< ماتتا 12 >

شۇ چاغلاردا بىر شابات كۈنى، ئەيسا بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈپ، يېيىشكە باشلىدى. 1
لېكىن بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ قارا، مۇخلىسلىرىڭ شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، دېيىشتى. 2
بىراق ئۇ ئۇلارغا: ــ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟ 3
ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، [خۇداغا] ئاتالغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى بويىچە يېيىشكە بولمايدىغان «تەقدىم نانلار»نى [سوراپ ئېلىپ]، ئۇلارنى [ھەمراھلىرى] بىلەن بىللە يېگەن. ئەسلىدە بۇ نانلارنى پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولاتتى. 4
سىلەر تەۋراتتىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانسىلەركى، ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان كاھىنلار شابات كۈنلىرى ئىشلەپ شابات تەرتىپىنى بۇزسىمۇ، گۇناھقا بۇيرۇلمايدۇ. 5
بىراق مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە ئىبادەتخانىدىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بار. 6
ئەمدىلىكتە ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] «[مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولساڭلار، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار دەپ بېكىتمەيتتىڭلار. 7
چۈنكى ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. 8
ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى. 9
ۋە مانا، ئۇ يەردە بىر قولى يېگىلەپ قالغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا سەۋەب تاپماقچى بولۇپ ئۇنىڭدىن: ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 10
لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بىرەرسىڭلارنىڭ قويى شابات كۈنى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمايدىغان ئادەم بارمىدۇ؟ 11
ئىنسان بولسا قويدىن شۇنچە ئەتىبارلىقتۇر! شۇڭا، شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇندۇر. 12
ئاندىن ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 13
بىراق پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى. 14
ئەمما ئەيسا بۇنى بىلىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى؛ 15
ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سالاھيىتىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى. 16
بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: 17
ــ «قاراڭلار، مانا مەن تاللىغان ئۆز قۇلۇم! مېنىڭ سۆيۈملۈكىم، دىلىمنىڭ سۆيۈنگىنى! مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ. 18
ئۇ نە تالاش-تارتىش قىلمايدۇ نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ، كوچىلاردا ئۇنىڭ كۆتۈرگەن ئاۋازىنى ھېچ ئاڭلىغۇچى بولمايدۇ. 19
تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە، يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ، تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛ 20
ۋە ئەللەر ئۇنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلايدۇ». 21
شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. 22
بارلىق خالايىق ھەيران بولۇشۇپ: ــ ئەجەبا، بۇ داۋۇتنىڭ ئوغلىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 23
لېكىن پەرىسىيلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: ــ ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزىبۇبقا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن، دېيىشتى. 24
لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. 25
ئەگەر شەيتان شەيتاننى قوغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ 26
ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن! 27
لېكىن مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىغان بولسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرۋەقە ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولدى. 28
بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا، ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. 29
مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە [ئادەملەرنى] يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر. 30
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەرتۈرلۈك گۇناھلىرى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ. 31
ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان كىمدەكىم بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. (aiōn g165) 32
دەرەخ ياخشى بولسا، مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ ــ ياكى دەرەخ پور بولسا، مېۋىسىمۇ ناچار بولىدۇ؛ چۈنكى ھەرقانداق دەرەخ ئۆز مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ. 33
ئەي يىلانلارنىڭ پەرزەنتلىرى! سىلەر رەزىل تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى سۆز چىقسۇن؟ چۈنكى ئادەمنىڭ قەلبىدە نېمە تولۇپ تاشقان بولسا ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. 34
ياخشى ئادەم ئۆز ياخشى خەزىنىسىدىن ياخشى نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. يامان ئادەم يامان خەزىنىسىدىن يامان نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. 35
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلار قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق سۆزى ئۈچۈن سوراق كۈنى ھېساب بېرىدۇ. 36
چۈنكى ئۆز سۆزلىرىڭ بىلەن يا ھەققانىي ئىسپاتلىنىسەن، يا سۆزلىرىڭلار بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلىسەن. 37
شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇستاز، سەندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرگۈمىز بار، ــ دېدى. 38
لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر بىر «ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ دەۋردىكىلەرگە «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق مۆجىرىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. 39
چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ياتقاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا ياتىدۇ. 40
سوراق كۈنى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇنۇس [پەيغەمبەر] جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ، [يامانلىقىدىن] توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، مۇشۇ يەردە يۇنۇس [پەيغەمبەر]دىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ! 41
سوراق كۈنى «جەنۇبتىكى ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، ھازىر مۇشۇ يەردە سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ. 42
ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قۇرغاق دالالارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ، بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ 43
ۋە: «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ يەنىلا بوش تۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، 44
بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ رەزىل دەۋردىكىلەرنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ. 45
ئۇ توپلاشقان خالايىققا داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، مانا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى. 46
شۇنىڭ بىلەن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ تاشقىرىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. 47
لېكىن ئۇ جاۋابەن شۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن كىشىدىن: «كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟» ــ دەپ سورىدى. 48
ئاندىن ئۇ قولىنى سوزۇپ مۇخلىسلىرىنى كۆرسىتىپ: ــ مانا مېنىڭ ئانام، مانا مېنىڭ ئىنىلىرىم! 49
چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، ــ دېدى. 50

< ماتتا 12 >