نەھەمىيا 13

شۇ كۈندە مۇسانىڭ كىتابى جامائەت ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى، كىتابتا: ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار مەڭگۈ خۇدانىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن، 1
چۈنكى ئۇلار ئىسرائىللارنى ئوزۇقلۇق ۋە سۇ ئەكىلىپ قارشى ئالماي، ئەكسىچە ئۇلارنى قارغاشقا بالائامنى ياللىۋالغان؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز ئۇ قارغاشلارنى بەخت-بەرىكەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەن، دەپ يېزىلغان سۆزلەر چىقتى. 2
شۇنداق بولدىكى، جامائەت بۇ قانۇن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بارلىق شالغۇت كىشىلەرنى ئىلغاپ چىقىرىۋەتتى. 3
بۇ ئىشتىن ئاۋۋال، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل كاھىن ئەلىياشىب توبىيانىڭ تۇغقىنى بولۇپ، 4
ئۇنىڭغا كەڭرى بىر ئۆينى تەييارلاپ بەرگەنىدى. شۇ ئۆيدە ئىلگىرى ئاشلىق ھەدىيەلەر، مەستىكى، قاچا-قۇچا، شۇنىڭدەك لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە بېرىشكە بۇيرۇلغان ئاشلىق ئۆشرىلەر، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيى، شۇنداقلا كاھىنلارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە قۇربانلىق»لار ساقلىناتتى. 5
بۇ ۋاقىتلاردا مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى ئارتاخشاشتانىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكەنىدىم؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن مەن يەنە پادىشاھتىن رۇخسەت ئېلىپ 6
يېرۇسالېمغا قايتىپ بارسام، ئەلىياشىبنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا توبىياغا ئۆي ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدەك رەزىل ئىشنى ئۇقتۇم. 7
بۇ ئىش مېنى قاتتىق ئازابلىدى، مەن توبىيانىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى قويماي تالاغا تاشلاتقۇزىۋەتتىم. 8
مەن يەنە ئەمر قىلىپ، ئۇ ئۆيلەرنى پاكلاتقۇزۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچا، ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن مەستىكنى ئۇ يەرگە ئەكىرگۈزۈپ قويدۇم. 9
مەن يەنە خەقلەرنىڭ لاۋىيلارنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بەرمىگەنلىكىنى، ھەتتا ۋەزىپىگە قويۇلغان لاۋىيلار بىلەن غەزەلكەشلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز يەر-ئېتىزلىقىغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم؛ 10
شۇڭا مەن ئەمەلدارلار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆيى شۇنداق تاشلىۋېتىلدى؟! ــ دەپ، [لاۋىيلارنى] يىغىپ ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزدۇم. 11
ئاندىن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى ئاشلىق ئۆشرىسىنى، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيىنى خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇردى. 12
مەن خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا خەزىنىچى-ئامبارچىلارنى تەيىنلىدىم؛ ئۇلار كاھىن شەلەمىيا، تەۋراتشۇناس زادوك بىلەن لاۋىيلاردىن بولغان پىدايا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ماتتانىيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى ھانان بار ئىدى؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى سادىق، ئىشەنچلىك دەپ ھېسابلىناتتى؛ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى قېرىنداشلىرىغا تېگىشلىك ئۈلۈشلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش ئىدى. 13
ــ «ئاھ خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىن مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، خۇدايىمنىڭ ئۆيى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت خىزمەتلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھرىمنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن!» 14
شۇ كۈنلەردىمۇ مەن يەھۇدىيەدە بەزىلەرنىڭ شابات كۈنلىرىدە شاراب كۆلچەكلىرىنى چەيلەۋاتقىنىنى، ئۆنچىلەرنى باغلاپ، بۇلارنى ۋە شۇنىڭدەك شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەرخىل يۈكلەرنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ، توشۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم؛ ئۇلار بۇلارنى يېرۇسالېمغا شابات كۈنىدە ئېلىپ كىردى؛ ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئاش-تۈلۈكلەرنى سېتىپ يۈرگەن كۈنى مەن ئۇلارنى گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم. 15
يەنە يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان بەزى تۇرلۇقلار بېلىق ۋە ھەرخىل مال-تاۋارلارنى توشۇپ كېلىپ شابات كۈنى يەھۇدىيەلىكلەرگە ساتىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇلارنى يېرۇسالېمدا ساتىدىكەن! 16
شۇ سەۋەبتىن مەن يەھۇدىيە ئەمىرلىرى بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەرنىڭ شابات كۈنىنى بۇلغاپ، رەزىل ئىش قىلغىنىڭلار نېمىسى؟ 17
ئىلگىرى ئاتا-بوۋاڭلار ئوخشاش ئىشنى قىلغان ئەمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇدايىمىز بىزنىڭ بېشىمىزغا ۋە بۇ شەھەرگە ھازىرقى بۇ بالايىئاپەتنى ياغدۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدى سىلەر شابات كۈنىنى بۇلغاپ، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ياغدۇرىدىغان بولدۇڭلار، دېدىم. 18
شۇڭا، شۇنداق بولدىكى، شابات كۈنىدىن ئىلگىرى، گۇگۇم سايىسى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرىغا چۈشكەن ۋاقتىدا، مەن شەھەر قوۋۇقلىرىنى ئېتىشنى بۇيرۇدۇم ۋە شۇنىڭدەك شابات كۈنى ئۆتۈپ كەتكۈچە قوۋۇقلارنى ئاچماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۇم. مەن يەنە ھېچقانداق يۈكنىڭ توشۇلۇپ قوۋۇقلاردىن كىرگۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىمنىڭ بەزىلىرىنى شەھەر قوۋۇقلىرىغا كۆزەتچى قىلىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم. 19
شۇنداق بولسىمۇ سودىگەرلەر ۋە ھەرخىل مال-تاۋار ساتىدىغانلار بىر-ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا تۈنىدى. 20
مەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ سىلەر نېمىشقا سېپىلنىڭ ئالدىدا تۈنەيسىلەر؟ يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار، مەن ئۈستۈڭلارغا قول سالىمەن، دېۋىدىم، ئۇلار شۇنىڭدىن باشلاپ شابات كۈنىدە كەلمىدى. 21
ئاندىن شابات كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەن لاۋىيلارغا: ــ ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار؛ ئاندىن كېلىپ سېپىل دەرۋازىلىرىنى بېقىڭلار، دېدىم. ــ «ئى خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىنمۇ مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، ئۆزۈڭنىڭ زور ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى ئايىغايسەن!» 22
شۇ كۈنلەردە مەن يەنە ئاشدود، ئاممون ۋە موئاب قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالغان بەزى يەھۇدالارنى بايقىدىم. 23
ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يېرىمى ئاشدودچە سۆزلەيدىكەن (ۋە ياكى يۇقىرىقى ئەللەرنىڭ بىرىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان) ۋە يەھۇدىي تىلىدا شۆزلىيەلمەيدىكەن. 24
مەن ئۇلارنى [سوقۇشۇپ] ئەيىبلىدىم، ئۇلارنى قارغىدىم، بىر نەچچىسىنى ئۇرۇپ چاچ-ساقاللىرىنى يۇلدۇم، خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەيسىلەر، ئوغۇللىرىڭلارغىمۇ، ئۆزۈڭلارغىمۇ ئۇلاردىن قىز ئالمايسىلەر! 25
ئىسرائىل پادىشاھى سۇلايمان مۇشۇنداق ئىشلاردا گۇناھ سادىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچقانداق پادىشاھ يوق ئىدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، خۇدا ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەتتا ئۇنىمۇ يات ئەللىك ئاياللار ئازدۇرۇپ گۇناھقا پاتقۇزغان. 26
ئەمدى سىلەرنىڭ گېپىڭلارغا كىرىپ بۇنداق چوڭ رەزىللىك قىلىپ، يات ئەللىك قىزلارنى ئېلىپ خۇدايىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدىم. 27
باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى، يويادانىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھورونلۇق سانباللاتنىڭ كۈيئوغلى ئىدى؛ مەن ئۇنى يېنىمدىن قوغلىۋەتتىم. 28
ــ «ئى خۇدايىم، سەن ئۇلارنى يادىڭدا تۇتقايسەن، چۈنكى ئۇلار كاھىنلىققا داغ تەگكۈگۈچىلەر، كاھىنلىق ھەم لاۋىيلارغا تەۋە ئەھدىنىمۇ بۇلغىغۇچىلاردۇر!». 29
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن نېرى قىلىپ پاكلاندۇردۇم ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىمۇ [يېڭىۋاشتىن] بەلگىلەپ، ھەركىمنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئىگە قىلدىم. 30
مەن يەنە ئۆز ۋاقتىدا ئوتۇن-ياغاچ ئېلىپ كېلىنىشى ۋە دەسلەپكى ھوسۇلنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشقىمۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئاھ خۇدايىم، مېنى يادىڭدا تۇتۇپ، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!». 31