< ماركۇس 5 >

ئۇلار دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا، گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. 1
ئۇ كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. 2
ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ھېچكىم زەنجىرلەر بىلەنمۇ باغلىيالمايتتى. 3
چۈنكى كۆپ قېتىم پۇت-قوللىرى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈۋېتىپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى؛ ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. 4
ئۇ كېچە-كۈندۈز مازارلىقتا ۋە تاغلار ئارىسىدا توختاۋسىز ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى، ئۆز-ئۆزىنى تاشلار بىلەن كېسىپ يارىلاندۇراتتى. 5
لېكىن ئۇ ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، سەجدە قىلدى 6
ۋە قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىراپ: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ! خۇدا ھەققى، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قىينىما! ــ دېدى 7
(چۈنكى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھەي ناپاك روھ، ئۇنىڭدىن چىق!» دېگەنىدى). 8
ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئىسمىم «قوشۇن» ــ چۈنكى سانىمىز كۆپ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 9
ۋە ئۇ ئەيسادىن ئۇلارنى بۇ يۇرتتىن ھەيدىۋەتمىگەيسەن، دەپ كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. 10
تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. 11
جىنلار ئۇنىڭغا: ــ بىزنى مۇشۇ توڭگۇزلارغا ئەۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە يول قويغايسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى. 12
ئەيسا دەرھال يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ناپاك روھلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشى بىلەنلا، توڭگۇزلار تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، دېڭىزغا غەرق بولدى. ئۇلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئىدى. 13
توڭگۇز باققۇچىلار بولسا ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ ئىشلارنى پۇر قىلدى. شۇ يەردىكىلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى چىقىشتى. 14
ئۇلار ئەيسانىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئىلگىرى جىنلار چاپلىشىۋالغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ئولتۇرغىنىنى ــ يەنى «قوشۇن جىنلار» چاپلاشقان شۇ ئادەمنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. 15
بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەر جىنلار چاپلاشقان ئادەمدە نېمە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خەلققە بايان قىلىپ بەردى. 16
بۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيساغا: يۇرتلىرىمىزدىن چىقىپ كەتكەيسەن، دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. 17
ئۇ كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىنلار چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن: مەنمۇ سەن بىلەن بىللە باراي، دەپ ئۆتۈندى. 18
لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئۇنىماي: ــ ئۆز ئۆيدىكىلىرىڭ ۋە يۇرتداشلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا شۇنچىلىك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ساڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەرلەندۈرگىن، ــ دېدى. 19
ئۇ قايتىپ بېرىپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى «ئون شەھەر رايونى»دا جار قىلىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ ھەيران قېلىشتى. 20
ئەيسا قايتىدىن كېمە بىلەن دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكەندە، زور بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى؛ ئۇ دېڭىز بويىدا تۇراتتى. 21
مانا، مەلۇم بىر سىناگوگنىڭ چوڭى يائىرۇس ئىسىملىك بىر كىشى كەلدى. ئۇ ئۇنى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىپ: ــ كىچىك قىزىم ئۆلەي دەپ قالدى. بېرىپ ئۇنىڭغا قوللىرىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ ساقىيىپ ياشىغاي! ــ دەپ قاتتىق يېلىندى. 22
23
ئەيسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. زور بىر توپ خالايىقمۇ ئولىشىپ قىستاشقان ھالدا كەينىدىن مېڭىشتى. 24
خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار بولۇپ، 25
ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب تارتىپ، بار-يوقىنى خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. 26
بۇ ئايال ئەيسا ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ تونىنى سىلىدى. 27
چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا ساقايماي قالمايمەن» دەپ ئويلىغانىدى. 28
خۇن شۇئان توختاپ، ئايال كېسەل ئازابىدىن ساقايتىلغانلىقىنى ئۆز تېنىدە سەزدى. 29
ئەيسا دەرھال ۋۇجۇدىدىن قۇدرەتنىڭ چىققانلىقىنى سېزىپ، خالايىقنىڭ ئىچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ: ــ كىيىمىمنى سىلىغان كىم؟ ــ دەپ سورىدى. 30
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ خالايىقنىڭ ئۆزۈڭنى قىستاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، يەنە: «مېنى سىلىغان كىم؟» دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېيىشتى. 31
بىراق ئەيسا ئۆزىنى سىلىغۇچىنى تېپىش ئۈچۈن تېخىچە ئەتراپىغا قاراۋاتاتتى. 32
ئۆزىدە نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايال قورقۇپ-تىترىگەن ھالدا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئېيتتى. 33
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-خاتىرجەملىكتە قايت! كېسىلىڭنىڭ ئازابىدىن ساقايغىن، ــ دېدى. 34
ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن بەزىلەر بەزىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا: قىزىڭىز ئۆلدى. ئەمدى ئۇستازنى نېمىشقا يەنە ئاۋارە قىلىسىز؟! ــ دېيىشتى. 35
لېكىن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال سىناگوگنىڭ چوڭىغا: قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول! ــ دېدى. 36
ئۇ پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننا بىلەن يولغا چىقتى؛ باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا يول قويمىدى. 37
ئۇ سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، قىيقاس-چۇقاننى، خالايىقنىڭ قاتتىق نالە-پەرياد ۋە ئاھ-زار كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، 38
ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا قىيقاس-چۇقان ۋە ئاھ-زار كۆتۈرىسىلەر؟ بالا ئۆلمەپتۇ، ئۇخلاپ قاپتۇ، ــ دېدى. 39
ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى؛ لېكىن ئۇ ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋېتىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۆز ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، بالا ياتقان ئۆيگە كىردى. 40
ئۇ بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم، ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى. 41
قىز دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى (ئۇ ئون ئىككى ياشتا ئىدى). ئۇلار بۇ ئىشقا مۇتلەق ھەيران قېلىشتى. 42
ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى، شۇنداقلا قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى. 43

< ماركۇس 5 >