< لۇقا 3 >

رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى، پونتىئۇس پىلاتۇس يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى، ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا، 1
ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى. 2
ئۇ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق رايونلارنى كېزىپ، كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان [سۇغا] «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى. 3
خۇددى تەۋراتتىكى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن قىسىمدا پۈتۈلگەندەك: «باياۋاندا توۋلىغۇچى بىر كىشىنىڭ: رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 4
بارلىق جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ، بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەسلىتىلىدۇ؛ ئەگرى-توقاي جايلار تۈزلىنىدۇ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشى يوللار قىلىنىدۇ. 5
شۇنداق قىلىپ، بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ! ــ دەپ توۋلايدۇ». 6
يەھيا ئەمدى ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چىققان توپ-توپ خالايىققا: ــ ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى [خۇدانىڭ] چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟! 7
ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار! ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 8
پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخلەر كېسىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ!» ــ دېدى. 9
[ئۇنىڭ ئەتراپىغا] توپلاشقان كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. 10
ئۇ جاۋابەن: ــ ئىككى قۇر چاپىنى بار كىشى بىرىنى يوق كىشىگە بەرسۇن، يەيدىغىنى بار كىشىمۇ شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى. 11
بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. 12
ئۇ ئۇلارغا: ــ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، ــ دېدى. 13
ئاندىن بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: ــ بىزچۇ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا: ــ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زوراۋانلىق بىلەن ئېلىۋالماڭلار، ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار ۋە ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، ــ دېدى. 14
ئەمدى خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ ھەممەيلەن كۆڭلىدە يەھيا توغرۇلۇق «مەسىھ مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى. 15
يەھيا ھەممەيلەنگە جاۋابەن: ــ مەن سىلەرنى دەرۋەقە سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرسى كېلىدۇ؛ مەن ھەتتا كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 16
ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا-ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى. 17
ئەمدى شۇنداق كۆپ باشقا نەسىھەتلەر بىلەن يەھيا خۇش خەۋەرنى خەلققە يەتكۈزدى. 18
[كېيىن]، ھاكىم ھېرود [ئۆگەي] ئاكىسىنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى [تارتىۋالغانلىقى] تۈپەيلىدىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بارلىق باشقا رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەھيا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن، 19
ھېرود بۇ بارلىق رەزىللىكىنىڭ ئۈستىگە يەنە شۇنى قىلدىكى، يەھيانى زىندانغا تاشلىدى. 20
شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ، 21
مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. 22
ئەيسا ئۆز [خىزمىتىنى] باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇ (خەقنىڭ نەزىرىدە) يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يۈسۈپ خېلىينىڭ ئوغلى، 23
خېلىي ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، 24
يۈسۈپ ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناگگاينىڭ ئوغلى، 25
ناگگاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا سېمەينىڭ ئوغلى، سېمەي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يۇدانىڭ ئوغلى، 26
يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زەرۇببابەلنىڭ ئوغلى، زەرۇببابەل سالتىيەلنىڭ ئوغلى، سالاتىيەل نېرىينىڭ ئوغلى، 27
نېرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئاددىنىڭ ئوغلى، ئاددى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى، 28
ئېر يوسەنىڭ ئوغلى، يوسە ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى، ئەلىئېزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، 29
لاۋىي سىمېئوننىڭ ئوغلى، سىمېئون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يوناننىڭ ئوغلى، يونان ئەلىئاقىمنىڭ ئوغلى، 30
ئەلىئاقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتتاتانىڭ ئوغلى، ماتتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى، 31
داۋۇت يەسسەنىڭ ئوغلى، يەسسە ئوبەدنىڭ ئوغلى، ئوبەد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى، 32
ئاممىناداب ئارامنىڭ ئوغلى، ئارام ھېزروننىڭ ئوغلى، ھېزرون پەرەزنىڭ ئوغلى، پەرەز يەھۇدانىڭ ئوغلى، 33
يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى، 34
ناھور سېرۇگنىڭ ئوغلى، سېرۇگ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئېبەرنىڭ ئوغلى، ئېبەر شېلاھنىڭ ئوغلى، 35
شېلاھ قائىناننىڭ ئوغلى، قائىنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد شەمنىڭ ئوغلى، شەم نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لەمەخنىڭ ئوغلى، 36
لەمەخ مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانوخنىڭ ئوغلى، ھانوخ يارەدنىڭ ئوغلى، يارەد ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى، 37
قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى. 38

< لۇقا 3 >