< ماتتا 2 >

ئەيسا ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيت-لەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، پۇقرالاردىن: 1
يەھۇدىيلارنىڭ [يېڭىدىن] تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، ــ دېيىشتى. 2
بۇنى ئاڭلىغان ھېرود پادىشاھ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. 3
ئۇ پۈتكۈل باش كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» ــ دەپ سورىدى. 4
ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، ــ چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: ــ 5
«ئى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيت-لەھەم، خەلقىڭ يەھۇدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى بولمايدۇ؛ چۈنكى سەندىن بىر يېتەكچى چىقىدۇ، ئۇ خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ باققۇچىسى بولىدۇ» ــ دېيىشتى. 6
بۇنىڭ بىلەن، ھېرود دانىشمەلەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالدى. 7
ئاندىن: «بېرىپ بالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تېپىڭلار. تاپقان ھامان قايتىپ ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» ــ دەپ، ئۇلارنى بەيت-لەھەمگە يولغا سالدى. 8
دانىشمەنلەر پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يولغا چىقتى؛ ۋە مانا، ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى ۋە بالا تۇرغان يەرگە كېلىپ توختىدى. 9
ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن قاتتىق شادلىنىشتى 10
ھەم ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن كۆرۈپ، يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، خەزىنىلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى سۇنۇشتى. 11
ئۇلارغا چۈشىدە ھېرودنىڭ يېنىغا بارماسلىق توغرىسىدىكى ۋەھىي كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى. 12
ئۇلار يولغا كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا ئۇقتۇرغۇچە ئۇ يەردە تۇرغىن. چۈنكى ھېرود بالىنى يوقىتىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ ــ دېدى. 13
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شۇ كېچىلا بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. 14
ئۇ ھېرود ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 15
ھېرود بولسا دانىشمەنلەردىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دانىشمەنلەردىن ئېنىقلىغان ۋاقىتقا ئاساسەن، ئادەملەرنى ئەۋەتىپ بەيت-لەھەم يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى. 16
شۇ چاغدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ 17
«راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، بۇ راھىلەنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ». 18
ئەمدى ھېرود ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى مىسىردا تۇرغان يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ 19
ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايت! چۈنكى بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، ــ دېدى. 20
بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتتى. 21
ئۇ ئارخېلائۇسنىڭ ئاتىسى ھېرود پادىشاھنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرۇپ يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىنىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ يەرگە قايتىشتىن قورقتى؛ ۋە چۈشىدە ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كېلىپ، گالىلىيە زېمىنىغا بېرىپ، 22
ناسارەت دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق: «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 23

< ماتتا 2 >