< مىكاھ 3 >

مەن مۇنداق دېدىم: «ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمنى بىلىش سىلەرگە خاس ئەمەسمۇ؟ 1
ئى ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرگۈچى، يامانلىقنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ــ سىلەر ئۆز خەلقىمدىن تېرىسىنى، ئۇستىخانلىرىدىن گۆشىنى يۇلىدىغان، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، تېرىسى سويۇلغۇچە ئۈستىدىن ساۋايدىغان، ئۇستىخانلىرىنى چاقىدىغان، ئۇلارنى قازانغا تەييارلىغاندەك، داشقازاندىكى گۆشنى توغرىغاندەك توغرايسىلەر! 2
3
بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىدۇ، بىراق ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھلىكى ئۈچۈن، ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يوشۇرىدۇ!». 4
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئازدۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇلار چىشلىرى بىلەن چىشلەيدۇ، «ئامان-تىنچلىق!» دەپ ۋارقىرايدۇ، كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، شۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھازىرلايدۇ!) 5
ــ شۇڭا سىلەرنى «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرمەيدىغان بىر كېچە، پال سالغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق باسىدۇ؛ پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈن ئۇلار ئۈستىدە قارا بولىدۇ؛ 6
«ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگۈچىلەر» شەرمەندە بولىدۇ، پالچىلار يەرگە قارىتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ؛ چۈنكى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمەيدۇ. 7
بىراق مەن بەرھەق پەرۋەردىگارنىڭ روھىدىن كۈچكە تولغانمەن، ياقۇپقا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى، ئىسرائىلغا ئۇنىڭ گۇناھىنى جاكارلاش ئۈچۈن، توغرا ھۆكۈملەرگە ھەم قۇدرەتكە تولغانمەن. 8
بۇنى ئاڭلاڭلار، ئۆتۈنىمەن، ئى ياقۇپ جەمەتىنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمگە ئۆچ بولغانلار، بارلىق ئادالەتنى بۇرمىلايدىغانلار، 9
زىئوننى قان تۆكۈش بىلەن، يېرۇسالېمنى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن قۇرىدىغانلار! 10
[زىئوننىڭ] ھاكىملىرى پارىلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، كاھىنلار «ئىش ھەققى» ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ؛ «پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛ بىراق ئۇلار «پەرۋەردىگارغا تايىنار»مىش تېخى، ۋە: ــ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟ بىزگە ھېچ يامانلىق چۈشمەيدۇ» ــ دېيىشىدۇ. 11
شۇڭا سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلىك بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلاردەكلا بولىدۇ، خالاس. 12

< مىكاھ 3 >