< لاۋىيلار 8 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ 1
ھارۇننى ئوغۇللىرى بىلەن بىللە، ۋە ئۇلارنىڭ مەخسۇس كىيىملىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى، پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتنى ئېلىپ كېلىپ، 2
[ئىسرائىلنىڭ] پۈتۈن جامائىتىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا جەم قىلغىن، ــ دېدى. 3
مۇسا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى، جامائەت جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى. 4
ئاندىن مۇسا جامائەتكە: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىش مانا مۇنداق، ــ دېدى. 5
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، 6
[ھارۇنغا] كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەلۋاغ باغلاپ، توننى كىيدۈردى ۋە ئۈستىگە ئەفودنى ياپتى؛ ئۇ ئەفودنىڭ بەلۋېغىنى باغلاپ، ئەفودنى ئۇنىڭغا تاقاپ قويدى. 7
ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا «قوشېن»نى تاقاپ، قوشېننىڭ ئىچىگە «ئۇرىم بىلەن تۇممىم»نى سېلىپ، 8
بېشىغا سەللە يۆگەپ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «ئالتۇن تاختىلىق مۇقەددەس ئوتۇغات»نى بېكىتىپ قويدى. 9
ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى. 10
ئۇ مايدىن ئېلىپ قۇربانگاھقا يەتتە مەرتىۋە چېچىپ، قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ بارچە قاچا-قۇچىلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە تەگلىكىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى. 11
ئۇ يەنە مەسىھلەش مېيىدىن ئازراق ئېلىپ ھارۇننىڭ بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى. 12
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە بەلۋاغ باغلاپ، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تاقاپ قويدى. 13
ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنى يېتىلەپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويدى. 14
ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى، ئاندىن مۇسا قېنىدىن ئېلىپ، ئۆز بارمىقى بىلەن قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چۆرىسىگە سۈرۈپ قۇربانگاھنى گۇناھتىن پاكلىدى؛ قالغان قاننى بولسا ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۆۋىگە تۆكۈپ، مۇقەددەس بولۇشقا كافارەت كەلتۈردى. 15
ئاندىن ئۇ ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينىڭ ھەممىسىنى، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئالدى؛ ئاندىن مۇسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى. 16
بىراق [مۇسا] تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن گۆشى ۋە تېزىكىنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىدا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. 17
ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. 18
[ھارۇن قوچقارنى] بوغۇزلىدى؛ ئاندىن مۇسا قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى؛ 19
[ھارۇن] قوچقارنى پارچە-پارچە قىلىپ پارچىلىدى؛ ئاندىن مۇسا بېشىنى، پارچىلانغان گۆشلىرىنى بارلىق مېيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈردى. 20
ئۈچەي-قېرىنلىرى بىلەن پاچاقلىرىنى سۇدا يۇدى. ئاندىن مۇسا قوچقارنى پۈتۈن پېتى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان، «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق» ئىدى. 21
ئاندىن ئۇ كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان قوچقارنى، ئىككىنچى قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. 22
ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى؛ ۋە مۇسا ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈپ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۇۋاپ قويدى. 23
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قاندىن ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قۇلاقلىرىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىغا سۈردى، ئۇلارنىڭ ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارماقلىرىغىمۇ سۇۋاپ قويدى، قالغان قاننى مۇسا قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىگە سەپتى. 24
شۇنداق قىلىپ، ئۇ مېيى بىلەن مايلىق قۇيرۇقىنى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي بىلەن جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا مېيىنى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئېلىپ ئوڭ ئارقا پۇتىنىمۇ كېسىپ ئېلىپ، 25
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتتىن بىر پېتىر توقاچ بىلەن بىر زەيتۇن ماي توقىچى ۋە بىر دانە ھەمەك ناننى ئېلىپ بۇلارنى ماي بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتنىڭ ئۈستىدە قويدى؛ 26
ئاندىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە بولسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. 27
ئاندىن مۇسا بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈردى. بۇ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق ئىدى. 28
ئاندىن مۇسا تۆشنى ئېلىپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنى بويىچە، «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولغان قوچقارنىڭ بۇ قىسمى مۇسانىڭ ئۈلۈشى ئىدى. 29
ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىدىن ۋە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى قاندىن بىرئاز ئېلىپ، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىگە ۋە ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە سەپتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھارۇن ۋە كىيىملىرىنى، ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى مۇقەددەس قىلدى. 30
مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «بۇ گۆشنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى»غا تەۋە بولغان سېۋەتتىكى نان بىلەن قوشۇپ يەڭلار؛ بۇلارنى ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن، دەپ بۇيرۇغىنىمدەك ئۇنى يەڭلار؛ 31
لېكىن گۆش بىلەن ناندىن ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. 32
سىلەر يەتتە كۈنگىچە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىن چىقماي، خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش كۈنلىرىڭلار توشقۇچە شۇ يەردە تۇرۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنى خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش ئۈچۈن يەتتە كۈن كېتىدۇ. 33
بۈگۈن قىلىنغان ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىندى. 34
سىلەر ئۆلمەسلىكىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز يەتتە كۈن تۇرۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلدى». 35
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. 36

< لاۋىيلار 8 >