< لاۋىيلار 25 >

پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ مەن سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇ زېمىننىڭ ئۆزىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر شابات ئارامىنى ئالسۇن. 2
سەن ئالتە يىل ئېتىزىڭنى تېرىپ، ئالتە يىل تاللىق بېغىڭنى چاتاپ، ئۇلاردىن ھوسۇللارنى يىغقىن؛ 3
ئەمما يەتتىنچى يىلى زېمىننىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر «شاباتلىق ئارام» بولسۇن؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر «شابات» ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى سەن ئېتىزىڭنى تېرىمايسەن ۋە تاللىقىڭنى چاتىمايسەن. 4
ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنى ئورمايسەن؛ ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزمەيسەن؛ چۈنكى شۇ يىل زېمىن ئارام ئالىدىغان يىلدۇر. 5
ھالبۇكى، زېمىن شابات يىلىدا چىقارغان ھوسۇل ھەممىڭلارغا ئوزۇق بولىدۇ، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن، قۇل-دېدىكىڭ ئۈچۈن، مەدىكارىڭ ئۈچۈن ۋە سېنىڭكىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن 6
ۋە زېمىنىڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بولىدۇ؛ زېمىننىڭ ھەممە ھوسۇلى ئوزۇق بولىدۇ. 7
شۇنىڭدەك سەن يەتتە قېتىملىق شابات يىلىنى، يەنى يەتتە ھەسسە يەتتە يىلنى سانىغىن؛ يەتتە شابات يىل كۈنلىرى قىرىق توققۇز يىل بولىدۇ. 8
شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ، يەتتىنچى ئايدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى، كافارەت كۈنىدە بۇرغا چېلىپ ساداسىنى يۇقىرى چىقىرىسىلەر؛ كافارەت كۈنىنىڭ ئۆزىدە سىلەر پۈتكۈل زېمىنىڭلاردا بۇرغىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىسىلەر. 9
شۇ ئەللىكىنچى يىلىنى سىلەر مۇقەددەس دەپ بىلىپ، پۈتكۈل زېمىندا ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئازادلىقنى جاكارلىشىڭلار كېرەك. شۇ يىل سىلەرگە «ئازادلىق يىلى» بولىدۇ، ھەربىرىڭلار ئۆز يەر-مۈلۈكلىرىڭلارغا قايتىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز ئائىلە-جەمەتىڭلارغا قايتىپ بارىسىلەر. 10
بۇ ئەللىكىنچى يىلى سىلەرگە بىر ئازادلىق يىلى بولسۇن؛ ئۇ يىلى ھېچ نېمە تېرىمايسىلەر، ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنىمۇ ئورمايسىلەر ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنىمۇ يىغمايسىلەر. 11
چۈنكى بۇ ئازادلىق يىلى بولۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ھېسابلانسۇن؛ ئۇنىڭ ھوسۇلىنى بولسا، ئېتىز-دالىلاردىن تېپىپ [ھەممىڭلار] يەيسىلەر. 12
ئازادلىق يىلى ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئادەم ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. 13
سىلەر قوشناڭلارغا بىرنېمە سېتىپ بەرسەڭلار، ياكى قوشناڭلاردىن بىرنېمە سېتىۋالساڭلار، بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار. 14
قوشناڭدىن [يەرنى] سېتىۋالساڭ، ئۇنداقتا «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆتكەن يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشىڭ كېرەك؛ ئۇمۇ قالغان يىللارنىڭ سانىغا قاراپ، يەرنىڭ كېيىنكى ھوسۇللىرىغا ئاساسەن ساڭا سېتىپ بەرسۇن. 15
«[ئازادلىق يىلى»غىچە] بولغان يىللار كۆپرەك بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق يۇقىرى كۆتۈرىسەن؛ قالغان يىللار ئازراق بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېمەيتسۇن. چۈنكى قالغان يىللارنىڭ ھوسۇللىرى قانچە بولسا، ئۇ شۇ بويىچە ساڭا سېتىپ بېرىدۇ. 16
سىلەر بىر-بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار، بەلكى خۇدايىڭلاردىن قورقۇڭلار؛ چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 17
سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ھۆكۈملىرىمدە تۇرۇپ، شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. 18
شۇنىڭ بىلەن زېمىن سىلەرگە ئۆز مېۋىسىنى بېرىدۇ، سىلەر تويغۇدەك يەپ، ئۇنىڭدا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر. 19
ئەگەر سىلەر: ــ مانا، بىزگە تېرىپ ھوسۇلنى يىغىشقا ئىجازەت بېرىلمىسە، يەتتىنچى يىلى نېمە يەيمىز، دەپ سورىساڭلار، 20
[سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى]، ئالتىنچى يىلىدا ئۈچ يىلنىڭ ھوسۇلىنى بەرسۇن دەپ، مەن ئۈستۈڭلارغا بەرىكىتىمنى «چۈش» دەپ بۇيرۇيمەن. 21
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر سەككىزىنچى يىلى تېرىيسىلەر، ئەمما توققۇزىنچى يىلىغىچە ئېشىپ قالغان كونا ھوسۇلدىن تېخىچە يەيسىلەر؛ شۇ توققۇزىنچى يىلىغىچە سىلەر كونا ئاشلىقتىن يەيسىلەر. 22
يەر-زېمىن سېتىلسا، مەڭگۈلۈك سېتىلمىسۇن، چۈنكى زېمىننىڭ ئۆزى مېنىڭكىدۇر، سىلەر بولساڭلار مېنىڭ يېنىمدىكى مۇساپىر ۋە مېھمان، خالاس. 23
سىلەر ئىگە بولىدىغان پۈتكۈل زېمىندا يەر-زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە ئۇنى «قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى»نى يارىتىپ بېرىشىڭلار كېرەك. 24
ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز مىراس يېرىنى سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى، يەنى «ھەمجەمەت شاپائەتچى»سى كېلىپ ئۆز قېرىندىشى ساتقان يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن. 25
ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ شاپائەتچى تۇغقىنى بولمىسا، لېكىن ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالىسا، 26
ئۇنداقتا ساتقىنىغا قانچە يىل بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، [ئازادلىق يىلىغىچە] قالغان يىللار ئۈچۈن سېتىۋالغان كىشىگە مۇۋاپىق پۇل بېرىپ، ئۆز يېرىگە قايتسۇن. 27
لېكىن ئەگەر ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالمىسا، ئۆزى سېتىپ بەرگەن يەر ئازادلىق يىلىغىچە ئالغۇچىنىڭ قولىدا تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە يەر يەر سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدىن چىقسۇن، ئۆز ئىگىسى ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. 28
ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۇرالغۇ ئۆينى ساتقان بولسا، سېتىپ بىر يىل ئىچىدە ئۇنى ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. تولۇق بىر يىل تۈگەپ بولغۇچە، ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. 29
لېكىن پۈتۈن يىل ئىچىدە ياندۇرۇۋېلىنمىسا، سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بۇ ئۆي نەسىلدىن-نەسىلگە ئالغان كىشىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئازادلىق يىلى كەلسىمۇ ياندۇرۇلماس. 30
لېكىن سېپىلسىز كەنتلەرنىڭ ئۆيلىرى بولسا زېمىننىڭ ئېتىزلىرىدەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇلارنى ياندۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئەسلى ئىگىسىنىڭ قولىغا ياندۇرۇلىدۇ. 31
لېكىن لاۋىي شەھەرلىرىدە بولسا، لاۋىيلار ئۆز مىراسى بولغان شەھەرلەردىكى ئۆيلىرىنى خالىسا ھەرقاچان قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. 32
لاۋىيلاردىن بىرى ئۆيلىرىنى، يەنى ئۆز مىراسى بولغان شەھەردىكى بىر ئۆينى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، [لېكىن قايتۇرۇپ ئالمىغان بولسا]، ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى لاۋىي شەھەرلىرىنىڭ ئۆيلىرى بولسا لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى مىراسى بولىدۇ. 33
شۇنداق ھەم بۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىز-يەرلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەبەدىي مىراسى بولغاچقا، سېتىلسا بولمايدۇ. 34
ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن. 35
سەن ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ۋە ياكى پايدا ئالمىغىن؛ سەن خۇدايىڭدىن قورقۇپ، قېرىندىشىڭنى قېشىڭدا تۇرۇشقا قويغىن. 36
پۇلۇڭنى ئۇنىڭغا ئۆسۈمگە بەرمە، ئاشلىقىڭنىمۇ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا ئۆتنە بەرمىگىن. 37
خۇدايىڭلار بولۇشقا، قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىشكە سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. 38
ئەگەر ساڭا قوشنا بولغان قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى ساڭا ساتسا، ئۇنى قۇلدەك قۇللۇق خىزمىتىگە سالمىغىن؛ 39
بەلكى ئۇ قېشىڭدا مەدىكار ياكى مۇساپىردەك تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلىغىچە سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولسۇن؛ 40
ئاندىن ئازاد بولۇپ ئۆزى بىلەن بالىلىرى قېشىڭدىن چىقىپ، ئۆز جەمەتىگە يېنىپ بېرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يەر-مۈلكىگە قايتسۇن. 41
چۈنكى ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىم بولغاچقا، ئۇلارنى قۇلدەك سېتىشقا يول قويماڭلار. 42
سەن ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمايسەن، بەلكى خۇدايىڭدىن قورققىن. 43
لېكىن ئۆزۈڭگە قۇل ياكى دېدەك ئالماقچى بولساڭ، ئۇلارنى ئەتراپتىكى يات ئەللەردىن شۇنداق قۇل يا دېدەك سېتىۋالساڭ بولىدۇ. 44
بۇلاردىن باشقا، ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ۋە شۇلارنىڭ جەمەتىدىن، يەنى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان، زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلاردىن قۇللار سېتىۋالساڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولۇپ قالىدۇ. 45
سىلەر مۇشۇلارنى ئۆزۈڭلاردىن كېيىنكى بالىلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ، ئۇلارغا مۈلۈك بولۇشقا قالدۇرساڭلار بولىدۇ؛ مۇشۇلارنى ئەبەدگىچە قۇل قىلساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار ئارىسىدا بولسا، بىر-بىرىڭلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك. 46
ئەگەر ئاراڭلاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق بېيىغان ۋە ئۇنىڭغا قوشنا قېرىندىشىڭ كەمبەغەللىشىپ، ئۆزىنى شۇ قوشنا مۇساپىرغا ۋە ياكى شۇ مۇساپىرنىڭ مەلۇم بىر ئەۋلادىغا ساتسا، 47
ئۇ سېتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا پۇل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىش ھوقۇقى قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ھەرقايسىسى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ. 48
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تاغىسى ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە ياكى جەمەتىدىن بولغان ھەرقايسى يېقىن تۇغقىنى ئۇنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ؛ ياكى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتسە، پۇل بېرىپ ئۆز-ئۆزىنى ھۆرلۈككە سېتىۋالسا بولىدۇ. 49
ئۇنى سېتىۋالىدىغان كىشى ئۇنىڭ خوجىسى بىلەن گەپلىشىپ سېتىلغان يىلدىن تارتىپ ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، سېتىۋېلىش باھاسىنى يىللارنىڭ سانىغا قاراپ ھېسابلىسۇن؛ [ھۆرلۈك پۇلى ھېسابلاشتا قۇلنىڭ خوجىسىغا] ئىشلەشكە كېرەك بولغان قالغان كۈنلىرىنىڭ ھەققى «مەدىكارنىڭ ئىشلىگەن كۈنلىرى»دەك ھېسابلانسۇن. 50
ئازادلىق يىلىغا يەنە خېلى يىللار بولسا، شۇنى ھېسابلاپ، سېتىلغان پۇلنىڭ نىسبىتى بويىچە ھۆرلۈك پۇلىنى ھېسابلاپ بەرسۇن؛ 51
ئەگەر ئازادلىق يىلىغا ئاز يىللار قالغان بولسا، ئۇنى ھېساب قىلىپ، قالغان قۇللۇق يىللىرىغا مۇۋاپىق پۇلنى ياندۇرۇپ بەرسۇن. 52
بولمىسا، قۇل شۇ خوجىسىنىڭ يېنىدا يىللىق مەدىكاردەك تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ خوجىسى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق بىلەن خوجىلىق قىلمىسۇن. 53
ئەگەر قۇل يۇقىرىقى يوللار بىلەن ھۆرلۈككە چىقالمىسا، ئازادلىق يىلى كەلگەندە قويۇپ بېرىلسۇن ــ ئۇ بالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئازاد بولىدۇ. 54
چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ماڭا قۇل-بەندىلەردۇر؛ ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىمدۇر. خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. 55

< لاۋىيلار 25 >