< ماتتا 27 >

تاڭ ئارقاندىلا، پۈتۈن باش كاھىنلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى. 1
ئۇلار ئۇنى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي پونتىئۇس پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. 2
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشلارغا پۇشايمان قىلدى ۋە باش كاھىنلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ: 3
ــ مەن بىگۇناھ بىر جاننىڭ قېنى تۆكۈلۈشكە ساتقۇنلۇق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ــ دېدى. بۇنىڭغا بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ ئۆز ئىشىڭنى بىل! ــ دېيىشتى ئۇلار. 4
يەھۇدا كۆمۈش تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چۆرىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن كېتىپ، تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. 5
باش كاھىنلار كۆمۈش تەڭگىلەرنى يىغىۋېلىپ: ــ بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان [تەڭگىلەردۇر]، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، ــ دېيىشتى. 6
ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇللار بىلەن ياقا يۇرتلۇقلارغا يەرلىك بولسۇن دەپ، ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى. 7
شۇڭا بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق ئېتىز» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 8
شۇ ئىش بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن بۇرۇن ئېيتىلغان مۇنۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى، 9
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى». 10
ئەمدى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى ئەيسا. 11
لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. 12
بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ ــ دېدى. 13
بىراق ئۇ [پىلاتۇسقا] جاۋابەن [شىكايەتلەرنىڭ] بىرسىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ۋالىي بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. 14
ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، ۋالىينىڭ خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش ئادىتى بار ئىدى. 15
ئەينى ۋاقىتتا، [رىملىقلارنىڭ] بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇسى [زىنداندا] ئىدى. 16
خالايىق جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن: ــ كىمنى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى 17
(چۈنكى ئۇ [باش كاھىن قاتارلىقلارنىڭ] ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى). 18
پىلاتۇس «سوراق تەختى»دە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ھەققانىي كىشىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىغىن. چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم، ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 19
لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خالايىقنى ماقۇل قىلىپ، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئەيسانى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدۇردى. 20
ۋالىي جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: ــ سىلەرگە بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. بارابباسنى، ــ دېيىشتى ئۇلار. 21
پىلاتۇس ئەمدى: ــ ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ ــ دېدى. ھەممەيلەن: ــ ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دېيىشتى. 22
پىلاتۇس: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. 23
پىلاتۇس سۆزلىۋېرىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئورنىغا مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: ــ بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! ــ دېدى. 24
پۈتۈن خەلق جاۋابەن: ــ ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېيىشتى. 25
بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەشكە [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى. 26
ئاندىن ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى. 27
ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. 28
تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىغايلا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى. 29
ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى. 30
ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى. 31
ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. 32
ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە، 33
[ئەيساغا] ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، ئىچكىلى ئۇنىمىدى. 34
لەشكەرلەر ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى. 35
ئاندىن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆزەتچىلىك قىلدى. 36
ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ ئەيسا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىلغان شىكايەتنامە تاختىيىنى بېكىتتى. 37
[ئەيسا] بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى. 38
بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ: 39
ــ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزە! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى. 40
باش كاھىنلارمۇ، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: 41
ــ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىمىش! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز. 42
ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي! چۈنكى ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، ــ دېيىشتى. 43
ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەن قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى. 44
ئەمدى كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. 45
توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى. 46
ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: بۇ ئادەم ئىلياس [پەيغەمبەر]گە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. 47
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ قويدى. 48
بىراق باشقىلار: ــ توختا! قاراپ باقايلى، ئىلياس [پەيغەمبەر] كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ ــ دېيىشتى. 49
ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. 50
ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكىرى] پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ، 51
قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، [ئۆلۈمدە] ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى). 52
53
ئەمدى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ھەم يېنىدىكى لەشكەرلەر يەرنىڭ تەۋرىشىنى ۋە باشقا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ: ــ ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېيىشتى. 54
ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرغان نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. 55
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى. 56
كەچقۇرۇن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى. 57
ئۇ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشقا ئەمر قىلدى. 58
يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كاناپ رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى 59
ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىسىگە قويدى. ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى 60
(شۇ چاغدا ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەممۇ ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراتتى). 61
ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ: 62
ــ جانابلىرى، ھېلىقى ئالدامچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە بار. 63
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرى ئۈچىنچى كۈنىگىچە مەھكەم قوغدىلىشى ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلىنمىسا، مۇخلىسلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، ئاندىن خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئالدامچىلىق ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، ــ دېيىشتى. 64
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ بىر گۇرۇپپا كۆزەتچى لەشكەرنى سىلەرگە تاپشۇردۇم. قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە مەھكەم قوغداڭلار، ــ دېدى. 65
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار [كۆزەتچى لەشكەرلەر] بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا قويدى. 66

< ماتتا 27 >