< لاۋىيلار 9 >

سەككىزىنچى كۈنى مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ، 1
ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن گۇناھ قۇربانلىقىغا بېجىرىم بىر موزاينى، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېجىرىم بىر قوچقارنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگىن، 2
ئاندىن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە ئېلىپ كېلىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر موزاي ۋە بىر قوزا ئېلىپ كېلىڭلار، ھەر ئىككىسى بېجىرىم، بىر ياشقا كىرگەن بولسۇن؛ 3
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇشقا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاق بىلەن بىر قوچقارنى ئېلىپ، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ، دېگىن». 4
ئۇلار مۇسا بۇيرۇغان نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ پۈتكۈل جامائەت يېقىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇردى. 5
مۇسا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىشتۇر؛ بۇنى قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرگە ئايان بولىدۇ، دېدى. 6
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ گۇناھ قۇربانلىقىڭ بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنۇپ ئۆزۈڭ ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرگىن؛ ئاندىن خەلقنىڭ قۇربانلىقىنىمۇ سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندەك ئۇلار ھەققىدە كافارەت كەلتۈرگىن» ــ دېدى. 7
شۇنى دېۋىدى، ھارۇن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان موزاينى بوغۇزلىدى. 8
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قاننى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈردى، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە قۇيدى. 9
گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيى بىلەن ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى ئېلىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. 10
گۆش بىلەن تېرىسىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ ئوتتا كۆيدۈردى. 11
ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان [قوچقارنى] بوغوزلىدى؛ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا قاننى سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى. 12
ئاندىن ئۇلار پارچە-پارچە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بېشى بىلەن بىللە ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈردى. 13
ئۇ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، بۇلارنىمۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى. 14
ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ قۇربانلىقىنى كەلتۈردى؛ خەلقنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تېكىنى بوغۇزلاپ، ئىلگىرى ھايۋاننى سۇنغاندەك ئۇنىمۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ سۇندى. 15
ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان مالنى كەلتۈرۈپ بۇنىمۇ بەلگىلىمە بويىچە سۇندى. 16
ئاندىن ئۇ ئاشلىق ھەدىيەنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. 17
ئاندىن خەلققە بولىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن قوچقارنى بوغۇزلىدى. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى. 18
ئۇلار تورپاق بىلەن قوچقارنىڭ ماي قىسمىنى، يەنى مايلىق قۇيرۇقى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان مايلىرىنى، ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ چاۋا مېيىنى ئېلىپ، 19
بۇ ماي پارچىلىرىنى ئىككى تۆشنىڭ ئۈستىدە قويدى، [ھارۇن] بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى. 20
ئاخىرىدا ھارۇن ئىككى تۆش بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتىنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. 21
ئاندىن ھارۇن قوللىرىنى خەلققە قارىتىپ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى؛ ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، [قۇربانگاھتىن] چۈشتى. 22
مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ، يەنە يېنىپ چىقىپ خەلققە بەخت تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل خەلققە ئايان بولدى؛ 23
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن مايلارنى يۇتۇپ كەتتى. پۈتكۈل خەلق بۇنى كۆرۈپ، توۋلىشىپ، دۈم يىقىلىشتى. 24

< لاۋىيلار 9 >