< نەھەمىيا 1 >

ھاقالىيانىڭ ئوغلى نەھەمىيا شۇنداق بايان قىلدىكى: ــ يىگىرمىنچى يىلى كىسلەۋ ئېيىدا، مەن شۇشان قەلئەسىدە تۇراتتىم، 1
ئۆز قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان ھانانى بىلەن بىرنەچچە كىشى يەھۇدىيەدىن چىقىپ كەلدى؛ مەن ئۇلاردىن سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ قالغان يەھۇدالار ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا سورىدىم. 2
ئۇلار ماڭا: ــ سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلغان خەلقنىڭ قالدىسى [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىدە قاتتىق جاپا-مۇشەققەت ئاستىدا ۋە ئاھانەت ئىچىدە قالدى. يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى بولسا ئۆرۈۋېتىلدى، قوۋۇقلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى، دەپ ئېيتىپ بەردى. 3
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم، بىرنەچچە كۈنگىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، ئاسمانلاردىكى خۇدا ئالدىدا روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ 4
مۇنداق دېدىم: ــ «ئى ئاسماندىكى خۇدا پەرۋەردىگار، ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچى ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، 5
ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇ پەيتتە قۇللىرىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كېچە-كۈندۈز قىلىۋاتقان بۇ دۇئاسىغا قۇلىقىڭ سېلىنغاي، كۆزۈڭ ئوچۇق بولغاي! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىمەن؛ مەنمۇ، ئاتامنىڭ جەمەتىمۇ گۇناھ قىلدۇق! 6
بىز سېنىڭ يولۇڭغا تەتۈر ئىش قىلىپ، سەن قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلىغان ئەمرلىرىڭ، بەلگىلىمىلىرىڭ ۋە ھۆكۈملىرىڭنى ھېچ تۇتمىدۇق. 7
سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلاپ: «ئەگەر سىلەر ۋاپاسىزلىق قىلساڭلار، سىلەرنى پۈتۈن تائىپىلەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىۋېتىمەن؛ لېكىن ماڭا يېنىپ كېلىپ، مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭلار، گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ ئەڭ چېتىگە قوغلىۋېتىلگەنلەر بولسىمۇ، مەن ئۇلارنى شۇ يەردىن يىغىپ، مېنىڭ نامىمنى تىكلەشكە تاللىغان جايغا ئېلىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈڭنى ياد قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈنىمەن. 8
9
بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قۇللىرىڭ ۋە سېنىڭ خەلقىڭ، ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن ھۆرلۈككە قۇتقۇزدۇڭ. 10
ئى رەببىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسىغا ھەم سېنىڭ نامىڭدىن ئەيمىنىشتىن سۆيۈنگەن قۇللىرىڭنىڭمۇ دۇئاسىنى قۇلىقىڭ تىڭشىغاي؛ بۈگۈن قۇلۇڭنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغايسەن، ئۇنى شۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرگەيسەن». شۇ ۋاقىتتا مەن پادىشاھنىڭ ساقىيسى ئىدىم. 11

< نەھەمىيا 1 >