< لۇقا 18 >

ۋە ئۇ ئۇلارغا، بوشاشماي، ھەردائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر تەمسىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: 1
ــ «مەلۇم شەھەردە بىر سوتچى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن. 2
شۇ شەھەردە بىر تۇل ئايال بار ئىكەن ۋە ئۇ دائىم سوتچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەيىبكاردىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن» دەپ تەلەپ قىلىدىكەن. 3
ئۇ خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنى رەت قىپتۇ؛ بىراق كېيىن كۆڭلىدە: خۇدادىنمۇ قورقمايمەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايمەن، 4
لېكىن بۇ تۇل خوتۇن مېنى ئاۋارە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ماڭا چاپلىشىۋېلىپ مېنى ھالىمدىن كەتكۈزۈۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەرھالدا ئۇنىڭ دەۋايىنى سوراپ قوياي!» ــ دەپ ئويلاپتۇ». 5
رەب: قاراڭلار، ئادالەتسىز بۇ سوتچىنىڭ نېمە دېگەنلىرىگە! 6
ئۇ شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز نىدا قىلىۋاتقان تاللىغان بەندىلىرىگە قانداق قىلار؟ گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە [رەزىللىككە] ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ 7
مەن سىلەرگە ئېيتايكى: ئۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىپ ناھايىتى تېزلا ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ! لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟ ــ دېدى. 8
ئۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىي دەپ قاراپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بەزىلەرگە قارىتىپ، مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتتى: 9
ــ ئىككى ئادەم دۇئا قىلغىلى ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. 10
پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: ــ «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر! 11
ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم روزا تۇتىمەن ۋە تاپقانلىرىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى سەدىقە قىلىمەن». 12
بىراق ھېلىقى باجگىر يىراقتا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» ــ دەپتۇ. 13
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇ ئىككىيلەندىن [پەرىسىي] ئەمەس، بەلكى [باجگىر] كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنار، لېكىن كىمكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۈستۈن كۆتۈرۈلەر. 14
ئەمدى قولىنى تەگكۈزسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 15
ئەمما ئەيسا بالىلارنى يېنىغا چاقىرىپ: كىچىك بالىلارنى ئالدىمغا كەلگىلى قويۇڭلار، ئۇلارنى توسۇشماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر. 16
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى: كىمكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى. 17
مەلۇم بىر ھۆكۈمدار ئەيسادىن: ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك، ــ دەپ سورىدى. (aiōnios g166) 18
لېكىن ئەيسا: مېنى نېمە ئۈچۈن ياخشى دەيسەن؟ ياخشى بولغۇچى پەقەت بىرلا، يەنى خۇدادۇر. 19
ئەمرلەرنى بىلىسەن: ــ «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ــ دېدى. 20
ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ. 21
ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. پۈتكۈل مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. 22
ئەمما ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى. 23
تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەيسا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! 24
تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى. 25
بۇنى ئاڭلىغانلار: ــ ئۇنداق بولسا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى. 26
ئەمما ئۇ جاۋابەن: ــ ئىنسانلارغا مۇمكىن بولمىغان ئىشلار خۇداغا مۇمكىندۇر ــ دېدى. 27
ئەمدى پېترۇس: ــ مانا، بىز بار-يوقىمىزنى تاشلاپ ساڭا ئەگەشتۇق!؟ ــ دېدى. 28
ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆي-ۋاق يا ئاتا-ئانىسى يا قېرىنداشلىرى يا ئايالى يا بالىلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرى 29
بۇ زاماندا بۇلارغا كۆپ ھەسسىلەپ مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. ــ دېدى. (aiōn g165, aiōnios g166) 30
ئاندىن ئۇ ئون ئىككەيلەننى ئۆز يېنىغا ئېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىۋاتىمىز ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرىسىدا پۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى [شۇ يەردە] ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 31
چۈنكى ئۇ يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، خارلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈكۈرىدۇ؛ 32
ئۇلار ئۇنى قامچىلىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ ۋە ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى. 33
بىراق ئۇلار بۇ سۆزلەردىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئېيتقىنىنى بىلەلمەي قالدى. 34
ۋە شۇنداق ئىش بولدىكى، ئۇ يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، بىر كور كىشى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 35
ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ــ نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 36
خەق ئۇنىڭغا: ــ ناسارەتلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، ــ دەپ خەۋەر بەردى. 37
ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ. 38
ۋە ئەيسانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلار ئۇنى: ــ شۈك ئولتۇر! دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى. 39
ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇنى ئالدىغا باشلاپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ۋە قارىغۇ ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندە ئۇ ئۇنىڭدىن: 40
ــ سەن مېنى نېمە قىلىپ بەر، دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەببىم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! ــ دېدى ئۇ. 41
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ كۆرىدىغان بولغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېدى. 42
ۋە ئۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى؛ ئۇ ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇدانى ئۇلۇغلاپ ماڭدى. ۋە بارلىق خالايىقمۇ بۇنى كۆرۈپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى. 43

< لۇقا 18 >