< ماركۇس 16 >

شابات كۈنى ئۆتۈشى بىلەنلا، ماگداللىق مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى. 1
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار بەك بالدۇر، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىشى بىلەن قەبرىگە باردى. 2
ئۇلار ئۆزئارا: «بىزگە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى كىم دومىلىتىشىپ بېرەر؟» دېيىشتى. 3
لېكىن ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تاشنىڭ بىر يانغا دومىلىتىۋېتىلگىنىنى كۆردى ــ ئەسلىدە ئۇ تاش ناھايىتى يوغان ئىدى. 4
ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان، ئاق تون كىيگەن، ياش بىر ئادەمنى كۆردى، ۋە قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشتى. 5
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار. سىلەر كرېستلەنگۈچى ناسارەتلىك ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئەمەس. مانا ئۇلار ئۇنى قويغان جاي! 6
لېكىن بېرىڭلار، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ۋە پېترۇسقا: «ئۇ گالىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن؛ ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەر ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، ــ دېدى. 7
ئۇلار قەبرىدىن چىقىپلا بەدەر قاچتى. ئۇلارنى تىترەك بېسىپ ھوشىنى يوقىتاي دېگەنىدى؛ بەك قورقۇپ كەتكەچكە، ھېچكىمگە ھېچنېمىنى ئېيتمىدى. 8
(note: The most reliable and earliest manuscripts do not include Mark 16:9-20.) ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ ئەسلىدە ئۇنىڭدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى. 9
مەريەم چىقىپ، ماتەم تۇتۇپ يىغلىشىپ تۇرغان، بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارغا خەۋەر بەردى. 10
ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى ۋە مەريەمگە كۆرۈنگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ئىشەنمىدى. 11
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېزىغا كېتىۋاتقان ئىككىيلەنگە باشقا سىياقتا كۆرۈندى. 12
بۇلارمۇ قالغانلارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇلارغا خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇلارغىمۇ ئىشەنمىدى. 13
ئاندىن ئون بىرەيلەن داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇ ئۇلارغا كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تاش يۈرەكلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىلگىنىنى كۆرگەنلەرگە ئىشەنمىگەنىدى. 14
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار. 15
ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ. 16
ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ــ ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ، 17
ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ. 18
شۇڭا رەب ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. 19
مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى. 20

< ماركۇس 16 >