇلار دەيدىغان گەپ تاپالماي، شۈك تۇرۇپ قالدى. 8
ئاندىن مەن ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار قاملاشماپتۇ. سىلەر دۈشمەنلىرىمىز بولغان تائىپىلەر ئالدىدا بىزنى ئاھانەتكە قالدۇرماي، خۇدايىمىزنىڭ قورقۇنچىدا ماڭساڭلار بولماسمىدى؟ 9
مەنمۇ، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىم ئۇلارغا پۇل ۋە ئاشلىق ئۆتنە بېرىپ تۇرۇپ ئۆسۈم ئالساق ئالاتتۇق! سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، مۇنداق ئۆسۈم ئېلىشتىن ۋاز كېچەيلى! 10
ئۆتۈنۈپ قالاي، سىلەر دەل بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنزارلىق ۋە ئۆيلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ۋە شۇنىڭدەك سىلەر ئۇلاردىن ئۈندۈرۈۋالغان پۇل، ئاشلىق، يېڭى مەي-شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مايلىرىنىڭ ئۆسۈمىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار، دېدىم. 11
ئۇلار: ــ قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئەمدى ئۇلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالمايمىز؛ سىلى نېمە دېسىلە، بىز شۇنداق قىلىمىز، دېيىشتى. مەن كاھىنلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنى بۇ ۋەدە بويىچە شۇنداق ئىجرا قىلىشقا قەسەم ئىچكۈزدۈم. 12
مەن تونۇمنىڭ پېشىنى قېقىپ تۇرۇپ: ــ كىم مۇشۇ ۋەدىنى ئادا قىلمىسا، خۇدا شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئۆيىدىن ۋە مال-مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىپ قېقىۋەتسۇن! شۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ھەممە نېمىسى قۇرۇقدىلىپ قالغۇچە قېقىۋېتىلسۇن! ــ دېدىم. پۈتكۈل جامائەت بىردەك: «ئامىن!» دېيىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. ئاندىن كۆپچىلىك شۇ ۋەدىسى بويىچە دېگىنىدەك قىلىشتى. 13
شۇنىڭدەك، يەھۇدىيە زېمىنىدا ئۇلارغا ۋالىي بولۇشقا تىكلەنگەن كۈندىن بۇيان، يەنى پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلىدىن ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىغىچە بولغان ئون ئىككى يىل ئىچىدە نە مەن، نە مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋالىيلىق نېنىنى ھېچ يېمىدۇق. 14
مەندىن ئىلگىرى ۋالىي بولغانلار خەلققە ئېغىرچىلىك سېلىپ، ئۇلاردىن [كۈندىلىك] ئاشلىق، مەي-شاراب ۋە شۇنىڭدەك قىرىق شەكەل كۈمۈش ئېلىپ كەلگەنىكەن؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىن ھوقۇقۋازلىق قىلىپ كەلگەنىكەن. لېكىن مەن خۇدادىن قورقىدىغىنىم ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدىم. 15
مەن دەرۋەقە سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشىغىلا بېرىلگەچكە، بىز ھەتتا بىرەر ئېتىزنىمۇ سېتىۋالمىدۇق؛ مېنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىممۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلەشكە شۇ يەرگە يىغىلاتتى. 16
ئەتراپىمىزدىكى يات ئەللەردىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەنلەردىن بۆلەك، مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا غىزا يەيدىغانلار يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلاردىن بىر يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. 17
ھەركۈنى بىر كالا، خىللانغان ئالتە قوي تەييارلىناتتى، يەنە ماڭا بەزى ئۇچار قۇشلار تەييارلىناتتى؛ ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەرخىل مول مەي-شاراب بىلەن تەمىنلىنەتتى. شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا «ۋالىي نېنى»نى تەلەپ قىلمىدىم؛ چۈنكى قۇرۇلۇش ئىشى خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈك ئىدى. 18
ــ ئاھ خۇدايىم، مەن مۇشۇ خەلق ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشىمنى ياد ئەتكەيسەن، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن! 19

< نەھەمىيا 5 >