< ماتتا 19 >

شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چەت يەرلىرىگە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى يۇرتلارغا باردى. 1
توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇلارنى شۇ يەردىلا ساقايتتى. 2
ئەمدى بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: ــ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق سەۋەبتىن ئايالىنى قويۇۋېتىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 3
شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ [تەۋراتتىن] شۇنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ، مۇقەددەمدە ئىنسانلارنى ياراتقۇچى ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە 4
«شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». 5
شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن. 6
پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن يەنە: ــ ئۇنداقتا، مۇسا [پەيغەمبەر] نېمە ئۈچۈن [تەۋرات قانۇنىدا] ئەر كىشى ئۆز ئايالىغا تالاق خېتىنى بەرسىلا ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىشكە بولىدۇ، دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دەپ سوراشتى. 7
ئۇ ئۇلارغا: ــ تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن مۇسا [پەيغەمبەر] ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان؛ لېكىن ئالەمنىڭ باشلىمىدا بۇنداق ئەمەس ئىدى. 8
ئەمدى شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئايالىنى بۇزۇقلۇقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان ھەرقانداق كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. 9
مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر ئەر بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋال شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن، ــ دېدى. 10
ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ سۆزنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، پەقەت نېسىپ قىلىنغانلارلا قوبۇل قىلالايدۇ. 11
چۈنكى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدىن تۇغما بەزى ئاغۋاتلار بار؛ ۋە ئىنسان تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغان بەزى ئاغۋاتلارمۇ بار؛ ۋە ئەرش پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاغۋات قىلغانلارمۇ بار. بۇ سۆزنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قوبۇل قىلسۇن! ــ دېدى. 12
قولۇڭنى تەگكۈزۈپ دۇئا قىلغايسەن دەپ، بەزىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. 13
ئەمما ئەيسا: ــ بالىلار مېنىڭ ئالدىمغا كەلتۈرۈلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر، ــ دېدى. 14
ۋە قوللىرىنى ئۇلارغا تەگكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. 15
مانا، بىر كۈنى بىر سى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōnios g166) 16
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا مەندىن ياخشىلىق توغرىسىدا سورايسەن؟ «ياخشى بولغۇچىلار» بولسا پەقەت بىرىلا بار. ئەمما ھاياتلىققا كىرىمەن دېسەڭ، ئەمرلەرگە ئەمەل قىل، ــ دېدى. 17
قايسى ئەمرلەرگە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، 18
ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى. 19
ياش يىگىت ئۇنىڭغا: ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى ماڭا يەنە نېمە كەم؟ ــ دېدى. 20
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر مۇكەممەل بولۇشنى خالىساڭ، بېرىپ بار-يوقۇڭنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى. 21
يىگىت مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 22
ئەيسا مۇخلىسلىرىغا: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بايلارنىڭ ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەسلىكتىلا بولىدۇ. 23
ۋە يەنە شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى. 24
مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ: ــ ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 25
ئەمما ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: ــ بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، ــ دېدى. 26
بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مانا، بىز ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ساڭا ئەگەشتۇق! بىز بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىگە ئېرىشىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. 27
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئالەمدىكى ھەممە قايتىدىن يېڭىلانغىنىدا، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ماڭا ئەگەشكەن سىلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. 28
مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يۈز ھەسسە ئارتۇق ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراس بولىدۇ. (aiōnios g166) 29
لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ. 30

< ماتتا 19 >