< لاۋىيلار 4 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «بىرسى بىلمەي ئېزىپ، پەرۋەردىگار «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلەردىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھ قىلسا، [تۆۋەندىكىدەك قىلسۇن]: ــ 2
ــ ئەگەر مەسىھلەنگەن كاھىن خەلقنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان بىر گۇناھنى قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بىر بېجىرىم ياش تورپاقنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 3
ئۇ تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. 4
ئاندىن مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئاپارسۇن؛ 5
كاھىن شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى مۇقەددەس جاينىڭ پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن. 6
شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛ 7
ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنىڭ ئىچىدىن ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن ــ يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماي بىلەن قالغان ئىچ مېيى، 8
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجراتسۇن 9
(خۇددى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولغان كالىنىڭ ئىچىدىكى ماي ئاجرىتىلغاندەك)؛ ئاندىن كاھىن بۇلارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. 10
لېكىن تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن ھەممە گۆشى، باش بىلەن پاچاقلىرى، ئىچ قارنى بىلەن ژىنىنى، 11
يەنى پۈتكۈل تورپاقنىڭ قالغان قىسىملىرىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پاك بىر يەرگە، يەنى كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇلار كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايدا كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن. 12
ئەگەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئېزىپ گۇناھ قىلغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلىرىگە خىلاپلىق ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، 13
شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئايدىڭلاشقان بولسا، ئۇنداقتا جامائەت گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر ياش تورپاقنى سۇنۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. 14
جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. 15
مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىگە ئېلىپ كىرسۇن؛ 16
شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى [مۇقەددەس جاينىڭ] پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن. 17
شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛ 18
كاھىن [تورپاقنىڭ] ئىچىدىن بارلىق مېيىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. 19
ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان ئىلگىرىكى تورپاقنى قىلغىنىغا ئوخشاش بۇ تورپاقنىمۇ شۇنداق قىلسۇن؛ ۋە دەل شۇنداق قىلىشى كېرەك؛ شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈلىدۇ. 20
ئاندىن ئۇ تورپاقنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلگىرىكى تورپاقنى كۆيدۈرگەندەك بۇ تورپاقنىمۇ كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەت ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. 21
ئەگەر بىر ئەمىر بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، 22
ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنسۇن؛ 23
ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ بىر گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. 24
كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئاندىن قالغان قېنىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. 25
ئۇ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيىنى كۆيدۈرگەندەك، ئۇنىڭ بارلىق مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇش ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 26
ئەگەر پۇقرالاردىن بىرى بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، 27
ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ، يەنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بېجىرىم بىر چىشى ئۆچكىنى سۇنسۇن؛ 28
ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ بوغۇزلىسۇن. 29
ئاندىن كاھىن ئۇنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ قالغان بارلىق قېنىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. 30
ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 31
ئەگەر ئۇ كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن قوزا كەلتۈرۈشنى خالىسا، بېجىرىم بىر چىشى قوزىنى سۇنسۇن. 32
ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقى [قوزىسىنىڭ] بېشىغا قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىسۇن. 33
ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئۇنىڭ قالغان بارلىق قېنىنى ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. 34
ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان قوزىنىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك، ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بارلىق قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. 35

< لاۋىيلار 4 >