< مىكاھ 1 >

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ــ يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە مورەشەتلىك مىكاھغا كەلگەن: ــ ــ ئۇ بۇلارنى سامارىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا كۆرگەن. 1
ئاڭلاڭلار، ئى خەلقلەر، ھەممىڭلار! قۇلاق سال، ئى يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا بولغان ھەممىڭلار: ــ رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن، رەب مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن! 2
چۈنكى مانا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ؛ 3
ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ، جىلغىلار يېرىلىدۇ، خۇددى موم ئوتنىڭ ئالدىدا ئېرىگەندەك، سۇلار تىك ياردىن تۆكۈلگەندەك بولىدۇ. 4
بۇنىڭ ھەممىسى ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى، ئىسرائىل جەمەتىدىكى گۇناھلار تۈپەيلىدىن بولىدۇ؛ ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نەدىن باشلانغان؟ ئۇ سامارىيەدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ يەھۇدادىكى «يۇقىرى جايلار»[نى ياساش] نەدىن باشلانغان؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ 5
شۇڭا مەن سامارىيەنى ئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، ئۈزۈم تاللىرى تىكىشكە لايىق جاي قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا دومىلىتىپ تاشلايمەن، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يالىڭاچلايمەن؛ 6
ئۇنىڭ بارلىق ئويما مەبۇدلىرى پارا-پارا چېقىۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ پاھىشىلىكتىن ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلىرى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيرانە قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇ پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بىلەن بۇلارنى يىغىپ توپلىدى؛ ئۇلار يەنە پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ. 7
بۇلار ئۈچۈن مەن ئاھ-زار كۆتۈرىمەن، مەن ھۇۋلايمەن؛ يالىڭاياق، يالىڭاچ دېگۈدەك يۈرىمەن؛ مەن چىلبۆرىلەردەك ھۇۋلايمەن؛ ھۇۋقۇشلاردەك ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن. 8
چۈنكى ئۇنىڭ يارىلىرى داۋالىغۇسىزدۇر، ئۇ ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ، خەلقىمنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغىچە يامرىدى. 9
بۇ [ئاپەتنى] گات شەھىرىدە سۆزلىمەڭلار، قەتئىي يىغلىماڭلار؛ بەيت-لە-ئافراھ شەھىرىدە توپا-چاڭدا ئېغىناڭلار! 10
ئى شافىردا تۇرۇۋاتقان قىز، يالىڭاچلىق ۋە شەرمەندىلىك ئىچىدە [ئەسىرلىككە] ئۆت؛ زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار تالاغا ھېچ چىققان ئەمەس؛ بەيت-ئېزەل ئاھ-زارلار كۆتۈرمەكتە؛ «[خۇدا] سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!» 11
ماروتتا تۇرۇۋاتقان قىز ياخشىلىققا تەلمۈرۈپ تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ؛ بىراق يامانلىق پەرۋەردىگاردىن يېرۇسالېم دەرۋازىسىغا چۈشتى. 12
تۇلپارنى جەڭ ھارۋىسىغا قات، ئى لاقىشتا تۇرۇۋاتقان قىز؛ (لاقىش بولسا، زىئون قىزىغا گۇناھنىڭ باشلانغان يېرى ئىدى!) چۈنكى سەندە ئىسرائىلنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تېپىلىدۇ. 13
شۇڭا سەن خۇشلىشىش ھەدىيىلىرىنى مورەشەت-گات شەھىرىگە بېرىسەن؛ ئاقزىبنىڭ دۇكاندارلىرى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ 14
مەن تېخى ساڭا بىر «مىراسخور» ئەپكېلىمەن، ئى مارەشاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قىز؛ ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى ئادۇللامغىمۇ چۈشۈپ كېلىدۇ. 15
ئۆزۈڭنى تاقىرباش قىل، زوقۇڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت؛ قورۇلتازدەك ئايدىڭباشلىقىڭنى كېڭەيت، چۈنكى ئۇلار سەندىن ئايرىلىپ سۈرگۈن بولۇشقا كەتتى. 16

< مىكاھ 1 >