< لۇقا 13 >

شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ بىر قىسىم گالىلىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. 1
Now there were some present at that very season which told him of the Galilaeans, whose blood Pilate had mingled with their sacrifices.
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئۇلارنىڭ بۇ ئازابلارنى تارتقىنى ئۈچۈن بۇ گالىلىيەلىكلەرنى باشقا گالىلىيەلىكلەردىن گۇناھى ئېغىر دەپ قارامسىلەر؟ 2
And he answered and said unto them, Think ye that these Galilaeans were sinners above all the Galilaeans, because they have suffered these things?
مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. 3
I tell you, Nay: but, except ye repent, ye shall all in like manner perish.
سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟ 4
Or those eighteen, upon whom the tower in Siloam fell, and killed them, think ye that they were offenders above all the men that dwell in Jerusalem?
مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. 5
I tell you, Nay: but, except ye repent, ye shall all likewise perish.
ئاندىن ئۇ بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تىكىلگەن بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ ئۇ دەرەختىن مېۋە ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ھېچ مېۋە تاپالماپتۇ. 6
And he spake this parable; A certain man had a fig tree planted in his vineyard; and he came seeking fruit thereon, and found none.
ئۇ باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بىر تالمۇ مېۋە تاپالمىدىم. ئۇنى كېسىۋەت! ئۇ نېمە دەپ يەرنى بىكاردىن-بىكار ئىگىلەپ تۇرىدۇ؟» دەپتۇ. 7
And he said unto the vinedresser, Behold, these three years I come seeking fruit on this fig tree, and find none: cut it down; why doth it also cumber the ground?
لېكىن باغۋەن: «خوجايىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىل تەگمىگەيلا. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى بوشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي. 8
And he answering saith unto him, Lord, let it alone this year also, till I shall dig about it, and dung it:
ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، ياخشى خوپ! بىراق بەرمىسە، كېسىۋەتكەيلا» دەپتۇ باغۋەن. 9
and if it bear fruit thenceforth, [well]; but if not, thou shalt cut it down.
بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى. 10
And he was teaching in one of the synagogues on the sabbath day.
مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. 11
And behold, a woman which had a spirit of infirmity eighteen years; and she was bowed together, and could in no wise lift herself up.
ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: ــ خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! ــ دېدى. 12
And when Jesus saw her, he called her, and said to her, Woman, thou art loosed from thine infirmity.
ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. 13
And he laid his hands upon her: and immediately she was made straight, and glorified God.
بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە: ــ ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، ــ دېدى. 14
And the ruler of the synagogue, being moved with indignation because Jesus had healed on the sabbath, answered and said to the multitude, There are six days in which men ought to work: in them therefore come and be healed, and not on the day of the sabbath.
شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟! 15
But the Lord answered him, and said, Ye hypocrites, doth not each one of you on the sabbath loose his ox or his ass from the stall, and lead him away to watering?
ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟! 16
And ought not this woman, being a daughter of Abraham, whom Satan had bound, lo, [these] eighteen years, to have been loosed from this bond on the day of the sabbath?
ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى. 17
And as he said these things, all his adversaries were put to shame: and all the multitude rejoiced for all the glorious things that were done by him.
ئۇ سۆزىنى [داۋاملاشتۇرۇپ] مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ مەن ئۇنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ 18
He said therefore, Unto what is the kingdom of God like? and whereunto shall I liken it?
ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ؛ بىرسى ئۇنى ئېلىپ ئۆز بېغىدا تېرىغانىدى؛ ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى؛ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلىدى. 19
It is like unto a grain of mustard seed, which a man took, and cast into his own garden; and it grew, and became a tree; and the birds of the heaven lodged in the branches thereof.
ئۇ يەنە: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ؛ بىر ئايال ئۇنى قولىغا ئېلىپ، ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىدى، ــ دېدى. 20
And again he said, Whereunto shall I liken the kingdom of God?
21
It is like unto leaven, which a woman took and hid in three measures of meal, till it was all leavened.
[ئەيسا] يېرۇسالېمغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى شەھەر-يېزىلاردا تەلىم بېرىپ ماڭدى. 22
And he went on his way through cities and villages, teaching, and journeying on unto Jerusalem.
بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: ــ ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى: 23
And one said unto him, Lord, are they few that be saved? And he said unto them,
ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ. 24
Strive to enter in by the narrow door: for many, I say unto you, shall seek to enter in, and shall not be able.
ئۆينىڭ ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ ئىشىكنى قېقىپ: «رەب، بىزگە ئاچقىن!» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرگە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن» ــ دەيدۇ. 25
When once the master of the house is risen up, and hath shut to the door, and ye begin to stand without, and to knock at the door, saying, Lord, open to us; and he shall answer and say to you, I know you not whence ye are;
ئاندىن سىلەر: «بىز سېنىڭ ئالدىڭدا يېگەن، ئىچكەن، سەنمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، 26
then shall ye begin to say, We did eat and drink in thy presence, and thou didst teach in our streets;
ئۇ يەنە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، مەندىن نېرى كېتىڭلار، ئەي قەبىھلىك قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. 27
and he shall say, I tell you, I know not whence ye are; depart from me, all ye workers of iniquity.
سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ. 28
There shall be the weeping and gnashing of teeth, when ye shall see Abraham, and Isaac, and Jacob, and all the prophets, in the kingdom of God, and yourselves cast forth without.
ئۇ چاغدا، كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. 29
And they shall come from the east and west, and from the north and south, and shall sit down in the kingdom of God.
شۇنىڭ بىلەن مانا، شۇ چاغدا ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ. 30
And behold, there are last which shall be first, and there are first which shall be last.
دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مۇشۇ يەردىن چىقىپ ئۆزۈڭنى نېرىغا ئال. چۈنكى ھېرود سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دېدى. 31
In that very hour there came certain Pharisees, saying to him, Get thee out, and go hence: for Herod would fain kill thee.
ئۇ ئۇلارغا: ــ بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار. 32
And he said unto them, Go and say to that fox, Behold, I cast out devils and perform cures today and tomorrow, and the third [day] I am perfected.
ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس. 33
Howbeit I must go on my way today and tomorrow and the [day] following: for it cannot be that a prophet perish out of Jerusalem.
ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار. 34
O Jerusalem, Jerusalem, which killeth the prophets, and stoneth them that are sent unto her! how often would I have gathered thy children together, even as a hen [gathereth] her own brood under her wings, and ye would not!
مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ؛ ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!» دېمىگۈچە، مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر. 35
Behold, your house is left unto you [desolate]: and I say unto you, Ye shall not see me, until ye shall say, Blessed [is] he that cometh in the name of the Lord.

< لۇقا 13 >