< ماركۇس 9 >

ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. 1
ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، 2
كىيىملىرى يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ئاقارتقۇچىمۇ ئاقارتالمىغۇدەك دەرىجىدە پارقىراپ قاردەك ئاپئاق بولدى. 3
ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] تۇيۇقسىز كۆرۈندى؛ ئۇلار ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانىدى. 4
پېترۇس بۇ ئىشقا جاۋابەن ئەيساغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى 5
(چۈنكى پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى ئۇلار قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتكەنىدى). 6
تۇيۇقسىز بىر پارچە بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى ۋە بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر؛ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 7
ئۇلار لاپپىدە ئەتراپىغا قارىشىۋىدى، لېكىن يەنە ھېچكىمنى كۆرمىدى، ئۆز يېنىدا پەقەت ئەيسانىلا كۆردى. 8
ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، ئەيسا ئۇلارغا، ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى ئەمر قىلىپ تاپىلىدى. 9
ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزئارا مۇلاھىزىلەشتى. 10
ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس [پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن] ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 11
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرۋەقە [مەسىھتىن] ئاۋۋال كېلىدۇ، ئاندىن ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ؛ ئەمدى نېمىشقا مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە خورلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگەن؟ 12
لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى. 13
ئۇلار مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرنەچچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 14
ئۇنى كۆرگەن پۈتۈن خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. 15
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر، ــ دەپ سورىدى. 16
خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا گاچا قىلغۇچى بىر روھ چاپلىشىۋالغان. 17
ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، ــ دېدى. 18
ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى. 19
ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى. 20
ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن: ــ بۇ ئىش بېشىغا كەلگىنىگە قانچە ئۇزۇن بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق، 21
جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! ــ دېدى. 22
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! ــ دېدى. 23
بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: ــ مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! ــ دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ. 24
ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! ــ دېدى. 25
شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى-دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى. 26
لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى. 27
ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. 28
ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ خىل [جىن] دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، ــ دېدى. 29
ئۇلار شۇ يەردىن ئايرىلىپ، گالىلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايتتى. 30
چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى. 31
لېكىن [مۇخلىسلار] بۇ سۆزنى چۈشەنمىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. 32
ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن: ــ يولدا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 33
لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر-بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى. 34
ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى. 35
ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: 36
ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 37
يۇھاننا ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشكەنلەردىن بولمىغاچقا، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى. 38
لېكىن ئەيسا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن بىر مۆجىزە ياراتقان بىرسى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. 39
چۈنكى بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر. 40
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە ھەتتا بىرەر پىيالە سۇ بەرگەن كىشىمۇ ئۆز ئىنئامىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ. 41
لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. 42
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (Geenna g1067) 43
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. 44
ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna g1067) 45
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. 46
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna g1067) 47
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. 48
ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ. 49
تۇز ياخشى نەرسىدۇر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تۇزلۇقىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۆزۈڭلاردا تۇز تېپىلسۇن ۋە بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ئۆتۈڭلار. 50

< ماركۇس 9 >