< لۇقا 24 >

ئەمدى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تاڭ يۇراي دەپ قالغاندا، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەتىرلەرنى ئېلىپ، قەبرىگە كەلدى. 1
的第一天,天還很早,婦女們便攜帶預備下的香料,來到墳墓那裏,
ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى؛ 2
見石頭已由墓穴滾開了。
ۋە قەبرىگە كىرىپ قارىۋىدى، رەب ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى. 3
她們進去,不見了主耶穌的遺體。
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. 4
她們正為此事疑慮的時候,忽然有兩個人,穿著耀目的衣服,站在她們身邊。
ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ 5
她們都害怕,把臉垂在地上,那兩個人對她們說:「妳們為什麼在死人中找活人呢﹖
ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! ــ دېدى. 6
祂不在這裡了,祂已復活了。們應當記得:祂還在加利肋亞時,怎樣告訴過你們說:
7
「人子必須被於罪人之手,被釘在十字架上,並在第三日復活。」
ۋە ئۇلار ئۇنىڭ [دەل] شۇنداق دېگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى؛ 8
她們遂想起了祂的話,
ۋە قەبرىدىن قايتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئون بىرەيلەنگە، شۇنداقلا قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزدى. 9
從墳墓那裏回去,把這一切事報告給那十一門徒及其餘的眾人,
روسۇللارغا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ماگداللىق مەريەم، يوئاننا ۋە ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان باشقا ئاياللار ئىدى. 10
她們是瑪利亞瑪達肋納及約安納和雅各伯的母親瑪利亞;其餘同她們一起的婦女,也把這些事報告給宗徒。
لېكىن [ئاياللارنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى] ئۇلارغا ئەپسانىدەك بىلىندى، ئۇلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. 11
但婦女們的這些話,在他們看來,好像是無稽之談,不敢相信。
بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىۋىدى، يالغۇز كاناپ كېپەنلىكنىڭ تىلىم-تىلىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەئەججۈپلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى. 12
伯多祿起來,跑到墳墓那裏,屈身向裡窺看,只見有殮布,就走了,心裏驚異所發生的事。
ۋە مانا، شۇ كۈندە ئۇلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن كەنتكە كېتىپ باراتتى. 13
就在那一天,他們中,有兩個人往一個村莊去,村名厄瑪烏,離耶路撒冷約六十「斯塔狄。」
ئۇلار يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى. 14
他們彼此講論所生的一切事。
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ-مۇلاھىزىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، مانا ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى؛ 15
正談話討論的時候,耶穌親自走近他們,與他們同行。
لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تونۇشتىن تۇتۇلدى. 16
他們的眼睛卻被阻止往了,以致認不出祂來
ئۇ ئۇلاردىن: ــ كېتىۋېتىپ نېمە ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار قايغۇلۇق قىياپەتتە توختاپ، 17
耶穌對他們說:「你們走路,彼此談論的是些什麼事﹖」他們就站往,面帶愁容。
ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىردىنبىر خەۋەر تاپمىغان مۇساپىر سەن ئوخشىمامسەن؟! ــ دېدى. 18
一個名叫克羅帕的,回答祂說:「獨有你在耶路撒冷作客,不知道在那裡這幾天所發生的事嗎﹖」
ۋە ئۇ ئۇلاردىن: ــ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. «ناسارەتلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر!» ــ دېدى ئۇلار، ــ «ئۇ ئۆزى خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ ئەمەلدە ۋە سۆزدە قۇدرەتلىك بىر پەيغەمبەر بولۇپ، 19
耶穌問他們說:「什麼事﹖」他們回答說:「就是有關納匝肋人耶穌的事。祂本是一位先知,在天主及眾百姓前,行事說話都權力。
باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى. 20
我們的司祭長及首領竟解送了祂,判了祂死罪,釘祂在十字架上。
بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق. لېكىن ئىشلار شۇنداق بولدى، ھازىر بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە ئۈچىنچى كۈن بولدى؛ 21
我們原指望祂就是那要拯救以色列的。可是─此外還有:這些事發生到今天已是第三天了。
يەنە كېلىپ، ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال ھەم بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تاڭ سەھەردە قەبرىگە بېرىپتىكەن، 22
我們中有幾個婦女驚嚇了我們;她們清早到了墳墓那裏,
ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ: «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ. 23
沒有看見祂的遺體,回來說她們見了天使顯現,天使說祂復活了。
بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ دەل ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلارمۇ كۆرمەپتۇ». 24
我們中也有幾個到過墳墓那裏,所遇見的事,如同婦女們所說的一樣,但是沒有看見祂。」
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە قەلبى گاللار! 25
耶穌於是對他們說:「唉! 無知的人哪! 為信先知們所說的一切話,你們的心竟是這般遲鈍!
مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان-شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى. 26
默西亞不是必須受這些苦難,才進入祂的光榮嗎﹖」
ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى. 27
祂於是從梅瑟及眾先知開始,把全部經書論及祂的話,都給他們解釋了。
ئۇلار بارىدىغان كەنتكە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يىراقراق بىر يەرگە بارىدىغاندەك تۇراتتى. 28
當他們臨近了m囡去的村莊時,耶穌裝作還要前行。
لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ــ كەچ كىرىپ قالدى، ھېلىلا كۈن ئولتۇرىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قالغىن، ــ دەپ ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار بىلەن قونغىلى ئۆيگە كىردى. 29
他們強留祂說:「請同我們一起住下吧! 因為快到晚上,天已垂暮了。」 耶穌就進去,同他們住下。
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى. 30
當耶穌與他們坐下吃飯的時候,就拿起餅來,祝福了,擘開,遞給他們。
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ئۇنى تونۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى. 31
他們的眼睛開了,這才認出耶穌來;但祂卻由他們眼前隱沒了。
ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بىزگە مۇقەددەس يازمىلارغا شەرھ بەرگەندە، يۈرەك-باغرىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! ــ دېيىشتى. 32
他們就彼此說:「當祂在路上與我們談話,給我們講解聖經的時候,我們的心不是火熱的嗎﹖」
ۋە ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىككىسى ئون بىرەيلەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ تۇرغىنىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى، ئۇلار: «رەب راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمونغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتاتتى. 33
他們遂即動身,返回耶路撒冷,遇見那十一門徒及同同他們一起的人,正聚在一起,
34
彼此討論說:「主真復活了,並顯現給西滿了。」
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئۇ ناننى ئوشتۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تونۇلغىنىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. 35
二人就把在路上的事,反在分餅時,怎樣認出了耶穌,述說了一遍。
ۋە ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، [ئەيسا] ئۆزى توساتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. 36
他們正談論這事的時候,耶穌立在他們中間,向他們說:「願你們平安! 」
ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە، دەپ خىيال قىلىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ ۋەھىمىگە چۈشتى. 37
眾人害怕起來,想是見了鬼神。
ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىگە شۇنچە ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىشقا قەلبىڭلاردا شەك-گۇمان چىقىپ تۇرىدۇ؟ 38
耶穌向他們說:「你們為什麼恐懼﹖為什麼心裏起了疑惑﹖
قوللىرىمغا ۋە پۇتلىرىمغا قاراپ بېقىڭلار! مېنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار! مېنى تۇتۇپ كۆرۈڭلار، روھنىڭ ئەت بىلەن سۆڭىكى يوق، لېكىن مەندە بارلىقىنى كۆرىسىلەر، ــ دېدى. 39
你們看看我的手,我的腳,分明是我自己。你們摸摸我,應該知道:鬼神是沒有肉軀和骨頭的,如同你們看我,卻是有的。」
ۋە شۇنداق دېگەچ ئۇلارغا پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. 40
說了這話,就把手和腳伸給他們看。
ئۇلار خۇشلۇقتىن [كۆزلىرىگە] ئىشەنگۈسى كەلمەي ھەيرانۇھەس تۇرغىنىدا ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرنىڭ بۇ يەردە يېگۈدەك نەرسەڭلار بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 41
他們由於歡喜,還是不敢信,只是驚訝;耶穌向他們說:「你們這裏有什麼吃的沒有﹖」
ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپى ۋە بىر پارچە ھەسەل كۆنىكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇۋىدى، 42
他們便給了祂一塊烤魚。
ئۇ ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى. 43
祂便接過來,當他們面前吃了。
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 44
耶穌對他們說:「我以前還同你們在一起的時候,就對你們說過這話:諸凡梅瑟法律、先知並聖詠上指著我所記載的話,都必須應驗。」
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى 45
耶穌遂開啟他們的明悟,叫他們理解經書;
ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ، 46
又向他們說:「經上曾這樣記載:默西亞必須受苦,第三天要從死者中復活;
ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ. 47
並且必須從耶路撒冷開始,因祂的名向萬邦宣講悔改,以得罪之赦。
سىلەر ئەمدى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇرسىلەر. 48
你們就是這些事的見證人。
ۋە مانا، مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن. لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار». 49
看,我要把我父所恩許的,遺發到你們身上;至於你們,你們應當留在這城中,直到佩帶上自高天而來的能力。」
ۋە ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى بەرىكەتلىدى. 50
耶穌領他們出去,直到伯達尼附近,就舉手降福了他們。
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 51
正降福他們的時候,就他們,被提升天去了。
ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، 52
他們叩拜了祂,皆大歡喜地返回了耶路撒冷,
ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى. 53
常在聖殿裏稱謝天主。

< لۇقا 24 >