< لاۋىيلار 26 >

سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت ياسىماڭلار ياكى ئۆزۈڭلارغا ھېچ ئويما مەبۇد ياكى ھەيكەل-تۈۋرۈكنى تۇرغۇزماڭلار ياكى ئۇلارغا باش ئۇرۇشقا ئويۇلغان نەقىشلىك تاشلارنى زېمىنىڭلاردا ھەرگىز تىكلىمەڭلار؛ چۈنكى ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 1
مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇپ، مۇقەددەس جايىمغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 2
ئەگەر سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار، 3
مەن يېرىڭلارنىڭ ئۆز ھوسۇلىنى بېرىپ تۇرۇشىغا، دالادىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى چىقىرىشىغا ۋاقتىدا يامغۇرلىرىڭلارنى ياغدۇرۇپ تۇرىمەن. 4
شۇنىڭ بىلەن خامان تېپىش ۋاقتى ئۈزۈم يىغىش پەسلىگىچە بولىدۇ، ئۈزۈم يىغىش ۋاقتى تېرىلغۇ ۋاقتىغىچە بولىدۇ؛ سىلەر نېنىڭلارنى تويۇنغۇچە يەپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. 5
مەن زېمىنغا ئارام-تىنچلىق ئاتا قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سىلەرنى قورقىتالمايدۇ، ئارامخۇدا يېتىپ ئۇخلايسىلەر؛ ۋەھشىي ھايۋانلارنى زېمىندىن يوقىتىمەن، قىلىچمۇ زېمىنىڭلاردىن ئۆتمەيدۇ؛ 6
سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلايسىلەر، ئۇلار ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ. 7
سىلەردىن بەش كىشى يۈز كىشىنى قوغلايدۇ، يۈز كىشى ئون مىڭنى قاچۇرىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭلار بولسا ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ. 8
مەن سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىپ، سىلەرنى پەرزەنت كۆرگۈزۈپ كۆپەيتىمەن، سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى مەزمۇت تۇرغۇزىمەن. 9
سىلەر تېخىچە ئۇزۇن ساقلانغان كونا ئاشلىقنى يەۋاتقىنىڭلاردا، يېڭى ئاشلىق چىقىدۇ؛ يېڭىسى ۋەجىدىن كونىسىنى چىقىرىۋېتىسىلەر. 10
مەن ئۆز ماكانىمنى ئاراڭلاردا تۇرغۇزىمەن ۋە قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلەنمەيدۇ. 11
مەن ئاراڭلاردا مېڭىپ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن ۋە سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر. 12
مەن سىلەرنى مىسىردا ئۇلارنىڭ قۇللىرى بولۇشتىن ھۆر قىلىشقا شۇ زېمىنىدىن چىقارغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، قەددىڭلارنى تىك قىلىپ ماڭغۇزدۇم. 13
ھالبۇكى، ئەگەر سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي، بۇ ئەمرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلماي، 14
بەلگىلىمىلىرىمنى تاشلاپ، قەلبىڭلاردىن ھۆكۈملىرىمنى يامان كۆرۈپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتماي، ئەھدەمنى بۇزساڭلار، 15
مەنمۇ بېشىڭلارغا شۇ ئىشلارنى چۈشۈرىمەنكى، ــ مەن سىلەرگە ۋەھىمە سېلىپ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدىغان، جېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلىنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن. سىلەر ئۇرۇقۇڭلارنى بىكار چېچىپ-تېرىيسىلەر، چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار ئۇنى يەپ كېتىدۇ. 16
مەن يۈزۈمنى سىلەرگە قارشى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئۇرۇلۇپ قاچىدىغان بولىسىلەر؛ سىلەرنى ئۆچ كۆرگۈچىلەر ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؛ ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قاچىسىلەر. 17
بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، بەلكى ماڭا يەنە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە بولغان جازانى يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن، 18
كۈچ-ھەيۋەڭلاردىن بولغان ھاكاۋۇرلۇقىڭلارنى سۇندۇرىمەن؛ ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك قىلىپ، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن؛ 19
ئەجىر-جاپايىڭلار بىكارغا كېتىدۇ، يېرىڭلار ھوسۇل بەرمەيدۇ، دالادىكى دەرەخلەرگە مېۋە چۈشمەيدۇ. 20
ئەگەر يەنىلا مەن بىلەن قارشى ماڭساڭلار، شۇنداقلا ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلارغا لايىق بېشىڭلارغا چۈشىدىغان ۋابا-كۈلپەتلەرنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن. 21
ئاراڭلارغا سىلەرنى بالىلىرىڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان، چارپايلىرىڭلارنى يوقىتىدىغان، سىلەرنى ئازلىتىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ يول-كوچىلىرىڭلار ئادەمزاتسىز چۆلدەك بولۇپ قالىدۇ. 22
سىلەر بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت-تەربىيە ئالماي، بەلكى يەنىلا ماڭا قارشى ماڭساڭلار، 23
مەنمۇ سىلەرگە قارشى مېڭىپ، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن بولغان جازانى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ، مەن ئۆزۈم سىلەرنى ئۇرىمەن؛ 24
ئۈستۈڭلارغا ئەھدەمنى بۇزغانلىقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغان قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر شەھەرلەرگە يىغىلىۋالىسىلەر، مەن ئاراڭلارغا ۋابا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشىسىلەر. 25
سىلەرگە يۆلەنچۈك بولغان ئاشلىقنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئون ئايال بىر بولۇپ بىر تونۇردا نان يېقىپ، نانلارنى سىلەرگە تارازىدا تارتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇنى يېگىنىڭلار بىلەن تويمايسىلەر. 26
ئەگەر بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، بەلكى ماڭا قارشى ماڭساڭلار، 27
مەنمۇ قەھر بىلەن سىلەرگە قارشى ماڭىمەن؛ مەن، يەنى مەن ئۆزۈم گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن جازا-تەربىيىنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ چۈشۈرىمەن. 28
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوغۇللىرىڭلارنىڭ گۆشى ۋە قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر؛ 29
شۇنداقلا مەن قۇربانلىق «يۇقىرى جاي»لىرىڭلانى ۋەيران قىلىپ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى سۇندۇرۇپ، ئۆلۈكلىرىڭلارنى سۇنۇق بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋېتىمەن؛ مېنىڭ قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. 30
مەن شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، مۇقەددەس جايلىرىڭلارنى خاراب قىلىپ، [قۇربانلىقىڭلارنىڭ] خۇشبۇيلىرىنى يەنە پۇرىمايمەن؛ 31
زېمىننى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىمەن؛ ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان دۈشمەنلىرىڭلار بۇ ئەھۋالغا ھەيرانۇھەس قالىدۇ. 32
سىلەرنى ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارىتىپ، كەينىڭلاردىن قىلىچنى سۇغۇرۇپ قوغلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭلار ۋەيران بولۇپ شەھەرلىرىڭلار خاراب قىلىنىدۇ. 33
ئۇ ۋاقىتتا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىڭلاردا، زېمىن ۋەيرانە بولغان بارلىق كۈنلەردە، زېمىن ئۆز شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇ زاماندا زېمىن دەرۋەقە ئارام ئېلىپ ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ. 34
ئۆزى ۋەيرانە بولۇپ تۇرغان بارلىق كۈنلىرىدە ئۇ ئارام ئالىدۇ، يەنى سىلەر ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتىكى شابات كۈنلىرىڭلاردا ھېچ ئالمىغان ئارامنى ئەمدى ئالىدۇ. 35
ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولسا، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ زېمىنلىرىدا تۇرغىنىدا كۆڭۈللىرىگە يۈرەكزادىلىك سالىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشكەن بىر يوپۇرماقنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىسا قىلىچتىن قاچقاندەك قاچىدۇ؛ ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ. 36
گەرچە ھېچكىم ئۇلارنى قوغلىمىسىمۇ، دەرۋەقە قىلىچتىن يىقىتىلغاندەك ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ سىلەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچ قالمايدۇ. 37
ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنى سىلەرنى يەپ كېتىدۇ. 38
ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا ئۆز رەزىللىكى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا زەئىپلىشىدۇ؛ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ. 39
ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان رەزىللىكى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكىنى، ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ، 40
شۇنىڭدەك مېنىڭ ئۇلارغا قارشى ماڭغىنىمغا، شۇنىڭدەك ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمغا ئىقرار بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خەتنىسىز كۆڭلى تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسا، 41
ئۇنداقتا مەن ياقۇپ بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى ياد قىلىپ، ئىسھاق بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ۋە ئىبراھىم بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ئېسىمگە كەلتۈرىمەن، زېمىننىمۇ ياد قىلىمەن. 42
چۈنكى زېمىن ئۇلاردىن تاشلىنىپ، ئۇلارسىز بولۇپ خارابە تۇرغان ۋاقىتتا، شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇلار بولسا ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ سەۋەبى دەل شۇكى، ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تاشلىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى قەلبىدىن يامان كۆرگەنىدى. 43
ھالبۇكى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىدا مەن ئۇلارنى تاشلىمايمەن ياكى ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلمايمەن، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى بۇزمايمەن، ئۇلارنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 44
مەن بەلكى ئۇلارنى دەپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا ئەللەرنىڭ كۆزى ئالدىدا مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن باغلاشقان ئەھدەمنى ئېسىمدە تۇتىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 45
پەرۋەردىگار مۇسانى ۋاسىتە قىلىپ، سىناي تېغىدا ئۆزى بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ھۆكۈملەر، بەلگىلىمىلەر ۋە قانۇنلار مانا شۇلار ئىدى. 46

< لاۋىيلار 26 >