< ماركۇس 15 >

ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، باش كاھىنلار ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پۈتكۈل ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەيسانى باغلاپ ئاپىرىپ، [ۋالىي] پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. 1
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋابەن: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى. 2
باش كاھىنلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قايتا-قايتىدىن ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى. 3
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە: ــ جاۋاب بەرمەمسەن؟ قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچىۋالا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ!؟ ــ دەپ سورىدى. 4
بىراق ئەيسا يەنىلا ھېچ جاۋاب بەرمىدى؛ پىلاتۇس بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. 5
ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، خالايىق قايسىبىر مەھبۇسنى تەلەپ قىلسا، ۋالىي ئۇنى قويۇپ بېرەتتى. 6
ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا بارابباس ئىسىملىك بىر مەھبۇس بار ئىدى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە توپىلاڭدا قاتىللىق قىلغان نەچچەيلەن بىلەن تەڭ سولانغانىدى. 7
خالايىق چۇقان-سۈرەن سېلىپ ۋالىيدىن بۇرۇن ھەمىشە ئۇلارغا قىلغىنىدەك يەنە شۇنداق قىلىشىنى تىلەشتى. 8
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى 9
(چۈنكى ئۇ باش كاھىنلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى). 10
لېكىن باش كاھىنلار خالايىقنى: «بۇنىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بەر» دەپ تەلەپ قىلىشقا كۈشكۈرتتى. 11
پىلاتۇس جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: ــ ئۇنداق بولسا، سىلەر «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىغان كىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىل دەۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى. 12
ــ ئۇلار يەنە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. 13
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ نېمە رەزىللىك ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دېدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلىشىپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى. 14
شۇڭا پىلاتۇس، خالايىقنى رازى قىلماقچى بولۇپ، بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەش ئۈچۈن [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى. 15
ئاندىن لەشكەرلەر ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە جەم بولۇشقا چاقىردى. 16
ئۇلار ئۇنىڭ ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى، ئاندىن ئۇلار تىكەنلىك شاخچىلاردىن توقۇغان بىر تاجنى بېشىغا كىيگۈزدى. 17
ئاندىن ئۇنى مۇبارەكلەپ: «ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دېيىشتى. 18
ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى. 19
ئۇلار ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سۆسۈن توننى سالدۇرۇۋېتىپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىشتى. 20
كۇرىنى شەھىرىدىن بولغان، سىمون ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى (بۇ كىشى ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى ئىدى). [لەشكەرلەر] ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، [ئەيسانىڭ] كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. 21
ئۇلار ئەيسانى گولگوتا (تەرجىمىسى، «باش سۆڭەك») دېگەن يەرگە ئېلىپ كەلدى؛ 22
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىچىش ئۈچۈن مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. 23
ئۇلار ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى. 24
ئۇنى كرېستلىگەن ۋاقىت كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى ئىدى. 25
ئۇنى ئەيىبلىگەن شىكايەتنامىدە «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ پۈتۈلگەنىدى. 26
ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىنىمۇ كرېستلىدى، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى. 27
شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قاتارىدا سانالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 28
ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ: ــ ئۇھۇي، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، 29
ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى. 30
باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۆزئارا شۇنداق مەسخىرە قىلىپ: ــ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. 31
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغان مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، شۇنى كۆرسەكلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز! ــ دېيىشتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەنلەرمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى. 32
ئەمدى [كۈننىڭ] ئالتىنچى سائىتى كەلگەندە، پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ۋە توققۇزىنچى سائىتىگىچە داۋام قىلدى. 33
توققۇزىنچى سائەتتە ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: ــ «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى. 34
ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: ــ مانا، ئۇ ئىلياس پەيغەمبەرگە نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. 35
ئۇلاردىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ: ــ توختاپ تۇرۇڭلار! قاراپ باقايلى، ئىلياس [پەيغەمبەر] ئۇنى چۈشۈرگىلى كېلەرمىكىن؟ ــ دېدى. 36
ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. 37
ۋە [شۇ ئەسنادا] ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. 38
ئەمدى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈزبېشى ئۇنىڭ قانداق نىدا قىلىپ روھىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېدى. 39
ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرۇۋاتقان بىرنەچچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، كىچىك ياقۇپ بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى. 40
ئۇلار ئەسلىدە ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىدى؛ بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىرگە كەلگەن يەنە نۇرغۇن ئاياللارمۇ [ئۇنىڭ ئەھۋالىغا] قاراپ تۇراتتى. 41
كەچقۇرۇن كىرىپ قالغاندا («تەييارلاش كۈنى»، يەنى شابات كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بولغاچقا)، 42
ئالىي كېڭەشمىنىڭ تولىمۇ مۆتىۋەر ئەزاسى، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ بار ئىدى. ئۇمۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، جۈرئەت قىلىپ [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 43
پىلاتۇس ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىگە ھەيران بولدى؛ ئۇ يۈزبېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە خېلى ۋاقىت بولدىمۇ، دەپ سورىدى. 44
يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى بەردى. 45
يۈسۈپ ئېسىل كاناپ رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى [كرېستتىن] چۈشۈرۈپ كاناپ رەختتە كېپەنلىدى ۋە ئۇنى قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە قويدى؛ ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا بىر تاشنى دومىلىتىپ قويدى. 46
ۋە ماگداللىق مەريەم بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ئۇنىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى. 47

< ماركۇس 15 >