< ماركۇس 11 >

ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئۇ ئىككى مۇخلىسىغا ئالدىن ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرىپلا، ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. 1
2
ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى ۋە ئۇ ھېلىلا ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ» ــ دەڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. 3
ئۇلار كېتىپ ئاچا يول ئۈستىدىكى ئۆينىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يەشتى. 4
ئۇ يەردە تۇرغانلاردىن بەزىلەر: ــ تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى. 5
مۇخلىسلار ئەيسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاۋاب بەردى، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى. 6
مۇخلىسلار تەخەينى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز يېپىنچا-چاپانلىرىنى تاشلىدى؛ ئۇ ئۈستىگە مىندى. 7
ئەمدى نۇرغۇن كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ باشقىلىرى دەرەخلەردىن شاخ-شۇمبىلارنى كېسىپ يولغا يايدى. 8
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! 9
ئاتىمىز داۋۇتنىڭ كېلىدىغان پادىشاھلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. 10
ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى؛ ۋە ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، ئون ئىككەيلەن بىلەن بىللە يەنە بەيت-ئانىياغا چىقتى. 11
ئەتىسى، ئۇلار بەيت-ئانىيادىن چىققاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 12
يىراقتىكى يوپۇرماقلىق بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر مېۋە تاپالارمەنمىكىن دەپ يېنىغا باردى؛ لېكىن تۈۋىگە كەلگەندە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. چۈنكى بۇ ئەنجۈر پىشىدىغان پەسىل ئەمەس ئىدى. 13
ئۇ دەرەخكە سۆز قىلىپ: ــ بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ھېچكىم سەندىن مېۋە يېمىگەي! ــ دېدى. مۇخلىسلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى. (aiōn g165) 14
ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛ 15
ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق مال-بۇيۇملارنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن كۆتۈرۈپ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى. 16
ئۇ خەلققە: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار! ــ دەپ تەلىم باشلىدى. 17
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى؛ پۈتكۈل خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە تەئەججۇپلىنىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى. 18
كەچقۇرۇن، ئۇ [مۇخلىسلىرى] [بىلەن] شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى. 19
ئەتىسى سەھەردە، ئۇلار ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاشتى. 20
[دەرەخنىڭ ھالىتىنى] ئېسىگە كەلتۈرگەن پېترۇس: ــ ئۇستاز، قارا، سەن قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! ــ دېدى. 21
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار. 22
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ. 23
شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ. 24
ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. 25
لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. 26
ئۇلار يېرۇسالېمغا قايتىدىن كىردى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: 27
ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ئىشلارنى قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى. 28
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن: 29
ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش بولسا، ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ماڭا جاۋاب بەرسەڭلارچۇ! 30
ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 31
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك،... بولمايدۇ! ــ دېيىشتى (كۆپچىلىك يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى). 32
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: ــ بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. 33

< ماركۇس 11 >