< لۇقا 20 >

ۋە شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: 1
ــ بىزگە ئېيتقىن: سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى. 2
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر ئىشنى سوراي؛ سىلەر ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ، 3
ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 4
ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن [يەھياغا] ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 5
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، بۇ بارلىق خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن، ــ دېيىشتى. 6
ۋە ئۇلار: ــ [ئۇنىڭ] [ھوقۇقىنىڭ] قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 7
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى. 8
ئۇ خالايىققا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا بېرىپ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. 9
ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ. 10
ئۇ يەنە باشقا بىر قۇلنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىمۇ دۇمبالاپ، خارلاپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇۋېتىپتۇ. 11
ئۇ يەنە ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتىپتۇ؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، تالاغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. 12
[ئاخىردا] ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ. 13
بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ. 14
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟ 15
ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ». خالايىق بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولمىسۇن! ــ دېيىشتى. 16
لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: ــ ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ 17
بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. 18
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى. 19
شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى [رىم] ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى. 20
ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى: ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى [قەتئىي] قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز. 21
[رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟». 22
ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ 23
ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: قەيسەرنىڭكى، ــ دېدى. 24
ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. 25
ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيرانۇھەس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى. 26
ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى: 27
ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا] بىزگە: «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ دەپ يازغان. 28
ئەمدى يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 29
ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. 30
ئاندىن ئۈچىنچىسى ئۇنى ئالدى؛ شۇنداق قىلىپ، يەتتىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. 31
ھەممىسىدىن كېيىن ئايالمۇ ئۆلدى. 32
ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭكى بولار؟ چۈنكى يەتتىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە؟! 33
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيلىنىدۇ، ياتلىق بولىدۇ. (aiōn g165) 34
لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. (aiōn g165) 35
چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر. 36
ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى ھەتتا مۇسا [پەيغەمبەر] ئۆزىمۇ ئايان قىلغان؛ چۈنكى [تەۋراتتىكى] «تىكەنلىك» دېگەن ۋەقەنىڭ خاتىرىسىدە ئۇ پەرۋەردىگارنى: «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى» دەپ بايان قىلغان. 37
ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر! 38
شۇنىڭ بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرقانچىسى باھا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭ، ــ دېدى. 39
چۈنكى ئۇلاردىن ھېچكىم يەنە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. 40
ئەمدى ئۇ ئۇلارغا سوئال قويدى: ــ كىشىلەر مەسىھنى قانداقسىگە داۋۇتنىڭ ئوغلى دەيدۇ؟ 41
چۈنكى داۋۇت ئۆزى زەبۇردا: پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دېگەنغۇ؟ 42
43
ئەمما داۋۇت ئۇنى «رەببىم» دەپ چاقىرغان يەردە، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ 44
ۋە بارلىق خالايىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ 45
ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا غادىيىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان سالاملىرىغا، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. 46
ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ! 47

< لۇقا 20 >