< لۇقا 15 >

ئەمدى باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشماقتا ئىدى. 1
取税人、罪人ども、みな御言を聽かんとて近寄りたれば、
لېكىن پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ: ــ بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرىدۇ! ــ دېيىشتى. 2
パリサイ人・學者ら呟きて言ふ、『この人は罪人を迎へて食を共にす』
شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: 3
イエス之に譬を語りて言ひ給ふ、
ــ ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يىتىپ كەتسە، توقسان توققۇزىنى چۆلدە قويۇپ قويۇپ يىتىپ كەتكىنىنى تاپقۇچە ئىزدىمەسمۇ؟ 4
『なんぢらの中たれか百匹の羊を有たんに、若その一匹を失はば、九 十 九 匹を野におき、往きて失せたる者を見 出すまでは尋ねざらんや。
ئۇنى تېپىۋالغاندا، شادلانغان ھالدا مۈرىسىگە ئارتىدۇ؛ 5
遂に見出さば、喜びて之を己が肩にかけ、
ئاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يار-بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم-قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مەن يىتكەن قويۇمنى تېپىۋالدىم، مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار!» دەيدۇ. 6
家に歸りて其の友と隣 人とを呼び集めて言はん「我とともに喜べ、失せたる我が羊を見出せり」
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر. 7
われ汝らに告ぐ、かくのごとく悔改むる一人の罪人のためには、悔改の必要なき九 十 九 人の正しき者にも勝りて、天に歡喜あるべし。
ــ ياكى بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ، بىر دىنارنى يوقىتىپ قويسا، چىراغنى يېقىپ، تاكى ئۇنى تاپقۇچە ئۆينى سۈپۈرۈپ، زەن قويۇپ ئىزدىمەسمۇ؟ 8
又いづれの女か銀貨 十 枚を有たんに、若しその一 枚を失はば、燈火をともし、家を掃きて見 出すまでは懇ろに尋ねざらんや。
ئۇنى تاپقاندا يار-بۇرادەر، قولۇم-قوشنلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، چۈنكى مەن يوقىتىپ قويغان دىنارىمنى تېپىۋالدىم» ــ دەيدۇ. 9
遂に見出さば、其の友と隣 人とを呼び集めて言はん、「我とともに喜べ、わが失ひたる銀貨を見出せり」
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ. 10
われ汝らに告ぐ、かくのごとく悔改むる一人の罪人のために、神の使たちの前に歡喜あるべし』
ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. 11
また言ひたまふ『或 人に二人の息子あり、
كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» دەپ ئېيتىپتۇ. ۋە ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. 12
弟、父に言ふ「父よ、財産のうち我が受くべき分を我にあたへよ」父その身代を二人に分けあたふ。
ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە ئەيش-ئىشرەتلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپتۇ. 13
幾日も經ぬに、弟おのが物をことごとく集めて、遠國にゆき、其處にて放蕩にその財産を散せり。
دەل ئۇ بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ. 14
ことごとく費したる後、その國に大なる饑饉おこり、自ら乏しくなり始めたれば、
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ؛ ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ. 15
往きて其の地の或 人に依附りしに、其の人かれを畑に遣して豚を飼はしむ。
ئۇ ھەتتا قورسىقىنى چوشقىلارنىڭ يېمى بولغان پۇرچاق پوستى بىلەن تويغۇزۇشقا تەقەززا بوپتۇ؛ لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بەرمەپتۇ. 16
かれ豚の食ふ蝗 豆にて、己が腹を充さんと思ふ程なれど、何をも與ふる人なかりき。
ئاخىر بېرىپ ئۇ ھوشىنى تېپىپ: «ئاتامنىڭ شۇنچە كۆپ مەدىكارلىرىنىڭ ئالدىدىن يېمەك-ئىچمەك ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ؛ لېكىن مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدىم! 17
此のとき我に反りて言ふ『わが父の許には食物あまれる雇人いくばくぞや、然るに我は飢ゑてこの處に死なんとす。
ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەي ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. 18
起ちて我が父にゆき「父よ、われは天に對し、また汝の前に罪を犯したり。
ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىرىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. 19
今より汝の子と稱へらるるに相應しからず、雇人の一人のごとく爲し給へ』と言はん」
شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ. 20
乃ち起ちて其の父のもとに往く。なほ遠く隔りたるに、父これを見て憫み、走りゆき、其の頸を抱きて接吻せり。
ئوغلى: «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» ــ دەپتۇ. 21
子、父にいふ「父よ、我は天に對し又なんぢの前に罪を犯したり。今より汝の子と稱へらるるに相應しからず」
بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛ 22
されど父、僕どもに言ふ「とくとく最上の衣を持ち來りて之に著せ、その手に指輪をはめ、其の足に鞋をはかせよ。
ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى! 23
また肥えたる犢を牽ききたりて屠れ、我ら食して樂しまん。
چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» ــ دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ. 24
この我が子、死にて復 生き、失せて復 得られたり」かくて彼ら樂しみ始む。
ئەمدى چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە نەغمە-ناۋا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. 25
然るに其の兄、畑にありしが、歸りて家に近づきたるとき、音樂と舞踏との音を聞き、
ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولۇۋاتقىنىنى سوراپتۇ. 26
僕の一人を呼びてその何事なるかを問ふ。
چاكار ئۇنىڭغا: ئۇكاڭ كەلدى ۋە ئاتاڭ ئۇنى ساق-سالامەت تېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويدى» دەپتۇ. 27
答へて言ふ「なんぢの兄弟 歸りたり、その恙なきを迎へたれば、汝の父 肥えたる犢を屠れるなり」
لېكىن [چوڭ ئوغلى] خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماپتۇ. ۋە ئاتىسى چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. 28
兄 怒りて内に入ることを好まざりしかば、父いでて勸めしに、
ئەمما ئۇ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: «قارا! مەن شۇنچە يىلدىن بېرى قۇلدەك خىزمىتىڭدە بولدۇم، ئەسلا ھېچبىر ئەمرىڭدىن چىقىپ باقمىدىم. بىراق سەن ماڭا ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن خۇش قىلغىلى ھېچقاچان بىرەر ئوغلاقمۇ بەرمىدىڭ! 29
答へて父に言ふ「視よ、我は幾歳もなんぢに仕へて、未だ汝の命令に背きし事なきに、我には小 山羊 一匹だに與へて友と樂しましめし事なし。
لېكىن سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن بۇ ئوغلۇڭ قايتىپ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويۇپسەن» ــ دەپتۇ. 30
然るに遊女らと共に、汝の身代を食ひ盡したる此の汝の子 歸り來れば、之がために肥えたる犢を屠れり」
بىراق ئاتىسى يەنە ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم، سەن ھەردائىم مېنىڭ يېنىمدىسەن ۋە مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر. 31
父いふ「子よ、なんぢは常に我とともに在り、わが物は皆なんぢの物なり。
ئەمدى تەبرىكلەپ شادلىنىشقا لايىقتۇر؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇكاڭ ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يوقىلىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى» ــ دەپتۇ. 32
されど此の汝の兄弟は死にて復 生き、失せて復 得られたれば、我らの樂しみ喜ぶは當然なり」』

< لۇقا 15 >