< ماتتا 14 >

ئۇ چاغلاردا، ھېرود ھاكىم ئەيسانىڭ نام-شۆھرىتىدىن خەۋەر تېپىپ، 1
tadānīṁ rājā hērōd yīśō ryaśaḥ śrutvā nijadāsēyān jagād,
خىزمەتكارلىرىگە: ــ بۇ ئادەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولىدۇ، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسەتمەكتە، ــ دېدى. 2
ēṣa majjayitā yōhan, pramitēbhayastasyōtthānāt tēnētthamadbhutaṁ karmma prakāśyatē|
ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ [ئۆگەي] ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. 3
purā hērōd nijabhrātu: philipō jāyāyā hērōdīyāyā anurōdhād yōhanaṁ dhārayitvā baddhā kārāyāṁ sthāpitavān|
چۈنكى يەھيا ھېرودقا [تەنبىھ بېرىپ]: «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى. 4
yatō yōhan uktavān, ētsayāḥ saṁgrahō bhavatō nōcitaḥ|
ھېرود [شۇ سەۋەبتىن] يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خالايىقتىن قورققانىدى، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ بىلەتتى. 5
tasmāt nr̥patistaṁ hantumicchannapi lōkēbhyō vibhayāñcakāra; yataḥ sarvvē yōhanaṁ bhaviṣyadvādinaṁ mēnirē|
ئەمما ھېرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلەنگەندە، ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرودقا بەك ياقتى؛ 6
kintu hērōdō janmāhīyamaha upasthitē hērōdīyāyā duhitā tēṣāṁ samakṣaṁ nr̥titvā hērōdamaprīṇyat|
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ھەرنېمە تىلىسەڭ شۇنى ساڭا بېرەي، دەپ قەسەم قىلدى. 7
tasmāt bhūpatiḥ śapathaṁ kurvvan iti pratyajñāsīt, tvayā yad yācyatē, tadēvāhaṁ dāsyāmi|
لېكىن قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكەلسىلە، ــ دېدى. 8
sā kumārī svīyamātuḥ śikṣāṁ labdhā babhāṣē, majjayituryōhana uttamāṅgaṁ bhājanē samānīya mahyaṁ viśrāṇaya|
پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، [كاللىسىنى] ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 9
tatō rājā śuśōca, kintu bhōjanāyōpaviśatāṁ saṅgināṁ svakr̥taśapathasya cānurōdhāt tat pradātuma ādidēśa|
ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ، زىنداندا يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. 10
paścāt kārāṁ prati naraṁ prahitya yōhana uttamāṅgaṁ chittvā
شۇنىڭ بىلەن كاللىسى بىر تەخسىگە قويۇلۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. 11
tat bhājana ānāyya tasyai kumāryyai vyaśrāṇayat, tataḥ sā svajananyāḥ samīpaṁ tannināya|
[يەھيانىڭ] مۇخلىسلىرى بولسا بېرىپ، جەسەتنى ئېلىپ دەپنە قىلدى؛ ئاندىن بېرىپ ئەيساغا بۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلدى. 12
paścāt yōhanaḥ śiṣyā āgatya kāyaṁ nītvā śmaśānē sthāpayāmāsustatō yīśōḥ sannidhiṁ vrajitvā tadvārttāṁ babhāṣirē|
ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزى يالغۇز پىنھان بىر جايغا كېتەي دەپ بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. خالايىق بۇنىڭ خەۋىرىنى تاپقاندا، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى. 13
anantaraṁ yīśuriti niśabhya nāvā nirjanasthānam ēkākī gatavān, paścāt mānavāstat śrutvā nānānagarēbhya āgatya padaistatpaścād īyuḥ|
ئۇ [قىرغاققا] چىقىپ كەتكىنىدە، زور بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى ساقايتتى. 14
tadānīṁ yīśu rbahirāgatya mahāntaṁ jananivahaṁ nirīkṣya tēṣu kāruṇikaḥ man tēṣāṁ pīḍitajanān nirāmayān cakāra|
كەچ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئاندىن ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە ئوزۇق سېتىۋالسۇن، ــ دېدى. 15
tataḥ paraṁ sandhyāyāṁ śiṣyāstadantikamāgatya kathayāñcakruḥ, idaṁ nirjanasthānaṁ vēlāpyavasannā; tasmāt manujān svasvagrāmaṁ gantuṁ svārthaṁ bhakṣyāṇi krētuñca bhavān tān visr̥jatu|
لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇلارنىڭ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭلار ئۇلارغا ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. 16
kintu yīśustānavādīt, tēṣāṁ gamanē prayōjanaṁ nāsti, yūyamēva tān bhōjayata|
لېكىن مۇخلىسلار: ــ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، ــ دېيىشتى. 17
tadā tē pratyavadan, asmākamatra pūpapañcakaṁ mīnadvayañcāstē|
ئۇ: ــ ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. 18
tadānīṁ tēnōktaṁ tāni madantikamānayata|
ئۇ خالايىقنى چۆپلۈكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلىرى خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. 19
anantaraṁ sa manujān yavasōparyyupavēṣṭum ājñāpayāmāsa; apara tat pūpapañcakaṁ mīnadvayañca gr̥hlan svargaṁ prati nirīkṣyēśvarīyaguṇān anūdya bhaṁktvā śiṣyēbhyō dattavān, śiṣyāśca lōkēbhyō daduḥ|
ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. 20
tataḥ sarvvē bhuktvā paritr̥ptavantaḥ, tatastadavaśiṣṭabhakṣyaiḥ pūrṇān dvādaśaḍalakān gr̥hītavantaḥ|
ئوزۇقلانغانلارنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلاردىن باشقا تەخمىنەن بەش مىڭ كىشى ئىدى. 21
tē bhōktāraḥ strīrbālakāṁśca vihāya prāyēṇa pañca sahasrāṇi pumāṁsa āsan|
ئارقىدىلا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، ئاڭغۇچە سىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 22
tadanantaraṁ yīśu rlōkānāṁ visarjanakālē śiṣyān taraṇimārōḍhuṁ svāgrē pāraṁ yātuñca gāḍhamādiṣṭavān|
خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆزى خىلۋەت تاغقا چىقتى. كەچ كىرگەندىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى. 23
tatō lōkēṣu visr̥ṣṭēṣu sa viviktē prārthayituṁ girimēkaṁ gatvā sandhyāṁ yāvat tatraikākī sthitavān|
بۇ چاغدا، كېمە قىرغاقتىن خېلى كۆپ چاقىرىم يۈرگەنىدى، لېكىن شامال قارشى يۆنلىشىتىن چىقىۋاتقاچقا، كېمە دولقۇنلار ئىچىدە چايقىلىپ تۇراتتى. 24
kintu tadānīṁ sammukhavātatvāt saritpatē rmadhyē taraṅgaistaraṇirdōlāyamānābhavat|
كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى. 25
tadā sa yāminyāścaturthapraharē padbhyāṁ vrajan tēṣāmantikaṁ gatavān|
مۇخلىسلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بولۇپ: ــ ئالۋاستى ئىكەن! ــ دەپ قورقۇپ چۇقان سېلىشتى. 26
kintu śiṣyāstaṁ sāgarōpari vrajantaṁ vilōkya samudvignā jagaduḥ, ēṣa bhūta iti śaṅkamānā uccaiḥ śabdāyāñcakrirē ca|
لېكىن ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: ــ يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى. 27
tadaiva yīśustānavadat, susthirā bhavata, mā bhaiṣṭa, ēṣō'ham|
پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئى رەب، بۇ سەن بولساڭ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭغا بېرىشىمغا ئەمر قىلغايسەن، ــ دېدى. 28
tataḥ pitara ityuktavān, hē prabhō, yadi bhavānēva, tarhi māṁ bhavatsamīpaṁ yātumājñāpayatu|
كەل، ــ دېدى ئۇ. پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ، ئەيساغا قاراپ كېتىۋاتاتتى؛ 29
tataḥ tēnādiṣṭaḥ pitarastaraṇitō'varuhya yīśērantikaṁ prāptuṁ tōyōpari vavrāja|
لېكىن بوراننىڭ قاتتىق چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ، سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى: ــ رەب، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى. 30
kintu pracaṇḍaṁ pavanaṁ vilōkya bhayāt tōyē maṁktum ārēbhē, tasmād uccaiḥ śabdāyamānaḥ kathitavān, hē prabhō, māmavatu|
ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىز بەندە، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ ــ دېدى. 31
yīśustatkṣaṇāt karaṁ prasāryya taṁ dharan uktavān, ha stōkapratyayin tvaṁ kutaḥ samaśēthāḥ?
ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى. 32
anantaraṁ tayōstaraṇimārūḍhayōḥ pavanō nivavr̥tē|
كېمىدە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: ــ بەرھەق، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دېيىشتى. 33
tadānīṁ yē taraṇyāmāsan, ta āgatya taṁ praṇabhya kathitavantaḥ, yathārthastvamēvēśvarasutaḥ|
ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە، گىننىسارەت يۇرتىدا [قۇرۇقلۇققا] چىقتى. 34
anantaraṁ pāraṁ prāpya tē ginēṣarannāmakaṁ nagaramupatasthuḥ,
ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئەتراپتىكى بارلىق جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ 35
tadā tatratyā janā yīśuṁ paricīya taddēśsya caturdiśō vārttāṁ prahitya yatra yāvantaḥ pīḍitā āsan, tāvataēva tadantikamānayāmāsuḥ|
ئۇلار ئۇنىڭدىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەللىمازا ساقايدى. 36
aparaṁ tadīyavasanasya granthimātraṁ spraṣṭuṁ vinīya yāvantō janāstat sparśaṁ cakrirē, tē sarvvaēva nirāmayā babhūvuḥ|

< ماتتا 14 >