< لاۋىيلار 21 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ سەن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ بىر كاھىن ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلگەنلەر ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. 1
پەقەت ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن ــ ئانىسى بىلەن ئاتىسى، ئوغلى بىلەن قىزى ۋە ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛ 2
شۇنىڭدەك ئەگەر ئاچا-سىڭلىسى ئەرگە تەگمەي پاك قىز ھالەتتە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلسا بولىدۇ؛ 3
چۈنكى [كاھىن] ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا مۆتىۋەر بولغاچقا، ئۆزىنى ناپاك قىلىپ بۇلغىماسلىقى كېرەك. 4
كاھىنلار بېشىنى يېرىم-ياتا قىلىپ چۈشۈرمەسلىكى، ساقىلىنىڭ ئۇچ-يانلىرىنى ھەم چۈشۈرمەسلىكى، بەدىنىگىمۇ زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماسلىقى كېرەك، 5
بەلكى ئۇلار ئۆز خۇداسىغا مۇقەددەس تۇرۇپ، خۇداسىنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلارنى، ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. 6
ئۇلار بىر ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالغاندا پاھىشە ئايالنىمۇ، بۇزۇق ئايالنىمۇ ئالماسلىقى كېرەك ۋە ئېرى قويۇۋەتكەن ئايالنىمۇ ئالمىسۇن. چۈنكى كاھىن بولسا ئۆز خۇداسىغا خاس مۇقەددەس قىلىنغان. 7
ئۇ خۇدايىڭنىڭ نېنىنى سۇنغىنى ئۈچۈن ئۇ ساڭا نىسبەتەن مۇقەددەس دەپ سانىلىشى كېرەك؛ چۈنكى سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈم مۇقەددەستۇرمەن. 8
ئەگەر بىر كاھىننىڭ قىزى پاھىشىلىك قىلىپ ئۆزىنى بۇلغىغان قىلسا، ئۆز ئاتىسىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. 9
بېشىغا مەسىھلەش زەيتۇن مېيى تۆكۈلگەن، كاھىنلىق كىيىملەرنى كىيىشكە تىكلەنگەن، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن قىلىنغان كىشى يالاڭباش بولمىسۇن، كىيىملىرىنىمۇ يىرتمىسۇن؛ 10
ئۇ يەنە ھېچ ئۆلۈككە يېقىنلاشماسلىقى كېرەك، ھەتتا ئاتىسى ۋە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك. 11
ئۇ [ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقاندا] مۇقەددەس جايدىن ھەرگىز ئايرىلمىسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇداسىنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسىنىڭ ئۇنى ئۆزىگە خاس قىلغان «مەسىھلەش مېيى» ئۇنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 12
ئۇ خوتۇن ئالسا پاك قىزنى ئېلىشى كېرەك؛ 13
تۇل ۋە ياكى ئەردىن قويۇۋېتىلگەن ئايال ۋە ياكى بۇزۇق ۋە ياكى پاھىشە ئايال بولسا بۇلارنى ئالماسلىقى، بەلكى ئۆز خەلقىدىن بولغان پاك قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك. 14
بولمىسا ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئۇرۇقىنى ناپاك قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار مەندۇرمەن. 15
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 16
سەن ھارۇنغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ نەسلىڭدىن بولغان بىرسى مېيىپ بولسا، خۇدانىڭ نېنىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىن كەلمىسۇن؛ 17
مېيىپ بولغان ھەرقانداق كىشى ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن ــ ياكى كور بولسۇن، توكۇر بولسۇن، پاناق بولسۇن ياكى بىر ئەزاسى يەنە بىر جۈپىدىن ئۇزۇن بولغان ئادەم بولسۇن، 18
پۇتى ياكى قولى سۇنۇق بولسۇن، 19
دوك بولسۇن، پارپا بولسۇن، كۆزىدە ئاق بولسۇن، قىچىشقاق بولغان بولسۇن، تەمرەتكە باسقان بولسۇن ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلگەن ھەركىم بولسۇن، 20
ھارۇن كاھىننىڭ نەسلىدىن بولغان ئۇنداق مېيىپ كىشىلەرنىڭ ھېچبىرى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە يېقىن بارمىسۇن؛ ئۇنداق كىشى مېيىپتۇر؛ ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنۇشقا يېقىن كەلمىسۇن. 21
ھالبۇكى، ئۇ ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى، يەنى «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» ھېسابلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېسۇن. 22
پەقەت ئۇ پەردىدىن ئۆتۈپ ئىچكىرىسىگە كىرمەسلىكى ياكى قۇربانگاھقىمۇ يېقىن بارماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ مېيىپتۇر؛ بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس جايلىرىمنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن». 23
بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئېيتىپ بەردى. 24

< لاۋىيلار 21 >