< لۇقا 17 >

ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! 1
بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرغان بولسا، بوينىغا تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. 2
ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن. 3
مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن. 4
شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى. 5
ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى. 6
لېكىن ئاراڭلاردىن كىمنىڭ يەر ھەيدەيدىغان ياكى مال باقىدىغان بىر قۇلى بولسا ۋە ئۇ ئېتىزلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «تېزرەك كېلىپ داستىخاندا ئولتۇرغىن»، دەيدىغانلار بارمۇ؟ 7
ئۇ بەلكى ئۇنىڭغا: «مېنىڭ تامىقىمنى تەييار قىل، مەن يەپ-ئىچىپ بولغۇچە بېلىڭنى باغلاپ مېنى كۈتكىن، ئاندىن ئۆزۈڭ يەپ-ئىچكىن، دېمەسمۇ؟ 8
قۇل ئەمر قىلىنغىنىدەك قىلغىنى ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامدۇ؟ مېنىڭچە، ئېيتمايدۇ. 9
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئەمر قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن: بىز ئەرزىمەس قۇللارمىز؛ بىز پەقەت تېگىشلىك بۇرجىمىزنى ئادا قىلدۇق، خالاس»، دەيدىغان بولىسىلەر. 10
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، 11
بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ، 12
ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى. 13
ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، [ماخاۋدىن] پاكلاندى. 14
ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى. 15
ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى. 16
ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ: پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ 17
بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! ــ دېدى. 18
ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ دېدى. 19
[بىر كۈنى] پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛ 20
كىشىلەر: «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر. 21
كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر. 22
شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. 23
چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. 24
لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر. 25
ۋە نۇھ [پەيغەمبەرنىڭ] كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. 26
تاكى نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ ئاندىن توپان كېلىپ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. 27
ھەم يەنە، لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ ــ كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. 28
لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن چىققان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، [بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ] ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. 29
ئەمدى ئىنسانئوغلى ئاشكارا بولىدىغان كۈندە ئەنە شۇنداق بولىدۇ. 30
شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا [ئۆيىگە] ھېچ يانمىسۇن. 31
لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار! 32
كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 33
سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئۇ كېچىدە ئىككى ئادەم بىر ئورۇندا ياتىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. 34
ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ». 35
36
ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئەي رەب، بۇ ئىشلار قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ! 37

< لۇقا 17 >