< مىكاھ 7 >

مېنىڭ ھالىمغا ۋاي! چۈنكى مەن خۇددى يازدىكى مېۋىلەر يىغىلىپ، ئۈزۈم ھوسۇلىدىن كېيىنكى ۋاساڭدىن كېيىن ئاچ قالغان بىرسىگە ئوخشايمەن، يېگۈدەك ساپاق يوقتۇر؛ جېنىم تەشنا بولغان تۇنجى ئەنجۈر يوقتۇر! 1
ئىخلاسمەن كىشى زېمىندىن يوقاپ كەتتى، ئادەملەر ئارىسىدا دۇرۇس بىرسىمۇ يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان تۆكۈشكە پايلىماقتا، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى تور بىلەن ئوۋلايدۇ. 2
رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛ ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ، سوراقچىمۇ شۇنداق؛ مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا. 3
ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى خۇددى جىغاندەك، ئەڭ دۇرۇسى بولسا، شوخىلىق توسۇقتىن بەتتەردۇر. ئەمدى كۆزەتچىلىرىڭ [قورقۇپ] كۈتكەن كۈن، يەنى [خۇدا] ساڭا يېقىنلاپ جازالايدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋاقتى ھازىر كەلدى. 4
ئۈلپىتىڭگە ئىشەنمە، جان دوستۇڭغا تايانما؛ ئاغزىڭنىڭ ئىشىكىنى قۇچىقىڭدا ياتقۇچىدىن يېپىپ يۈر. 5
چۈنكى ئوغۇل ئاتىسىغا بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېين ئانىسىغا قارشى قوزغىلىدۇ؛ كىشىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئۆيىدىكى ئادەملىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. 6
بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگارغا قاراپ ئۈمىد باغلايمەن؛ نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدانى كۈتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم ماڭا قۇلاق سالىدۇ. 7
ماڭا قاراپ خۇش بولۇپ كەتمە، ئى دۈشمىنىم؛ گەرچە مەن يىقىلىپ كەتسەممۇ، يەنە قوپىمەن؛ قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرسام، پەرۋەردىگار ماڭا يورۇقلۇق بولىدۇ. 8
مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىداپ تۇرىمەن ــ چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدىم ــ ئۇ مېنىڭ دەۋايىمنى سوراپ، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ يۈرگۈزگۈچە كۈتىمەن؛ ئۇ مېنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمەن. 9
ۋە مېنىڭ دۈشمىنىم بۇنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قېنى» دېگەن ئايالنى شەرمەندىلىك باسىدۇ؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭ [مەغلۇبىيىتىنى] كۆرىدۇ؛ ئۇ كوچىدىكى پاتقاقتەك دەسسەپ چەيلىنىدۇ. 10
ــ سېنىڭ تام-سېپىللىرىڭ قۇرۇلىدىغان كۈنىدە، شۇ كۈنىدە ساڭا بېكىتىلگەن پاسىلىڭ يىراقلارغا يۆتكىلىدۇ. 11
شۇ كۈنىدە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ــ ئاسۇرىيەدىن، مىسىر شەھەرلىرىدىن، مىسىردىن [ئەفرات] دەرياسىغىچە، دېڭىزدىن دېڭىزغىچە ۋە تاغدىن تاغغىچە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ. 12
بىراق يەر يۈزى بولسا ئۆزىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تۈپەيلىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مېۋىسى تۈپەيلىدىن خارابە بولىدۇ. 13
ــ ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ئورماندا، كارمەل ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆز مىراسىڭ بولغان پادىنى، تاياق-ھاساڭ بىلەن ئوزۇقلاندۇرغايسەن؛ قەدىمكى كۈنلەردىكىدەك، ئۇلار باشان ھەم گىلېئاد چىمەنزارلىرىدا قايتىدىن ئوزۇقلانسۇن! 14
ــ سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنلەردە بولغاندەك، مەن ئۇلارغا كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىمەن. 15
ئەللەر بۇنى كۆرۈپ بارلىق ھەيۋىسىدىن خىجىل بولىدۇ؛ قولىنى ئاغزى ئۈستىگە ياپىدۇ، قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ؛ 16
ئۇلار يىلاندەك توپا-چاڭنى يالايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەردەك ئۆز تۆشۈكلىرىدىن تىترىگەن پېتى چىقىدۇ؛ ئۇلار قورقۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ۋە سېنىڭ تۈپەيلىڭدىنمۇ قورقىدۇ. 17
قەبىھلىكنى كەچۈرىدىغان، ئۆز مىراسى بولغانلارنىڭ قالدىسىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ئۆتىدىغان تەڭرىدۇرسەن، ئۇ ئاچچىقىنى مەڭگۈگە ساقلاۋەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟ 18
ــ ئۇ يەنە بىزگە قاراپ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ قەبىھلىكلىرىمىزنى ئۇ دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى دېڭىز تەگلىرىگە تاشلايسەن. 19
ــ سەن قەدىمكى كۈنلەردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان ھەقىقەت-ساداقەتنى ياقۇپقا، ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى ئىبراھىمغا يەتكۈزۈپ كۆرسىتىسەن. 20

< مىكاھ 7 >