< لۇقا 21 >

ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى [ئىبادەتخانىدىكى] ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى. 1
ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى. 2
شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ تاشلىغىنى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر. 3
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشقانلىرىدىن ئىئانە قىلىپ، خۇداغا ئاتىغان سادىقىلەرگە قوشۇپ تاشلىدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامراتلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ تاشلىدى. 4
ۋە بەزىلەر ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر بىلەن قانداق بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇ: 5
ــ سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ھەتتا بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالدۇرۇلماي، ھەممىسى گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. 6
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 7
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. 8
سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. 9
ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. 10
جاي-جايلاردا شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار ۋە ۋابالار بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. 11
بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، 12
ۋە بۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ ئالدىدا] گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ. 13
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار. 14
چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن. 15
ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ. 16
سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. 17
ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ! 18
سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر. 19
ــ لېكىن يېرۇسالېمنىڭ [دۈشمەن] قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، دەپ بىلىڭلار. 20
ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن، شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقانلار شەھەرگە كىرمىسۇن. 21
چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس يازمىلاردا] بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 22
ئەمدى شۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ ۋە [ئەرشتىكى] غەزەپ بۇ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ 23
ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ. 24
ــ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىمۇ ئالامەتلەر بولىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئارىسىدا دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ۋە دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن پاراكەندىچىلىك بولىدۇ. 25
ئادەملەر قورقۇپ، يەر يۈزىگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ؛ چۈنكى ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. 26
ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 27
لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر. 28
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا بارلىق دەرەخلەرگە قاراڭلار. 29
ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بىخلانغاندا ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلار يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 30
شۇنىڭدەك، بايا دېيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن قالغالنلىقىنى بىلىڭلار. 31
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. 32
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. 33
ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن. 34
چۈنكى ئۇ گويا تۇزاقتەك بارلىق يەر يۈزىدە ھەربىر تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 35
شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. 36
ئەمدى ئۇ كۈندۈزلىرى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغى دەپ ئاتالغان تاغدا ئۆتكۈزەتتى. 37
ۋە بارلىق خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغىلى تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى. 38

< لۇقا 21 >