< نەھەمىيا 10 >

بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مۆھۈر باسقانلار ھاقالىيانىڭ ئوغلى، ۋالىي نەھەمىيا بىلەن زەدەكىيا ئىدى؛ 1
ئاندىن [كاھىنلاردىن] سېرايا، ئازارىيا، يەرەمىيا، 2
پاشخۇر، ئامارىيا، مالكىيا، 3
ھاتتۇش، شەبانىيا، ماللۇق، 4
ھارىم، مەرەموت، ئوبادىيا، 5
دانىيال، گىننىتون، بارۇق، 6
مەشۇللام، ئابىيا، مىيامىن، 7
مائازىياھ، بىلگاي، شېمايالار؛ ئۇلار كاھىنلار ئىدى. 8
لاۋىيلاردىن: ــ ئازانىيانىڭ ئوغلى يەشۇئا، ھېنادادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىننۇئى بىلەن كادمىيەل 9
ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شەبانىيا، خودىيا، كېلىتا، پېلايا، ھانان، 10
مىكا، رەخوب، ھاشابىيا، 11
زاككور، شەرەبىيا، شەبانىيا، 12
خودىيا، بانى، بېنىنۇ ئىدى. 13
جامائەت باشلىقلىرىدىن: پاروش، پاھات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى، 14
بۇننى، ئازگاد، بىباي، 15
ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن، 16
ئاتېر، ھەزەكىيا، ئاززۇر، 17
خودىيا، ھاشۇم، بىزاي، 18
ھارىف، ئاناتوت، نېباي، 19
ماگپىياش، مەشۇللام، ھېزىر، 20
مەشەزابەل، زادوك، ياددۇئا، 21
پىلاتىيا، ھانان، ئانايا، 22
ھوشىيا، ھانانىيا، ھاششۇب، 23
ھاللوخەش، پىلخا، شوبەك، 24
رەھۇم، ھاشابناھ، مائاسېياھ، 25
ئاخىياھ، ھانان، ئانان، 26
ماللۇق، ھارىم، بائاناھلار ئىدى. 27
قالغان خەلق: ــ كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر، ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنى زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقىپ، خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا قايتقانلارنىڭ ھەربىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى قاتارلىق ھىدايەت تېپىپ يورۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى 28
ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان مۆتىۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ: «ئۆزىمىزنى قارغىش قەسىمى بىلەن ئەھدىگە باغلاپ، خۇدانىڭ قۇلى مۇسا ئارقىلىق جاكارلىغان تەۋرات قانۇنىدا مېڭىپ، رەببىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى، ھۆكۈم-بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىمىز؛ 29
قىزلىرىمىزنى بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەرگە ياتلىق قىلمايمىز ھەم ئوغۇللىرىمىزغىمۇ ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەيمىز؛ 30
بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەر شابات كۈنىدە مال-تاۋار ۋە ئاشلىقلىرىنى ئەكىلىپ ساتماقچى بولسا، شابات كۈنلىرى ياكى ھەرقايسى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردىمۇ ئۇلاردىن قەتئىي ھېچنېمە سېتىۋالمايمىز؛ ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى تېرىقسىز ئاق قالدۇرىمىز ھەم بارلىق قەرزلەرنى كەچۈرۈم قىلىمىز» ــ دېيىشتى. 31
بىز يەنە ئۆزىمىزگە ھەربىر ئادەم ھەر يىلى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەل كۈمۈش بېرىشكە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتۇق؛ 32
بۇ پۇل «تىزىلىدىغان تەقدىم نان»لار، دائىمىي ئاشلىق ھەدىيەلەر، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى بىلەن يېڭى ئايلاردىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، قەرەلى بېكىتىلگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن، ھەرخىل مۇقەددەس بۇيۇملار ئۈچۈن، ئىسرائىلغا كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلسۇن دەپ بەلگىلەندى. 33
بىز يەنە ئاتا جەمەتلىرىمىز بويىچە كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە خەلق ئارىسىدا چەك تاشلاپ، ھەر يىلى بەلگىلەنگەن قەرەلدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدا قالاش ئۈچۈن ئوتۇن يەتكۈزۈپ بېرىش نۆۋەتلىرىنى بېكىتتۇق؛ 34
يەنە ھەر يىلى ئېتىزىمىزدىكى تۇنجى پىشقان ھوسۇلنى، ھەممە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۇنجى پىشقان مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى، 35
شۇنداقلا تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك، تۇنجى ئوغلىمىزنى ۋە كالا، قوي-ئوغلاق پادىلىرىدىن تۇنجى چارپىيىمىزنى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇ ئۆيدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كاھىنلارغا ئەپكېلىشنى، 36
ھەربىر يېڭى خېمىرنىڭ دەسلەپ پىشقان نانلىرىدىن بىرنى، شۇنداقلا بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىمىزنى تەقدىم قىلىشنى، ھەرخىل دەرەخلەردىن دەسلەپكى پىشقان مېۋىلەرنى، يېڭى شاراب، يېڭى زەيتۇن مېيىنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشنى، يەنى كاھىنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى، شۇنىڭدەك ئېتىزلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى لاۋىيلارغا بېرىشنى بېكىتتۇق؛ لاۋىيلار بىزنىڭ تېرىقچىلىققا تايىنىدىغان شەھەرلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى تاپشۇرۇۋالسۇن دەپ بېكىتتۇق؛ 37
شۇنىڭدەك، لاۋىيلار چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىن بولغان بىرسى ئۇلار بىلەن بىللە بولسۇن، لاۋىيلار ئەشۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ خۇدانىڭ ئۆيىگە، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ساقلاشقا تاپشۇرسۇن دەپ بەلگىلىدۇق. 38
ئىسرائىللار بىلەن لاۋىيلار ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، يېڭى زەيتۇن مېيىدىن «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ مۇقەددەس جايدىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر ساقلىنىدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا، يەنى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كاھىن، دەرۋازىۋەن ۋە غەزەلكەشلەر تۇرىدىغان جايغا تاپشۇرۇشى كېرەك. بىز خۇدايمىنىزنىڭ ئۆيىنىڭ ھاجەتلىرىدىن ھەرگىز ئۆزىمىزنى تارتمايمىز! 39

< نەھەمىيا 10 >