< لۇقا 16 >

ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ. 1
ئۇ غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ سېنىڭ توغراڭدا ئاڭلىغانلىرىم زادى قانداق گەپ؟ غوجىدارلىقىڭدىكى ھېساب-كىتابنى ئېنىق تاپشۇر؛ چۈنكى مۇندىن كېيىن سەن غوجىدار بولمايسەن» ــ دەپتۇ. 2
غوجىدار ئەمدى ئۆز ئىچىدە: «نېمە قىلاي؟ چۈنكى خوجايىنىم مېنى غوجىدارلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كەتمەن چاپاي دېسەم ئۇنچىلىك ماغدۇر يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم نومۇس قىلىمەن. 3
ھە، تاپتىم! غوجىدارلىقتىن قالغىنىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىگە قارشى ئېلىشى ئۈچۈن، نېمە قىلىشىمنى ئەمدى بىلدىم» دەپ 4
ئۆز خوجايىنىغا قەرزدار بولغانلارنى بىردىن-بىردىن چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن: «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟» دەپ سوراپتۇ. 5
ۋە قەرزدار: «يۈز تۇڭ زەيتۇن مېيى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «مانا، ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەللىك تۇڭغا ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ. 6
ئاندىن ئۇ يەنە بىرىگە: «سىزچۇ، قانچىلىك قەرز بولدىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ: «يۈز كۈرە بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ سەكسەن كۈرىگە ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ. 7
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوجايىنى سەمىمىيەتسىز غوجىدارنىڭ بۇ ئىشتىكى پەملىكلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ماختاپتۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر. (aiōn g165) 8
ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، مال-دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان [كۈنىدە] شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ. (aiōnios g166) 9
كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سادىق بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سادىق بولىدۇ؛ ۋە كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ. 10
شۇڭا ئەگەر «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟ 11
ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدە سادىق بولمىساڭلار كىم سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ نەرسىسىنى بەرسۇن؟ 12
ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. 13
ئەمدى پەرىسىيلەر (ئۇلار پۇلغا ئامراق ئىدى) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. 14
ۋە ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىي قىلىپ كۆرسەتكۈچىدۇرسىلەر؛ لېكىن خۇدا قەلبىڭلارنى بىلىدۇ. چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا قەدىرلىنىدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر. 15
تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى [چۆمۈلدۈرگۈچى] يەھياغىچە ھىدايەت بولۇپ كەلدى؛ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى جاكارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ [پادىشاھلىققا] كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر. 16
لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر. 17
ــ ھەر كىم ئۆز ئايالىنى تالاق قىلىپ باشقا بىرىنى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ ۋە كىمكى ئۆز ئېرىدىن تالاق قىلىنغاننى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ». 18
ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى. 19
ۋە پۈتۈن ئەزايىنى چاقا-جاھارەت بېسىپ كەتكەن لازارۇس ئىسىملىك بىر يوقسۇل بار ئىدى؛ ئۇ باينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا [ھەركۈنى] ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى. 20
ئۇنىڭ داستىخىنىدىن چۈشۈپ قالغان پارچى-پۇراتلاردىن قورسىقىنى تويغۇزغۇشقا تەشنا ئىدى. ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى. 21
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛ 22
ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ: (Hadēs g86) 23
«ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى. 24
لېكىن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئەي ئوغلۇم، ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆرگىنىڭنى ۋە لازارۇسنىڭ دەرد-بالا تارتقىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. ھازىر ئۇ تەسەللى تاپتى، ئەمما سەن ئازاب تارتىۋاتىسەن. 25
ۋە بۇلاردىن باشقا، بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىمىزدا يوغان بىر ھاڭ بېكىتىلگەندۇركى، بۇ يەردىن سىلەر تەرەپكە ئۆتەيلى دېگەنلەر ئۆتەلەمەس ۋە ئاندىن بىز تەرەپكە ئۆتىمىز دېگەنلەر ئۆتەلمەس». 26
ئەمدى باي يەنە: «ئۇنداقتا، ئى ئاتا، سەندىن [لازارۇسنى] ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. 27
چۈنكى مېنىڭ بەش ئاكا-ئۇكام بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن [لازارۇس] ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن» ــ دېدى. 28
بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلاردا مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [ئاگاھ-گۇۋاھلىقى] بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» ــ دېدى. 29
لېكىن ئۇ: «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» ــ دېدى. 30
ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [گۇۋاھلىقىنى] ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ دېدى. 31

< لۇقا 16 >