< لۇقا 4 >

ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. 1
UYesu amemile upepo uzelu, ahwelile afume hu Yordani, alongoziwe no pepo omuda ohwe nsiku arobaini mwipoli.
ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى. 2
Apete amalabha no shetani. Nensiku ezyo sagalyanga ahantu mpaka nazyamalishe alolile enzala.
ئەمدى ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشقا: «نانغا ئايلان!» دەپ بۇيرۇغىن ــ دېدى. 3
Oshetani wabholankoli, “Mwana wa NGOLOBHE, libhole ihwe eli wahe libumnga.”
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. 4
UYesu agalula, “isimbwilwe: 'eyaje umntu sagaikhala hwibumunda tu.'”
ئىبلىس يەنە ئۇنى ئېگىز بىر تاغقا باشلاپ چىقىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. 5
Wizavwa pamwanya wabhonesya emilki zyonti ezyensi hudaka emo.
ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق شانۇشەۋكەتلەرنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن؛ چۈنكى بۇلار ماڭا تاپشۇرۇلغان، مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن. 6
Oshetani wabhola, “Embahupele ahweenzi ene yonti, nefahari yakwe. Afanaje ehweli makhono gane, nane ehupele yayonti neshe shensongwele.
ئەگەر باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولىدۇ، ــ دېدى. 7
Basi ahwe nkoni namile hwitagalila lyane gonti ganzabhe gahuliwe.”
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. 8
UYesu wagalula wabhola isimbwilwe, “omwinamile, “OGOSI ONGOLOBHE waho ompute omwahale mwene.”
ئاندىن ئىبلىس ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ: ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! 9
Walongozya mpaka Yerusalemu wabheha pamwanya yemnala eshe shibhanza,” wabhola nkashile olimwana wa NGOLOBHE hwiponye pasi.
چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛ 10
afwanaje esimbwilwe”, abhahwu lajizizye amalaika bhakwe bhalinde,
ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. 11
Na fwanaje, makhono gabho bhanzahumweje, osije ogabomula inama, lwaho mwiwe.”
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «[تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى. 12
OYesu wagalula, “Wabhashole, “eyagwilwe oganje hulenje GOSI ONGOLOBHE waho.”
ئىبلىس بارلىق سىناشلارنى ئىشلىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى. 13
Basi nawamala kila esha hulenje oshetani walehe wabhala humuda.
ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. 14
OYesu awelile humaha age opepo ozelu, wabhala hu Galilaya enongwa zyakwe zyazyambanile ensi zyonti ezya msheje msheje.
ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى. 15
Wape asambelezyaga katika mmabhanza gabho ashimihwagwa nabhantu bhonti.
ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى 16
Wabhala hu Nazareti, epo pasongwelwe na isiku elye lutozyo hwinjila mwabhonza neshe sehali edeesturi yakwe wemelela ili abhazye.
ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى: 17
Bhapela chuo esha akuwa Isaya, hwigula echuo, wanza papa simbwilwe,
ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى». 18
Opepo owa GOSI au pamwanya yane afwatanaje amponyizye amafuta abhalombelele apena enongwa enyinza, antumile abhatangazizye bhabhapi nyilwe abhaule hwabho. Avipofu bhalolaje nantele abhaleshe bhashe huru bhabhabhonelwe.
19
Na tangazya omwaha ogwa GOSI gwagweteshehwe.
ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. 20
Washigalilo echuo, wahwezezya amtumishi wakhala, na bhantu bhonti bhabhahali mwisinagogi bhalangulila.
ئۇ كۆپچىلىككە: ــ مانا بۇ ئايەت بۈگۈن قۇلىقىڭلارغا ئاڭلانغىنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا، ــ دېدى. 21
Wanda abhabhole sanyono ensimbo,”Ezi zitimiliye mmakutu genyu.”
ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاپائەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشىپ: ــ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. 22
Bhalola bhonti bhaswiga amazu age neema gagafumile mwilomu lyakwe, bhayanga ono semwana wa Yusufu?
ئۇ ئۇلارغا: ــ شۈبھىسىزكى، سىلەر ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، «خەۋەر تاپقىنىمىزدەك، كەپەرناھۇم شەھىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ، ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ شۇلارنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەۋاتىسىلەر، ــ دېدى. 23
Abhabhola, “bila shaka mbhambole eshilale eshi,” Ganga, hwiponye omwoyo gwaho, amambo gonti gatovwezye aje gabhombeshe hu Kapernaumu, gabhombeshe nepa na ntele katika ensi yaho wewe.”
ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس. 24
Wayanga, “Amina embabhola aje nomo okuwa yabhahweteshewe mnsi ya kwa yoyo,”
مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس [پەيغەمبەر]نىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛ 25
Lelo lyoli embabhola bhahali afwele bhalibhinji katika ensi eya Israeli amaha aga Eliya, wakati amabhengo gafugwilwe amaha gatatu na miezi sita, enzala engosi yahinjiye ensi yonti.
بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن. 26
Wala oEliya sagasontezyewe hwebho, ila hwafwele omo owa Sarepta katika ensi eya Sidoni.
ۋە [شۇنىڭغا ئوخشاش]، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى. 27
Antele, bhahali abheukoma bhinji mwi Israeli omwaha wa kuwa Elisha, wala nomo yaponi ila oNaamani omntu wa Siria.
سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛ 28
Bhamemile ilyoyo bhonti bhabhahali mwibhanza nabhovwa ego.
ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى. 29
Bhasogola bhafumya hwonze eye boma bhantwala mpaka mshenje eyigamba, afanaje ekhaya yao enzegwilwe pamwanya yakwe, ili bhapate hutaje pansi.
لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى. 30
Lelo omwahale ashilile pahati yao wabhola.
ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى. 31
Hwiha mpaka hu Kaeernaumu, iboma elya Galilaya. Wabha asambelezwa isiku elya tunzye.
ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. 32
Bhanswiga nantele hunsambelezyo zyakwe, afwanaje izu lyakwe lili namaha.
ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا: 33
Na mhati mwibhanza, mwoli omntu yali ne roho embibhi walila hwizu igosi,
ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. 34
“Wayanga leha, endineye awe, u Yese wa Nazareti? uyenzele atitezye? Emenye aje hwewenu! wogolosu wa NGOLOBHE!”
لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. 35
QYesu wadamila, “Wayanga, biba ilomu mwepe ndipo lila!”Ipepo lya gwisya pahati, lyafuma asimbhombe nkahamo.
ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى. 36
Bhakhatwa naswije bhont, bhayangana, bhayanga lizu hwele eli, afwatanaje, “abhatanga amapepo abhibhi huwezo na maha bhape bhafuma.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. 37
Enongwa, zyakwe zyazyambona hwonti munsi ela.
ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى. 38
Wafuma mwibhanza winjila munyumba ya Simoni. Wape, okhoi wakwe oSimoni onyina washe wakwe, akhetwe nensugusa ekhali bhalabha kwajili yakwe.
ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى. 39
Hwemelela, papepe nao, waidamila ela ensugasa, yaleha mara eyo wapona wabhabhombela.
كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى. 40
Na isanya nalya swanga, wonti bhali nabhinu abhe mpongo shahashaha bhabhaletile hwamwahale. Wabhabheha amakhon gakwe pamwanya ya shila mntu wabhaponia.
كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. 41
Ipepo bhape bhafumela mwabhantu abhinji bhakhoma ibwago nayanje, “Awe uli mwana wa NGOLOBHE!” Wabhadamila sagaleshile aje bhayangaje, kwasababu bhamanye aje yo Krisi.
كۈن چىقىشى بىلەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ، پىنھان بىر جايغا كەتتى. بىراق توپ-توپ خالايىق ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتى؛ ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئارىمىزدا قالسۇن دەپ كېتىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. 42
Na hwasha, asogoye abhalile humo hwasehulina bhantu. Amabongano bhabha bhahumwanza bhafihahwamurahale bhazaga huzubhile agajesogola hwabhahale.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ يەتكۈزۈشۈم كېرەك؛ چۈنكى مەن دەل بۇ ئىشقا ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى. 43
Wabhabhola, “Ehwanziwa alombelele enongwa enyinza ezya mwene uwa NGOLOBHE katika amaboma agamwabho nantele, afwanaje ensotelezewe.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا تەلىم بېرىپ يۈرىۋەردى. 44
“Basi ali alombelela katika amabhanza aga hu Uyahudi.

< لۇقا 4 >