< لاۋىيلار 22 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتىغان مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭلار، بولمىسا ئۇلار نامىمنى بۇلغىشى مۇمكىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». 2
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ھەربىر دەۋرلەردە، بارلىق نەسىللىڭلاردىن ھەرقايسىسى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتىغان پاك نەرسىلەرگە ناپاك ھالەتتە يېقىنلاشسا، ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئالدىمدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 3
ھارۇننىڭ نەسلىدىن بىرى پېسە-ماخاۋ ياكى ئاقما كېسىلى بولغان بولسا، پاك بولمىغۇچە مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. بىركىم ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولغان بىركىمگە ۋە ياكى مەنىيسى ئېقىپ كەتكەن كىشىگە تېگىپ كەتسە، 4
ياكى ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارغا تەگسە ياكى ھەرقانداق يۇقۇپ قالىدىغان ناپاكلىقى بار بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، (ناپاكلىقى نېمىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) 5
مۇنداق نەرسىلەرگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك بولۇپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ئۇ بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن 6
ئاندىن كۈن ئولتۇرغاندا پاك سانىلىپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېيىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى بۇلار ئۇنىڭ ئوزۇقىدۇر. 7
ئۇ [ئۆزلۈكىدىن] ئۆلگەن ۋە ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننى يېيىش بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 8
ئۇلار مېنىڭ بۇ تاپىلىغانلىرىمنى تۇتۇشى كېرەك؛ بولمىسا، بۇنىڭغا ئىخلاسسىزلىق قىلسا، [شۇ ئۆلۈك] تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولۇپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. 9
كاھىنلارغا يات بولغان ھېچقانداق كىشى مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. كاھىننىڭ يېنىدىكى مۇساپىر-مېھمان ۋە ياكى مەدىكارى بولسۇن ئۇلارمۇ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. 10
ھالبۇكى، كاھىن ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان قۇل ئۇنىڭدىن يېيىشكە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان كىشىمۇ ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. 11
كاھىننىڭ قىزى يات كىشىگە تەگكەن بولسا ئۇمۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. 12
لېكىن ئەگەر كاھىننىڭ قىزى تۇل بولۇپ قېلىپ، ياكى قويۇپ بېرىلىپ پەرزەنتسىز ھالەتتە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ، ياش ۋاقتىدىكىدەك ئولتۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئاتىسىنىڭ تائامىدىن يېيەلەيدۇ؛ لېكىن ھېچبىر يات كىشى ئۇنىڭدىن يېمەسلىكى كېرەك. 13
ئەگەر بىركىم بىلمەي، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يەپ سالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭغا شۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ، مۇقەددەس نەرسىنىڭ ئۆزى بىلەن كاھىنغا قايتۇرۇپ بەرسۇن. 14
[كاھىنلار] ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلىرىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ 15
بولمىسا، خەلق مۇقەددەس ھەدىيىلەردىن يېيىشى بىلەن، كاھىنلار خەلقنىڭ گەدىنىگە ئىتائەتسىزلىك گۇناھىنى يۈكلەپ قويغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن». 16
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 17
سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىل جەمەتىدىن بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، 18
ئۇنداقتا ئۇ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم ئەركەك كالا، قوي ياكى ئۆچكىلەردىن كەلتۈرۈڭلار. 19
ئەيىبى بولمىغان بىر جانىۋارنى سۇنۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى شۇنداق بولغىنى سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس. 20
بىرسى كالىلاردىن ياكى ئۇششاق مالدىن ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلماقچى بولسا، سۇنۇلغان ھايۋان قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەيىبى بولمىسۇن. 21
كور ياكى ئاقساق-چولاق، چوناق ياكى يارىسى يىرىڭداپ كەتكەن، تەمرەتكە باسقان ياكى قوتۇر-چاقا بېسىپ قالغان ھايۋانلار بولسا ــ بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنساڭلار ياكى بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا ئوتتا كۆيدۈرسەڭلار بولمايدۇ. 22
تورپاق ياكى قوينىڭ مەلۇم جۈپ ئەزاسىدىن بىرى ئۇزۇنراق يا قىسقا بولسا، مۇنداقلارنى ئىختىيارىي قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن قەسەمگە باغلىق بولسا قۇربانلىق ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس. 23
ئۇرۇقدىنى زەخىملەنگەن، ئېزىلىپ كەتكەن، يېرىلغان ياكى پىچىلغان ھايۋاننى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. مۇنداق ئىشنى ئۆز زېمىنىڭلاردىمۇ ھەرگىز قىلماڭلار. 24
خۇدايىڭلارنىڭ نېنى سۈپىتىدە ياقا يۇرتلۇق كىشىنىڭ قولىدىن شۇنداق ھايۋانلاردىن ھېچقايسىسىنى ئېلىپ سۇنماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار مېيىپ بولغاچقا، سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ. 25
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 26
بىر موزاي، قوزا ياكى ئوغلاق تۇغۇلسا يەتتە كۈنگىچە ئانىسىنى ئەمسۇن؛ سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قوبۇل بولۇشقا يارايدۇ. 27
مەيلى كالا بولسۇن، قوي بولسۇن، سىلەر ئانىسى بىلەن بالىسىنى بىر كۈندە بوغۇزلىماڭلار. 28
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تەشەككۈر قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، قوبۇل قىلىنىشقا لايىق بولغان يول بىلەن سۇنۇڭلار. 29
ئۇ سۇنۇلغان كۈنىدە يېيىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ئەتىسىگە قالدۇرماسلىقىڭلار كېرەك. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 30
سىلەر مېنىڭ ئەمرلىرىمنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 31
مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار، مەن ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس دەپ بىلىنىمەن. مەن سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار بولۇپ، 32
خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلدىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 33

< لاۋىيلار 22 >