< لۇقا 10 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن، رەب مۇخلىسلاردىن يەنە يەتمىشىنى تەيىنلەپ، ئۆزى بارماقچى بولغان بارلىق شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئۆزىدىن بۇرۇن ئەۋەتتى. 1
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ يىغىلىدىغان ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ، لېكىن ھوسۇلنى يىغقۇچى ئىشلەمچىلەر ئاز ئىكەن. شۇڭا ھوسۇل ئىگىسىدىن كۆپرەك ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ھوسۇلۇڭنى يىغىشقا ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار. 2
مېڭىڭلار! مەن قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك سىلەرنى ئەۋەتىمەن. 3
ھەميان، خۇرجۇن ۋە كەشلەر ئالماڭلار؛ يولدا كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا [توختىماڭلار]. 4
قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «مۇشۇ ئۆيدىكىلەرگە ئاراملىق بولغاي!» دەڭلار. 5
ئۇ ئۆيدە «ئاراملىق ئىگىسى» بولسا، تىلىگەن ئاراملىقىڭلار شۇ ئۆيگە قونىدۇ؛ ئەگەر بولمىسا، ئۇ ئاراملىق ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. 6
ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەپ-ئىچىڭلار، چۈنكى ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار. 7
سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار ئالدىڭلارغا نېمە قويسا شۇنى يەڭلار. 8
ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار. 9
بىراق سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارنىڭ رەستە-كوچىلىرىغا چىقىپ كۆپچىلىككە: 10
«سىلەرگە ئاگاھ بولسۇن ئۈچۈن ھەتتا شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا چاپلاشقان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز! ھالبۇكى، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە [راستتىنلا] يېقىنلاشتى!» ــ دەڭلار. 11
مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، شۇ كۈنى ھەتتا سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى بۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. 12
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. 13
قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. 14
ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر! (Hadēs g86) 15
[ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە]: ــ كىمدەكىم سىلەرنى تىڭشىسا، مېنىمۇ تىڭشىغان بولىدۇ؛ كىمدەكىم سىلەرنى چەتكە قاقسا، مېنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ؛ كىم مېنى چەتكە قاققان بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ چەتكە قاققان بولىدۇ، ــ دېدى. 16
يەتمىش مۇخلىس خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە قايتىپ كېلىپ: ــ ئى رەب! ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن! ــ دەپ مەلۇم قىلدى. 17
ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن. 18
مانا، مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم. ھېچقاچان ھېچقانداق نەرسە سىلەرگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. 19
لېكىن سىلەر روھلارنىڭ سىلەرگە بويسۇنغانلىقى تۈپەيلىدىن شادلانماڭلار، بەلكى نامىڭلارنىڭ ئەرشلەردە پۈتۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن شادلىنىڭلار، ــ دېدى. 20
شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى: «ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مەدھىيىلەيمەن! بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى. 21
ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ۋە ئاتىنىڭمۇ كىملىكىنى ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ». 22
ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئاستىغىنا: سىلەر كۆرۈۋاتقان ئىشلارنى كۆرگەن كۆزلەر نەقەدەر بەختلىكتۇر! 23
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ئىشلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغىنى بىلەن ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغىنى بىلەن، ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغان، ــ دېدى. 24
ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōnios g166) 25
ئۇ جاۋابەن: ــ تەۋرات قانۇنىدا نېمە پۈتۈلگەن؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭ قانداق قارايسەن؟ ــ دېدى. 26
ھېلىقى كىشى جاۋابەن: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى. 27
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ توغرا جاۋاب بەردىڭ. مانا شۇنداق قىلساڭ ھايات بولىسەن، ــ دېدى. 28
لېكىن ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، ئەيسادىن يەنە سوراپ: ــ ئەمدى «مېنىڭ قوشنام» كىمدۇر؟ ــ دېدى. 29
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن يېرىخو شەھىرىگە چۈشۈۋېتىپ، يولدا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا تاشلاپ كېتىپتۇ. 30
ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 31
شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق [روھانىي] بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 32
لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ 33
ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. 34
ئەتىسى يولغا چىققاندا، ئىككى كۈمۈش دىنارنى ئېلىپ سارايۋەنگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىم بولسا، قايتىشىمدا سىزگە تۆلەيمەن» دەپتۇ. 35
[ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن]: ــ سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە [ھەقىقىي] قوشنا بولغان؟ ــ دەپ سورىدى. 36
ــ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن كىشى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، سەن ھەم بېرىپ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلغىن، ــ دېدى. 37
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ [مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە] يولدا كېتىۋېتىپ، مەلۇم بىر يېزىغا كىردى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى. 38
مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تىڭشىۋاتاتتى. 39
ئەمدى مېھمانلارنى كۈتۈش ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن مارتا ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب، سىڭلىمنىڭ مېنى مېھمان كۈتكىلى يالغۇز تاشلاپ قويغىنىغا كارىڭ بولمامدۇ؟ ئۇنى ماڭا ياردەملىشىشكە بۇيرۇغىن! ــ دېدى. 40
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەي مارتا، مارتا، سەن كۆپ ئىشلارنىڭ غېمىنى يەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن. 41
بىراق بىرلا ئىش زۆرۈردۇر؛ ۋە مەريەم شۇنىڭدىن ئۆزىگە نېسىۋە بولىدىغان ياخشى ئۈلۈشنى تاللىدى؛ بۇ ھەرگىز ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنمايدۇ ــ دېدى. 42

< لۇقا 10 >