< ماتتا 16 >

ئەمدى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئۇنى سىناش مەقسىتىدە يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشتى. 1
بىراق ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ كەچقۇرۇن سىلەر قىزىل شەپەقنى كۆرگىنىڭلاردا، «ھاۋا ئەتە ئوچۇق بولىدۇ» دەيسىلەر 2
ۋە ئەتىگەندە: «بۈگۈن بوران چىقىدۇ، چۈنكى ئاسماننىڭ رەڭگى قىزىل ھەم تۇتۇق»، دەيسىلەر. ئاسمان رەڭگى-رويىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، لېكىن بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيسىلەر! 3
رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر «مۆجىزىلىك بىر ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ [دەۋردىكىلەرگە] «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»دىن باشقا ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. 4
مۇخلىسلىرى [دېڭىزنىڭ] ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى. 5
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ــ دېدى. 6
[مۇخلىسلار] ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ: ــ نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇنى دەۋاتسا كېرەك، ــ دېيىشتى. 7
ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە [دېيىشىۋاتقانلىقىنى] بىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ 8
تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنىڭ [تويغۇزۇلغانلىقى]، قانچە سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ 9
يەتتە نان بىلەن تۆت مىڭ كىشىنىڭ [تويغۇزۇلغانلىقى]، يەنە قانچە چوڭ سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلارمۇ ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ 10
سىلەر قانداقمۇ مېنىڭ سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دېگىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟ 11
مۇخلىسلار شۇندىلا ئۇنىڭ ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. 12
ئەيسا قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا كەلگىنىدە، ئۇ مۇخلىسلىرىدىن: كىشىلەر مەن ئىنسانئوغلىنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ ــ دەپ سورىدى. 13
مۇخلىسلىرى: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر] ۋە يەنە بەزىلەر يەرەمىيا ياكى باشقا پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 14
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئەمدى سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. 15
سىمون پېترۇس: ــ سەن مەسىھ، مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 16
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەختلىكسەن، ئى يۇنۇس ئوغلى سىمون! بۇنى ساڭا ئايان قىلغۇچى ھېچ ئەت-قان ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتامدۇر. 17
مەن ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. (Hadēs g86) 18
ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ، سەن يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭ، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ، ــ دېدى. 19
بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولۇپ، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. 20
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئايان قىلىشقا باشلىدى. 21
شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ: ــ يا رەب، ساڭا رەھىم قىلىنغاي! بېشىڭغا بۇنداق ئىشلار قەتئىي چۈشمەيدۇ! ــ دېدى. 22
لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ پېترۇسقا قاراپ: ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭسەن، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى. 23
ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! 24
چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 25
چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! 26
چۈنكى ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ۋە ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ. 27
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. 28

< ماتتا 16 >