< لۇقا 23 >

ئاندىن [كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ] ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. 1
ئۇ يەردە ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: ــ ئۆزىنى مەسىھ، يەنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋېلىپ، خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان بۇ ئادەمنى بايقاپ ئۇنى تۇتتۇق، ــ دېيىشتى. 2
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 3
ئاندىن پىلاتۇس باش كاھىنلار بىلەن كۆپچىلىككە: ــ بۇ ئادەمدىن بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم، ــ دېدى. 4
لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا: ــ ئۇ گالىلىيەدىن تارتىپ تاكى بۇ يەرگىچە، پۈتكۈل يەھۇدىيەدىمۇ تەلىم بېرىش بىلەن خەلقنى قۇترىتىدۇ. 5
پىلاتۇس «گالىلىيە» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ: ــ بۇ كىشى گالىلىيەلىكمۇ؟ ــ دەپ سورىدى 6
ۋە ئۇنىڭ ھېرود [خاننىڭ] ئىدارە قىلغان ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھېرودقا يوللاپ بەردى (ئۇ كۈنلەردە ھېرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى). 7
ھېرود ئەيسانى كۆرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭغا دائىر كۆپ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىر مۆجىزە كۆرۈش ئۈمىدىدە بولۇپ، ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتاتتى. 8
ئۇ ئەيسادىن كۆپ سوئاللارنى سورىدى، لېكىن ئۇ ھېرودقا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. 9
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى. 10
ھېرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنى خارلاپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا شاھانە تون-كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ يوللىدى. 11
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، پىلاتۇس بىلەن ھېرود دوست بولۇپ قالدى؛ چۈنكى ئىلگىرى ئۇلار ئارىسىدا ئاداۋەت بولغانىدى. 12
ۋالىي پىلاتۇس باش كاھىنلارنى، [يەھۇدىي] ھۆكۈمدارلارنى ۋە خالايىقنى يىغىپ، 13
ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن «خەلقنى ئازدۇرىدۇ ۋە قۇترىتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلىپ ئۇنى ئالدىمغا تارتىپ كەلدىڭلار. مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۇنى سوراق قىلغىنىم بىلەن، ئۇنىڭدىن سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. 14
ھېرودمۇ تاپمىدى؛ چۈنكى مەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتىم. مانا، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. 15
شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى 16
(ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، [يەھۇدىي] [مەھبۇسلاردىن] بىرىنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى). 17
لېكىن كۆپچىلىك تەڭلا چۇقان سېلىشىپ: ــ بۇنى يوقىتىڭ! بىزگە بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دېيىشتى 18
(بارابباس بولسا شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ۋە قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇس ئىدى). 19
شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئەيسانى قويۇپ بېرىشنى خالاپ، كۆپچىلىككە يەنە سۆز قىلغىلى تۇردى. 20
لېكىن ئۇلار جاۋابەن يەنە چۇقان سېلىشىپ: ــ كرېستلىگىن، ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى. 21
[پىلاتۇس] ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق قىلغان؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق ھېچ جىنايەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى. 22
بىراق ئۇلار يەنىلا ھە دەپ چۇقان سېلىشىپ: «ئۇ كرېستلەنسۇن!» دەپ تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەمدە باش كاھىنلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر كۈچلۈك كەلدى. 23
پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى. 24
ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى، يەنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قاتىللىق ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغاننى قويۇپ بېرىپ، ئەيسانى ئۇلارنىڭ خاھىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 25
ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. 26
ئەيسانىڭ كەينىدە زور بىر توپ خەلق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېچىنىپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىۋاتقان ئاياللارمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. 27
لېكىن ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا: ــ ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار، بەلكى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! 28
چۈنكى سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «تۇغماسلار، بالا كۆتۈرمىگەن قورساقلار ۋە ئېمىتمىگەن ئەمچەكلەر بەختلىكتۇر!» ــ دېيىشىدۇ. 29
شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ. 30
چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟! ــ دېدى. 31
ئىككى جىنايەتچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغىلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىنگەنىدى. 32
ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى. 33
ئەيسا: ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. 34
خالايىق قاراپ تۇراتتى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمىغىنى قېقىپ مەسخىرە قىلىپ: باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدانىڭ مەسىھى، ئۇنىڭ تاللىۋالغىنى بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن! ــ دېيىشتى. 35
لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىركە تەڭلەپ: 36
ــ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! ــ دېيىشتى. 37
ئۇنىڭ ئۈستىدىكى [تاختايغا] گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى. 38
ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: ــ سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزە! ــ دېدى. 39
بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ: سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟ 40
بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 41
ئاندىن، ئۇ ئەيساغا: ــ ئى رەب، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ياد قىلغىن، ــ دېدى. 42
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، ــ دېدى. 43
ھازىر ئالتىنچى سائەت بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى توققۇزىنچى سائەتكىچە قاراڭغۇلۇق باستى. 44
قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. 45
ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ــ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى. 46
ئۇ يەردە تۇرغان يۈزبېشى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! ــ دەپ خۇدانى ئۇلۇغلىدى. 47
ۋە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈشكە يىغىلغان بارلىق خەلق يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 48
ۋە ئۇنى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەر ۋە گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار يىراقتا تۇرۇپ، بۇ ۋەقەلەرگە قاراپ تۇردى. 49
ۋە مانا شۇ يەردە كېڭەشمىدىكىلەردىن يۈسۈپ ئىسىملىك بىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى ئاقكۆڭۈل ۋە ئادىل ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە ۋە قىلغىنىغا قوشۇلمىغانىدى. ئۆزى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئارىماتىيا دېگەن بىر شەھەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تەلمۈرۈپ كۈتەتتى. 50
51
ئۇ ئۆزى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ 52
ۋە ئۇنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كاناپ بىلەن كېپەنلەپ، قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ھېچكىم قويۇلمىغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلدى. 53
بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى. 54
ۋە ئۇنىڭ بىلەن گالىلىيەدىن كەلگەن ئاياللار [يۈسۈپكە] ئەگىشىپ، قەبرىنى ۋە ئۇنىڭ جەسەتىنىڭ قانداق قويۇلغىنىنى كۆردى. 55
ئاندىن يېنىپ بېرىپ ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى ۋە [تەۋراتتىكى] ئەمر بويىچە شابات كۈنى ئارام ئېلىشتى. 56

< لۇقا 23 >