< ماتتا 21 >

ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ئەيسا ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى: 1
ויהי כאשר קרבו לירושלים ובאו אל בית פגי בהר הזיתים וישלח ישוע שנים מן התלמידים׃
ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. بارساڭلارلا، باغلاقلىق بىر ئېشەك ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار. 2
ויאמר אליהם לכו אל הכפר אשר ממולכם שם תמצאו אתון אסורה ועיר עמה התירו אתם והביאו אלי׃
ئەگەر بىرسى سىلەرگە بىر نېمە دېسە، «رەبنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار، ئۇ دەرھال ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ. 3
וכי יאמר איש אליכם דבר ואמרתם האדון צריך להם וברגע ישלחם׃
بۇ پۈتۈن ۋەقە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولدى: ــ 4
וכל זאת היתה למלאת הנאמר ביד הנביא לאמר׃
«زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ». 5
אמרו לבת ציון הנה מלכך יבוא לך עני ורכב על חמור ועל עיר בן אתנות׃
ئەمدى ھېلىقى ئىككى مۇخلىس بېرىپ ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. 6
וילכו התלמידים ויעשו כאשר צוה אתם ישוע׃
ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى ۋە ئۇ ئۈستىگە مىندى. 7
ויביאו את האתון ואת העיר וישימו עליהם את בגדיהם וירכיבהו עליהם׃
ئەمدى توپ-توپ كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ يەنە بىر قىسمى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا ياياتتى. 8
ורב ההמון פרשו את בגדיהם על הדרך ואחרים כרתו ענפי עצים וישטחום על הדרך׃
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن توپ-توپ خالايىق: ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. 9
והמון העם ההלכים לפניו ואחריו קראו לאמר הושע נא לבן דוד ברוך הבא בשם יהוה הושע נא במרומים׃
ئۇ يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: ــ بۇ زادى كىمدۇ؟ ــ دېيىشەتتى. 10
ויהי בבאו ירושלים ותהם כל העיר לאמר מי הוא זה׃
خالايىق: ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى. 11
ויאמרו המני העם זה הוא הנביא ישוע מנצרת אשר בגליל׃
ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، 12
ויבא ישוע אל מקדש האלהים ויגרש משם את כל המוכרים והקונים במקדש ויהפך את שלחנות השלחנים ואת מושבות מכרי היונים׃
ئۇلارغا: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدانىڭ]: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! ــ دېدى. 13
ויאמר אליהם הן כתוב כי ביתי בית תפלה יקרא ואתם שמתם אתו למערת פריצים׃
ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. 14
ויגשו אליו עורים ופסחים במקדש וירפאם׃
لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا-تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى. 15
ויהי כראות הכהנים הגדולים והסופרים את הנפלאות אשר עשה ואת הילדים הצעקים במקדש ואמרים הושע נא לבן דוד ויחר להם׃
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئاڭلاۋاتىمەن! سىلەر [مۇقەددەس يازمىلاردىن] شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى، «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»» دېدى. 16
ויאמרו אליו השמע אתה את אשר אלה אמרים ויאמר ישוע אליהם כן הכי קרא לא קראתם מפי עוללים ויונקים יסדת עז׃
ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيت-ئانىيا يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە قوندى. 17
ויעזבם ויצא מחוץ לעיר אל בית היני וילן שם׃
ئەمدى سەھەردە، شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانىدى. 18
ובבקר שב אל העיר והוא רעב׃
ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى. (aiōn g165) 19
וירא תאנה אחת על הדרך ויקרב אליה ולא מצא בה מאומה מלבד העלים ויאמר אליה מעתה לא יהיה ממך פרי עד עולם ותיבש התאנה פתאם׃ (aiōn g165)
مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ: ــ ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى! ــ دېدى. 20
ויראו התלמידים ויתמהו לאמר איך יבשה התאנה פתאם׃
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ. 21
ויען ישוע ויאמר אליהם אמן אמר אני לכם אם תהיה לכם אמונה ואינכם מסתפקים לא לבד כמעשה התאנה הזאת תעשו כי גם באמרכם אל ההר הזה הנשא והעתק אל תוך הים היו תהיה׃
دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر. 22
וכל אשר תשאלו בתפלה ואתם מאמינים תקחהו׃
ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سوراشتى. 23
ויבא אל המקדש ויהי בלמדו שם ויגשו אליו ראשי הכהנים וזקני העם ויאמרו באי זו רשות אתה עשה אלה ומי נתן לך הרשות הזאת׃
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن. 24
ויען יושע ויאמר אליהם גם אני אשאלה אתכם דבר אחד אשר אם תגידו אתו לי גם אני אגיד לכם באי זו רשות אני עשה אלה׃
يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 25
טבילת יוחנן מאין היתה המן השמים אם מבני אדם ויחשבו בלבבם לאמר׃
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، خەلقتىن قورقىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى يەھيانى پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ ــ دېيىشتى. 26
אם נאמר מן השמים יאמר אלינו מדוע אפוא לא האמונתם לו ואם נאמר מבני אדם יראים אנחנו את המון העם כי כלם חשבים את יוחנן לנביא׃
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. 27
ויענו את ישוע ויאמרו לא ידענו ויאמר אליהם גם אני לא אמר לכם באי זו רשות אני עשה אלה׃
ئەمدى بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ بىرىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ. 28
אבל מה דעתכם איש היה ולו שני בנים ויגש אל הראשון ויאמר בני לך היום ועבד בכרמי׃
«بارمايمەن» دەپتۇ ئۇ، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ. 29
ויען ויאמר אינני אבא ואחרי כן נחם וילך׃
ئۇ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ ئەپەندىم، باراي» دەپتۇ-يۇ، لېكىن بارماپتۇ. 30
ויגש אל השני וידבר כזאת גם אליו ויען ויאמר הנני אדני ולא הלך׃
بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ؟ ــ بىرىنچى ئوغلى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە. 31
מי משניהם עשה את רצון האב ויאמרו אליו הראשון ויאמר להם ישוע אמן אמר אני לכם המוכסים והזונות יקדמו אתכם לבוא אל מלכות האלהים׃
چۈنكى گەرچە يەھيا [پەيغەمبەر] سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار. 32
כי יוחנן בא אליכם בדרך צדקה ולא האמנתם לו אבל המוכסים והזונות הם האמינו לו ואתם ראיתם ולא שבתם אחרי כן להאמין לו׃
يەنە بىر تەمسىلنى ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدا بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. 33
משל אחר שמעו איש בעל בית היה ויטע האיש כרם ויעש גדר סביב לו ויחצב יקב ויבן מגדל בתוכו ויתנהו אל כרמים וילך בדרך מרחוק׃
ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. 34
ויהי בהגיע עת האסיף וישלח עבדיו אל הכרמים לקחת את פריו׃
لېكىن باغۋەنلەر قۇللىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىلىپتۇ. 35
ויחזיקו הכרמים בעבדיו את זה הכו ואת זה הרגו ואת זה סקלו׃
ئۇ يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق باغۋەنلەر ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپتۇ. 36
ויוסף שלח עבדים אחרים רבים מן הראשונים ויעשו ככה גם להם׃
ئاخىردا، ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. 37
ובאחרונה שלח אליהם את בנו באמרו מפני בני יגורו׃
لېكىن باغۋەنلەر ئوغۇلنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىراسىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. 38
ויהי כראות הכרמים את הבן ויאמרו איש אל אחיו זה הוא היורש לכו ונהרגהו ונאחזה בנחלתו׃
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. 39
ויחזיקו בו וידחפוהו אל מחוץ לכרם ויהרגו אתו׃
ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى كەلگەندە، شۇ باغۋەنلەرنى قانداق قىلار؟ 40
והנה כבוא בעל הכרם מה יעשה לכרמים ההם׃
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 41
ויאמרו אליו ירע לרעים ויאבדם ואת הכרם יתן לכרמים אחרים אשר ישיבו לו את הפרי בעתו׃
ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى: ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟: ــ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر». 42
ויאמר ישוע אליהם הכי קרא לא קראתם בכתובים אבן מאסו הבונים היתה לראש פנה מאת יהוה היתה זאת היא נפלאת בעינינו׃
شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ. 43
על כן אני אמר לכם כי תקח מכם מלכות האלהים ותנתן לגוי אשר יעשה את פריה׃
بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. 44
והנפל על האבן ההיא ישבר ואשר תפל עליו תשחקהו׃
باش كاھىنلار ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. 45
ויהי כשמע הכהנים הגדולים והפרושים את משליו ויבינו כי עליהם דבר׃
ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى. 46
ויבקשו לתפשו אך יראו מפני המון העם כי לנביא חשבהו׃

< ماتتا 21 >