< نەھەمىيا 2 >

ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلى نىسان ئېيى، پادىشاھنىڭ ئالدىغا شاراب كەلتۈرۈلگەنىدى؛ مەن شارابنى ئېلىپ پادىشاھقا سۇندۇم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھېچقاچان غەمكىن كۆرۈنگەن ئەمەس ئىدىم. 1
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ بىرەر كېسىلىڭ بولمىسا، چىرايىڭ نېمىشقا شۇنچە غەمكىن كۆرۈنىدۇ؟ كۆڭلۈڭدە چوقۇم بىر دەرد بار، دېۋىدى، مەن ئىنتايىن قورقۇپ كەتتىم. 2
مەن پادىشاھقا: ــ پادىشاھىم مەڭگۈ ياشىغايلا! ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەر خارابىلىككە ئايلانغان، دەرۋازا-قوۋۇقلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن تۇرسا، مەن قانداقمۇ غەمكىن كۆرۈنمەي؟ ــ دېدىم. 3
پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، مەن ئاسماندىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ، 4
ئاندىن پادىشاھقا: ــ ئەگەر پادىشاھىمنىڭ كۆڭلىگە مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسا، مېنى يەھۇدىيەگە ئەۋەتكەن بولسىلا، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەرگە بېرىپ، ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقسام، دېدىم. 5
پادىشاھ (شۇ چاغدا خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى) مەندىن: ــ سەپىرىڭگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنى ئەۋەتىشنى مۇۋاپىق كۆردى؛ مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدىغان بىر ۋاقىتنى بېكىتتىم. 6
مەن يەنە پادىشاھتىن: ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ماڭا [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارغا مېنى تاكى يەھۇدىيەگە بارغۇچە ئۆتكىلى قويۇش توغرۇلۇق يارلىق خەتلىرىنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا؛ 7
ۋە يەنە پادىشاھلىق ئورمانلىقىغا قارايدىغان ئاسافقا مۇقەددەس ئۆيگە تەۋە بولغان قەلئەنىڭ دەرۋازىلىرى، شۇنىڭدەك شەھەرنىڭ سېپىلى ۋە ئۆزۈم تۇرىدىغان ئۆيگە كېتىدىغان لىملارنى ياساشقا كېرەكلىك ياغاچلارنى ماڭا بېرىش توغرۇلۇقمۇ بىر يارلىقنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا، دېدىم. خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولى ئۈستۈمدە بولغاچقا، پادىشاھ ئىلتىپات قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بەردى. 8
شۇنىڭ بىلەن مەن دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارنىڭ يېنىغا بېرىپ پادىشاھنىڭ يارلىقلىرىنى تاپشۇردۇم. پادىشاھ يەنە بىرنەچچە قوشۇن سەردارلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنىمۇ ماڭا ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 9
ھورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونىي توبىيا دېگەن ئەمەلدار ئىسرائىللارنىڭ مەنپەئەتىنى ئىزدەپ ئادەم كەپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن نارازى بولدى. 10
مەن يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۈچ كۈن تۇردۇم. 11
ئاندىن كېچىسى مەن ۋە ماڭا ھەمراھ بولغان بىرنەچچە ئادەم ئورنىمىزدىن تۇردۇق (مەن خۇدايىمنىڭ كۆڭلۈمگە يېرۇسالېم ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشنى سالغانلىقى توغرىسىدا ھېچكىمگە بىرەر نېمە دېمىگەنىدىم). ئۆزۈم مىنگەن ئۇلاغدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلاغمۇ ئالماي، 12
كېچىسى «جىلغا قوۋۇقى»دىن چىقىپ «ئەجدىھا بۇلىقى»غا قاراپ مېڭىپ، «تېزەك قوۋۇقى»غا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن سېپىللىرىنى ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن قوۋۇق-دەرۋازىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردۇم. 13
يەنە ئالدىغا مېڭىپ «بۇلاق قوۋۇقى» بىلەن «شاھانە كۆل»گە كەلدىم؛ لېكىن شۇ يەردە مەن مىنگەن ئۇلاغنىڭ ئۆتۈشىكە يول بەك تار كەلگەچكە، 14
كېچىدە مەن جىلغا بىلەن چىقىپ سېپىلنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن يېنىپ «جىلغا قوۋۇقى»دىن شەھەرگە كىرىپ، ئۆيگە قايتتىم. 15
ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ نەگە بارغانلىقىمنى ۋە نېمە قىلغانلىقىمنى بىلمەي قېلىشتى، چۈنكى مەن يا يەھۇدىيلارغا، كاھىنلارغا، يا ئەمىر-ھاكىملارغا ۋە ياكى باشقا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ھېچنېمە ئېيتمىغانىدىم. 16
كېيىن مەن ئۇلارغا: ــ سىلەر بېشىمىزغا كەلگەن بالايىئاپەتنى، يېرۇسالېمنىڭ خارابىگە ئايلانغانلىقىنى، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈڭلار؛ كېلىڭلار، ھەممىمىز ھاقارەتكە قېلىۋەرمەسلىكىمىز ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى قايتىدىن ياساپ چىقايلى، ــ دېدىم. 17
مەن يەنە ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدە بولغانلىقىنى ۋە پادىشاھنىڭ ماڭا قىلغان گەپلىرىنى ئېيتىۋىدىم، ئۇلار: ــ ئورنۇمىزدىن تۇرۇپ ئۇنى ياسايلى! ــ دېيىشىپ، بۇ ياخشى ئىشنى قىلىشقا ئۆز قوللىرىنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 18
لېكىن ھورونلۇق سانباللات، خىزمەتكار ئاممونىي توبىيا ھەم ئەرەب بولغان گەشەم بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىزنى زاڭلىق قىلىپ مەنسىتمەي: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار نېمە ئىش؟ سىلەر پادىشاھقا ئاسىيلىق قىلماقچىمۇسىلەر؟ ــ دېيىشتى. 19
مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاسمانلاردىكى خۇدا بولسا بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قۇللىرى بولغان بىزلەر قوپۇپ قۇرىمىز. لېكىن سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھېچقانداق نېسىۋەڭلار، ھوقۇقۇڭلار ياكى يادنامەڭلار يوق، ــ دېدىم. 20

< نەھەمىيا 2 >