< لاۋىيلار 23 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار، سىلەر مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان ھېيتلىرىم مانا مۇنۇلاردۇر: ــ 2
(ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى «خاس شابات كۈنى»، مۇقەددەس سورۇنلار كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. قەيەردىلا تۇرساڭلار بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولىدۇ). 3
سىلەر بېكىتىلگەن كۈنلىرى مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن دەپ چاقىرىپ جاكارلايدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرى مانا مۇنۇلاردۇر: ــ 4
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ. 5
شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پېتىر نان» ھېيتى بولىدۇ؛ سىلەر يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەيسىلەر. 6
بىرىنچى كۈنىدە سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش قىلىپ، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 7
سىلەر يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇرۇڭلار. يەتتىنچى كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 8
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 9
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ھوسۇل يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىدىن بىر باغلامنى كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىڭلار. 10
كاھىن سىلەر ئۈچۈن قوبۇل بولۇشقا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن؛ ئۇنى پۇلاڭلاتقان ۋاقىت بولسا شاباتنىڭ ئەتىسى بولىدۇ. 11
سىلەر ئۇنى پۇلاڭلاتقان كۈندە سىلەر بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم بىر قوزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار؛ 12
شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇڭلار؛ بۇنىڭغا قوشۇپ شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە شارابتىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرىنى سۇنۇڭلار. 13
سىلەر خۇدايىڭلارغا خاس بولغان بۇ ھەدىيەنى سۇنىدىغان كۈندىن ئىلگىرى [يېڭى ھوسۇلدىن] ھېچنېمىنى، نە نان نە قوماچ نە كۆك باش بولسۇن يېمەڭلار. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. 14
ئاندىن سىلەر شۇ شابات كۈننىڭ ئەتىسىدىن، يەنى شۇ بىر باغلامنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ، يەتتە ھەپتە ساناڭلار (ئۇلار تولۇق ھەپتە بولۇشى كېرەك)؛ 15
يەتتىنچى شاباتنىڭ ئىككىنچى كۈنىگىچە ئەللىك كۈننى ساناڭلار؛ ئاندىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى [ھوسۇلدىن] بىر ئاشلىق ھەدىيە سۇنۇڭلار. 16
ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جايلاردىن پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىدە ئېتىلگەن ئىككى ناننى ئېلىپ كەلتۈرۈڭلار؛ ئۇلار ئېچىتقۇ سېلىپ ئېتىلگەن بولسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى دەپ ھېسابلىنىدۇ. 17
ناندىن باشقا يەنە بىر ياشلىق يەتتە بېجىرىم قوزا، ياش بىر تورپاق ۋە ئىككى قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار؛ ئۇلارغا خاس ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى قوشۇپ، ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈشكە سۇنۇلسۇن. 18
بۇنىڭدىن باشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق ئىككى قوزىنى كەلتۈرۈڭلار؛ 19
كاھىن بۇلارنى، يەنى شۇ ئىككى قوزىنى دەسلەپكى ھوسۇل نانلىرىغا قوشۇپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگار ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. بۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس سانىلىپ، كاھىنغا تەگسۇن. 20
شۇ كۈنى سىلەر «بۈگۈن بىزلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ» دەپ جاكارلاڭلار؛ شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن قەيەردىلا تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. 21
ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالماڭلار، ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 22
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ 23
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىپ، كانايلار چېلىنىش بىلەن ئەسلەتمە يوسۇندا ھېيت قىلىپ، مۇقەددەس سورۇنلارنى تۈزۈڭلار. 24
ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بىر قۇربانلىق سۇنۇڭلار. 25
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 26
يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى بولسا كافارەت كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى بولىدۇ؛ شۇ كۈنى نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنى سۇنۇڭلار؛ 27
ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر كافارەت كۈنى بولۇپ، شۇ كۈن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا كافارەت قىلىنىشقا بېكىتىلگەندۇر. 28
ھەركىم شۇ كۈنى نەپسىنى تارتماي ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 29
كىمدەكىم شۇ كۈندىمۇ ھەرقانداق بىر ئىش قىلسا، مەن شۇ ئادەمنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 30
شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ. 31
ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن تولۇق ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئەتىسى گۇگۇمغىچە شابات كۈنىگە رىئايە قىلىپ ئارام ئېلىڭلار. 32
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 33
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ، يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى» بولىدۇ. 34
بىرىنچى كۈندە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 35
يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ سەككىزىنچى كۈندە سىلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بۇ ئۆزى تەنتەنىلىك يىغىلىش بولغاچ، ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 36
سىلەر «مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن» دەپ جاكارلايدىغان، يەنى پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار مانا شۇلاردۇر. شۇ سورۇنلاردا سىلەر ھەرقايسى كۈنگە بېكىتىلگىنى بويىچە، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىق، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيە، باشقا ھەرخىل قۇربانلىقلار ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى سۇنىسىلەر؛ 37
بۇلاردىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شابات كۈنلىرىنى تۇتىسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قالغان ھەدىيەلىرىڭلارنى بېرىپ، قەسەم قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى سۇنىسىلەر. 38
سىلەر ئەمدى زېمىندىن ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ بولۇپ، يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ، سەككىزىنچى كونىدىمۇ تولۇق ئارام ئېلىش بولىدۇ. 39
بىرىنچى كۈنى سىلەر ئېسىل دەرەخلەردىن شاخ-پۇتاقلارنى چاتاپ، يەنى خورما دەرەخلىرى بىلەن قويۇق يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ، ئېرىق بويىدىكى سۆگەت چىۋىقلىرىنى قىرقىپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا يەتتە كۈننى شۇنداق شاد-خۇرام ئۆتكۈزىسىلەر. 40
سىلەر ھەر يىلى بۇ يەتتە كۈننى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بىر ھېيت سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈڭلار؛ دەۋردىن-دەۋرگىچە بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. سىلەر ھېيتنى يەتتىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈڭلار. 41
يەتتە كۈنگىچە كەپىلەردە تۇرۇڭلار. ئىسرائىلدا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى كەپىدە تۇرسۇن. 42
بۇنىڭ بىلەن مەن ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىمدا، ئۇلارنى كەپىلەردە تۇرغۇزغىنىمنى ئەۋلادلىرىڭلار بىلىدۇ. ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 43
شۇنداق قىلىپ مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن شۇ ھېيتلىرىنى ئىسرائىللارغا بايان قىلدى. 44

< لاۋىيلار 23 >