< نەھەمىيا 12 >

شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا بىلەن بىرلىكتە [سۈرگۈنلۈكتىن] چىققان كاھىن ۋە لاۋىيلار تۆۋەندىكىلەر: ــ [كاھىنلار] سېرايا، يەرەمىيا، ئەزرا، 1
ئامارىيا، ماللۇق، ھاتتۇش، 2
شېكانىيا، رەھۇم، مەرەموت، 3
ئىددو، گىننىتوي، ئابىيا، 4
مىيامىن، مائادىيا، بىلگاھ، 5
شېمايا، يوئارىب، يەدايا، 6
ساللو، ئاموك، ھىلقىيا ۋە يەدايا. بۇلار بولسا يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدە كاھىن بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 7
لاۋىيلاردىن بولسا يەشۇئا، بىننۇئىي، كادمىيەل، شەرەبىيا، يەھۇدا، ماتتانىيالار؛ ماتتانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا مەسئۇل بولدى. 8
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى باكبۇكىيا بىلەن ئۇننى نۆۋىتى بويىچە ئۇلار بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل خىزمەتتە تۇراتتى. 9
يەشۇئادىن يوياكىم تۆرەلدى، يوياكىمدىن ئەلىياشىب تۆرەلدى، ئەلىياشىبتىن يويادا تۆرەلدى، 10
يويادادىن يوناتان تۆرەلدى، يوناتاندىن ياددۇئا تۆرەلدى. 11
يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە كاھىنلاردىن جەمەت باشلىقى بولغانلار مۇنۇلار: ــ سېرايا جەمەتىگە مېرايا؛ يەرەمىيا جەمەتىگە ھانانىيا؛ 12
ئەزرا جەمەتىگە مەشۇللام؛ ئامارىيا جەمەتىگە يەھوھانان؛ 13
مېلىكۇ جەمەتىگە يوناتان؛ شەبانىيا جەمەتىگە يۈسۈپ؛ 14
ھارىم جەمەتىگە ئادنا؛ مېرايوت جەمەتىگە ھەلكاي؛ 15
ئىددو جەمەتىگە زەكەرىيا؛ گىننىتون جەمەتىگە مەشۇللام؛ 16
ئابىيا جەمەتىگە زىكرى؛ مىنيامىن بىلەن موئادىيالارنىڭ جەمەتىگە پىلتاي؛ 17
بىلگاھ جەمەتىگە شاممۇئا؛ شېمايا جەمەتىگە يەھوناتان؛ 18
يوئارىب جەمەتىگە ماتتىناي؛ يەدايا جەمەتىگە ئۇززى؛ 19
ساللاي جەمەتىگە كاللاي؛ ئاموك جەمەتىگە ئېبەر؛ 20
ھىلقىيا جەمەتىگە ھاسابىيا؛ يەدايا جەمەتىگە نەتانەل. 21
ئەلىياشىب، يويادا، يوھانان ۋە ياددۇئانىڭ كۈنلىرىدە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تىزىملانغان ۋە ئوخشاشلا، پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختتىكى چاغلارغىچە كاھىنلارمۇ تىزىملىنىپ كەلگەن. 22
جەمەت باشلىقى بولغان لاۋىيلار تاكى ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى يوھاناننىڭ ۋاقتىغىچە تەزكىرىنامىدە تىزىملىنىپ كەلگەن. 23
لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان ھاسابىيا، شەرەبىيا، كادمىيەلنىڭ ئوغلى يەشۇئالار قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ ئەمرى بويىچە نۆۋەتلىشىپ مەدھىيە-مۇناجات، تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىپ تۇراتتى. 24
ماتتانىيا، باكبۇكىيا، ئوبادىيا، مەشۇللام، تالمون بىلەن ئاككۇبلار دەرۋازىۋەنلەر بولۇپ، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ ئامبارلىرىغا قارايتتى. 25
بۇ كىشىلەر يوزاداكنىڭ نەۋرىسى، يەشۇئانىڭ ئوغلى يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە، شۇنىڭدەك ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرانىڭ كۈنلىرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. 26
يېرۇسالېم سېپىلىنى [خۇداغا] ئاتاپ تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغدا، جامائەت لاۋىيلارنى تۇرغان ھەرقايسى جايلاردىن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىش، غەزەل ئوقۇش، چاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلارنى چېلىشقا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئاتاپ تاپشۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. 27
غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتىن، نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىن، 28
بەيت-گىلگالدىن، گېبا بىلەن ئازماۋەت ئېتىزلىقلىرىدىن يىغىلغانىدى؛ چۈنكى غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرىگە مەھەللە-قىشلاقلار قۇرۇۋالغانىدى. 29
كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى، ئاندىن خەلقنى ۋە سېپىل دەرۋازىلىرىنى ھەم سېپىلنىڭ ئۆزىنىمۇ پاكلىدى. 30
مەن [نەھەمىيا] يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنى باشلاپ سېپىلغا چىقىپ، تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى چوڭ ئەترەت ئادەمنى ئۇيۇشتۇردۇم، بىر ئەترەت سېپىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «تېزەك قوۋۇقى»غا قاراپ ماڭدى، 31
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھوشايا بىلەن يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېرىمى ماڭدى؛ 32
يەنە ئازارىيا، ئەزرا، مەشۇللام، 33
يەھۇدا، بىنيامىن، شېمايا، يەرەمىيامۇ ماڭدى؛ 34
شۇنىڭدەك كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى قوللىرىغا كاناي ئالغان ھالدا ماڭدى: ــ ئۇلاردىن يوناتاننىڭ ئوغلى زەكەرىيا بار ئىدى (يوناتان شېمايانىڭ ئوغلى، شېمايا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى). 35
ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا، ئازارەل، مىلالاي، جىلالاي، مائايى، نەتانەل، يەھۇدا، ھانانىيالار بار ئىدى؛ ئۇلار قوللىرىغا خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ سازلىرىنى ئېلىشقانىدى؛ تەۋراتشۇناس ئەزرا ئۇلارنىڭ بېشىدا ماڭغانىدى. 36
ئۇلار «بۇلاق قوۋۇقى»غا كېلىپ «داۋۇتنىڭ شەھىرى»نىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ، «داۋۇتنىڭ ئوردىسى»دىن ئۆتۈپ، كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»غا كەلدى. 37
تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككىنچى ئەترەت سول تەرەپ بىلەن ماڭدى، مەن ۋە جامائەتنىڭ يېرىمى ئۇلارنىڭ ئارقىدىن مېڭىپ، سېپىل ئۈستىدە «خۇمدانلار مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «كەڭ سېپىل»غىچە مېڭىپ، 38
«ئەفرائىم قوۋۇقى»، «كونا قوۋۇق»، «بېلىق قوۋۇقى» ئۈستىدىن ئۆتۈپ، «ھانانىيەل مۇنارى» ۋە «يۈزنىڭ مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «قوي قوۋۇقى»غا كېلىپ، ئاندىن «قاراۋۇللار قوۋۇقى»دا توختىدۇق. 39
ئاندىن تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى ئەترەت ئادەم خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇردى؛ مەن بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ يېرىمىمۇ شۇ يەردە تۇردۇق؛ 40
كاھىنلاردىن ئېلىئاكىم، مائاسېياھ، مىنيامىن، مىگايا، ئەليويىناي، زەكەرىيا بىلەن ھانانىيالار كارنايلىرىنى ئېلىپ تۇرۇشتى؛ 41
يەنە مائاسېياھ، شېمايا، ئەلىئازار، ئۇززى، يەھوھانان، مالكىيا، ئېلام بىلەن ئېزەرمۇ تۇرۇشتى؛ غەزەلكەشلەر يىزراقىيانىڭ يېتەكچىلىكىدە جاراڭلىق غەزەل ئوقۇشتى. 42
شۇ كۈنى جامائەت ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك قۇربانلىقلارنى سۇندى ھەم بەك خۇشال بولۇپ كېتىشتى، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى زور شادلىق بىلەن شادلاندۇرغانىدى؛ ئاياللار بىلەن بالىلارمۇ شۇنداق شادلاندى؛ يېرۇسالېمدىكى بۇ خۇشاللىق سادالىرى يىراق-يىراقلارغا ئاڭلاندى. 43
ئۇ چاغدا بىر قىسىم كىشىلەر كۆتۈرمە قۇربانلىقلار، دەسلەپكى پىشقان ھوسۇللار ۋە ئۆشرىلەرنى ساقلايدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلەندى؛ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىزلىقلاردىن، تەۋرات قانۇنىدا كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بېرىشكە بەلگىلەنگەن ئۈلۈشلەر شۇ يەردە ساقلىناتتى. چۈنكى يەھۇدا خەلقى ئۆز خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن خۇشال ئىدى. 44
[كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار]، غەزەلكەشلەر بىلەن دەرۋازىۋەنلەرمۇ، ئۆز خۇداسىنىڭ تاپىلىغان ۋەزىپىسىنى ۋە شۇنىڭدەك پاكلاش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە ئۆتەيتتى. 45
چۈنكى قەدىمدە، داۋۇتنىڭ ۋە ئاسافنىڭ كۈنلىرىدە، غەزەلكەشلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ھەم خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا كۈيلىرىنى ئوقۇشقا يېتەكچىلەر بولغانىدى. 46
زەرۇببابەلنىڭ كۈنلىرىدە ۋە نەھەمىيانىڭ كۈنلىرىدە غەزەلكەشلەرنىڭ ۋە دەرۋازىۋەنلەرنىڭ ئۈلۈشلىرىنى، ھەر كۈنلۈك تەمىناتىنى پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بېرەتتى؛ ئۇلار يەنە لاۋىيلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلانغان نەرسىلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى؛ لاۋىيلارمۇ مۇقەددەس ھىسابلانغان نەرسىلەردىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىپ تۇراتتى. 47

< نەھەمىيا 12 >