< ماتتا 1 >

بۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ۋە داۋۇتنىڭ ئوغلى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابىدۇر: ــ 1
ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى، ئىسھاقتىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئاتىسى بولدى؛ 2
يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى؛ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، ھەزروندىن رام تۆرەلدى، 3
رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابدىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، 4
سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى، ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى، 5
يەسسەدىن داۋۇت پادىشاھ تۆرەلدى. داۋۇتتىن ئۇرىيانىڭ ئايالى ئارقىلىق سۇلايمان تۆرەلدى، 6
سۇلايماندىن رەھوبوئام تۆرەلدى، رەھوبوئامدىن ئابىيا تۆرەلدى، ئابىيادىن ئاسا تۆرەلدى، 7
ئاسادىن يەھوشافات تۆرەلدى، يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى، يەھورامدىن ئۇززىيا تۆرەلدى، 8
ئۇززىيادىن يوتام تۆرەلدى، يوتامدىن ئاھاز تۆرەلدى، ئاھازدىن ھەزەكىيا تۆرەلدى، 9
ھەزەكىيادىن ماناسسەھ تۆرەلدى، ماناسسەھدىن ئامون تۆرەلدى، ئاموندىن يوشىيا تۆرەلدى؛ 10
بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا يوشىيادىن يەكونىياھ ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى تۆرەلدى. 11
بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن، يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى، شېئالتىئەلدىن زەرۇببابەل تۆرەلدى، 12
زەرۇببابەلدىن ئابىھۇد تۆرەلدى، ئابىھۇددىن ئېلىئاقىم تۆرەلدى، ئېلىئاقىمدىن ئازور تۆرەلدى، 13
ئازوردىن زادوك تۆرەلدى، زادوكتىن ئاقىم تۆرەلدى، ئاقىمدىن ئەلىھۇد تۆرەلدى، 14
ئەلىھۇدتىن ئەلىئازار تۆرەلدى، ئەلىئازاردىن ماتتان تۆرەلدى، ماتتاندىن ياقۇپ تۆرەلدى، 15
ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى؛ مەريەم ئارقىلىق مەسىھ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى. 16
شۇنداق بولۇپ، ئىبراھىمدىن داۋۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ داۋۇتتىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغىچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن مەسىھ كەلگۈچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان. 17
ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولدى: ــ ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم يۈسۈپكە ياتلىق بولۇشقا ۋەدە قىلىنغانىدى؛ لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. 18
لېكىن ئۇنىڭ [بولغۇسى] ئېرى يۈسۈپ، دۇرۇس كىشى بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى. 19
ئەمما ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، مانا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي داۋۇتنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى ئۆز ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بولغان ھامىلە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. 20
ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېدى. 21
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ 22
«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ». 23
يۈسۈپ ئويغىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ شۇ پەرىشتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. 24
لېكىن مەريەم بوشانغۇچە ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىدى. بۇ مەريەمنىڭ تۇنجىسى ئىدى؛ يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى. 25

< ماتتا 1 >