< ناھۇم 1 >

نىنەۋە شەھىرى توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي ــ ئەلكوشلۇق ناھۇم كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن كىتاب. 1
پەرۋەردىگار ئوتلۇق مۇھەببەتلىك، ئىنتىقام ئالغۇچى بىر خۇدادۇر؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار بىر ئىنتىقام ئالغۇچى، دەرغەزەپ ئىگىسىدۇر؛ پەرۋەردىگار ياۋلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلايدۇ. 2
پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، كۈچ-قۇدرەتتە ئۇلۇغدۇر، گۇناھى بارنى ھېچ ئاقلىمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ــ ئۇنىڭ يولى قارا قۇيۇندا ۋە بوراندىدۇر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرى پۇرقىراتقان چاڭ-توزاڭدۇر. 3
ئۇ دېڭىزغا تەنبىھ بېرىپ ئۇنى قۇرۇق قىلىدۇ، بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ باشان قاغجىراپ كېتىدۇ، كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛ لىۋاندىكى گۈل-گىياھمۇ قاغجىرايدۇ. 4
تاغلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ كېتىدۇ، دۆڭلەر ئېرىپ كېتىدۇ، يەر يۈزى ئۇنىڭ ھۇزۇرى ئالدىغا كۆتۈرۈلىدۇ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا بارلىق ياشاۋاتقانلارمۇ شۇنداق بولىدۇ. 5
كىم ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا تىك تۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ دەھشىتىدە قەددىنى كېرىپ تۇرالىسۇن؟ ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئوتتەك تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا تاشلار يېرىلىدۇ. 6
پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، كۈلپەتلىك كۈندە باشپاناھدۇر؛ ئۆزىگە تايانغانلارنى ئۇ بىلىدۇ. 7
بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوغلايدۇ. 8
سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىپ نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ؛ يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ. 9
ئۇلار قامغاقتەك بىر-بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ، ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ. 10
سەندىن پەرۋەردىگارغا رەزىللىك ئويلىغۇچى چىققانىدى، ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر. 11
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ؛ مەن ساڭا ئازار قىلغىنىم بىلەن، [ئى خەلقىم]، قايتىدىن ساڭا ئازار قىلمايمەن. 12
ھازىر مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن سۇندۇرۇپ ئېلىۋاتىمەن، ۋە ئاسارەتلىرىڭنى بۆسۈپ تاشلايمەن. 13
پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى، سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛ بۇتۇڭنىڭ ئۆيىدىن مەن ئويما ھەيكەل، قۇيما ھەيكەلنى يوقىتىمەن؛ مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سەن پەسەندىدۇرسەن. 14
مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا، ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا! ھېيتلىرىڭنى تەبرىكلە، ئى يەھۇدا، ئىچكەن قەسەملىرىڭنى ئادا قىل؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بولغۇچى زېمىنىڭدىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ؛ ئۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بولىدۇ. 15

< ناھۇم 1 >