< ناھۇم 3 >

قانلىق شەھەرگە ۋاي! ئۇ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تولغان، ئۇ ئولجا ئېلىشتىن ھېچ قول ئۈزگەن ئەمەس! 1
ख़ूँरेज़ शहर पर अफ़सोस, वह झूट और लूट से बिल्कुल भरा है; वह लूटमार से बाज़ नहीं आता।
ئاھ، قامچىنىڭ قارسىلداشلىرى! چاقلىرىنىڭ داقاڭشىۋاتقان، ئاتلارنىڭ چاپچىۋاتقان، پىڭىلداپ كېتىۋاتقان جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سادالىرى! 2
सुनो, चाबुक की आवाज़, और पहियों की खड़खड़ाहट और घोड़ों का कूदना और रथों के हिचकोले!
قارا، ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قاڭقىشلىرى، قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى، نەيزىلەرنىڭ پالىلداشلىرى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۆلۈكلەر دۆۋە-دۆۋە! جەسەتلەرنىڭ سانى يوقتۇر؛ ئۇلار جەسەتلەرگە پۇتلىشىدۇ. 3
देखो, सवारों का हमला और तलवारों की चमक और भालों की झलक और मक़्तूलों के ढेर, और लाशों के तूदे; लाशों की इन्तिहा नहीं, लाशों से ठोकरें खाते हैं।
ــ سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ، ــ ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى، جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛ سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن، 4
ये उस ख़ूबसूरत जादूगरनी फ़ाहिशा की बदकारी की कसरत का नतीजा है, क्यूँकि वह क़ौमों को अपनी बदकारी से, और घरानों को अपनी जादूगरी से बेचती है।
مانا، مەن ساڭا قارشىلىشىپ چىققانمەن، ــ ــ دەيدۇ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ يۈزۈڭگە يېپىپ، سېنى ئاشكارىلايمەن، ئەللەرگە ئۇيات يەرلىرىڭنى، پادىشاھلىقلارغا نومۇسۇڭنى كۆرسىتىمەن. 5
रब्ब — उल — अफ़वाज फ़रमाता है, देख, मैं तेरा मुख़ालिफ़ हूँ और तेरे सामने से तेरा दामन उठा दूँगा, और क़ौमों को तेरी बरहनगी और ममलुकतों को तेरा सत्र दिखलाऊँगा।
ئۈستۈڭگە نىجاسەتنى تاشلايمەن، سېنى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرىمەن، سېنى رەسۋا قىلىمەن. 6
और नजासत तुझ पर डालूँगा, और तुझे रुस्वा करूँगा, हाँ तुझे अन्गुश्तनुमा कर दूँगा।
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن قېچىپ: ــ «نىنەۋە ۋەيران قىلىندى! ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم ھازا تۇتىدۇ؟» ــ دەيدۇ؛ مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟ 7
और जो कोई तुझ पर निगाह करेगा, तुझ से भागेगा और कहेगा, नीनवा वीरान हुआ; इस पर कौन तरस खाएगा? मैं तेरे लिए तसल्ली देने वाले कहाँ से लाऊँ।
سەن دەريالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ئەتراپىدا سۇلار بولغان، ئىستىھكامى دېڭىز بولغان، سېپىلى دېڭىز بولغان نو-ئامون شەھىرىدىن ئەۋزەلمۇسەن؟ 8
क्या तू नोआमून से बेहतर हैं, जो नहरों के बीच बसा था और पानी उसकी चारों तरफ़ था; जिसकी शहरपनाह दरिया-ए-नील था, और जिसकी फ़सील पानी था?
ئېفىئوپىيەمۇ، مىسىرمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى، ئۇلارنىڭ كۈچى چەكسىز ئىدى؛ پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى؛ 9
कूश और मिस्र उसकी बेइन्तिहा तवानाई थे; फ़ूत और लूबीम उसके हिमायती थे।
ئۇمۇ ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛ بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى، ئۇنىڭ بارلىق ئەربابلىرى زەنجىردە باغلانغانىدى. 10
तोभी वह जिलावतन और ग़ुलाम हुआ; उसके बच्चे सब कूचों में पटक दिए गए, और उनके शुर्फ़ा पर पर्चा डाला गया, और उसके सब बुज़ुर्ग ज़ंजीरों से जकड़े गए।
سەنمۇ مەست بولىسەن؛ سەن مۆكۈنۈۋالىسەن؛ سەن دۈشمەندىن ھىمايە ئىزدەپ يۈرىسەن؛ 11
तू भी मस्त होकर अपने आप को छिपाएगा, और दुश्मन के सामने से पनाह ढूँडेगा।
سېنىڭ بارلىق ئىستىھكاملىرىڭ خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرگەن ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئەنجۈرلىرىگە ئوخشايدۇ؛ بىرلا سىلكىسە، ئۇلار يېگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. 12
तेरे सब क़िले' अंजीर के दरख़्त की तरह हैं, जिस पर पहले पक्के फल लगे हों, जिसको अगर कोई हिलाए तो वह खाने वाले के मुँह में गिर पड़ें।
مانا، خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز-ئاياللاردەك بولۇپ قالدى؛ زېمىنىڭنىڭ قوۋۇقلىرى دۈشمەنلىرىڭگە كەڭ ئىچىلىدۇ؛ ئوت تۆمۈر تاقاقلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ. 13
देख, तेरे अन्दर तेरे मर्द 'औरतें बन गए, तेरी मम्लुकत के फाटक तेरे दुश्मनों के सामने खुले हैं; आग तेरे अड़बंगों को खा गई।
ئەمدى مۇھاسىرىگە تەييارلىق قىلىپ سۇ تارتىپ قوي! قورغانلىرىڭنى مۇستەھكەملە! سېغىز توپىدىن لاي ئېتىپ، ھاك لاينى چەيلەپ قوي! خۇمداننى راسلاپ قوي! 14
तू अपने घिराव के वक़्त के लिए पानी भर ले, और अपने क़िलों' को मज़बूत कर; गढ़े में उतरकर मिट्टी तैयार कर, और ईंट का साँचा हाथ में ले।
ئوت سېنى شۇ يەردە يەپ كېتىدۇ؛ قىلىچ سېنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ ئۇ سېنى چېكەتكە لىچىنكىسىدەك يەۋاتىدۇ؛ ئەمدى ئۆزۈڭنى چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك كۆپ قىل، چېكەتكىدەك ئۆزۈڭنى زور كۆپ قىل! 15
वहाँ आग तुझे खा जाएगी, तलवार तुझे काट डालेगी। वह टिड्डी की तरह तुझे चट कर जाएगी। अगरचे तू अपने आप को चट कर जाने वाली टिड्डियों की तरह फ़िरावान करे, और फ़ौज — ए — मलख़ की तरह बेशुमार हो जाए।
سەن سودىگەرلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ قىلدىڭ؛ مانا، چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ! 16
तू ने अपने सौदागरों को आसमान के सितारों से ज़्यादा फ़िरावान किया। चट कर जाने वाली टिड्डी, ख़राब करके उड़ जाती है।
سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك، سەردارلىرىڭ مىجىر-مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛ مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ؛ قۇياش چىققاندا، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، بارغان يېرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. 17
तेरे हाकिम मलख़ और तेरे सरदार टिड्डियों का हुजूम हैं, जो सर्दी के वक़्त झाड़ियों में रहती हैं; और जब आफ़ताब निकलता है तो उड़ जाती हैं, और उनका मकान कोई नहीं जानता।
چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى؛ سېنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىڭ جىم ياتىدۇ؛ خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ؛ 18
ऐ शाह — ए — असूर, तेरे चरवाहे सो गए; तेरे सरदार लेट गए। तेरी रि'आया पहाड़ों पर बिखर गई, और उसको इकठ्ठा करने वाला कोई नहीं।
سېنىڭ ياراڭ داۋاسىز، سېنىڭ زەخمىڭ ئېغىردۇر؛ خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈڭدىن چاۋاك چالىدۇ؛ چۈنكى توختاۋسىز رەزىللىكىڭ كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەندۇ؟ 19
तेरी शिकस्तगी ला'इलाज है, तेरा ज़ख़्म कारी है; तेरा हाल सुनकर सब ताली बजाएँगे। क्यूँकि कौन है जिस पर हमेशा तेरी शरारत का बार न था?

< ناھۇم 3 >