< لاۋىيلار 20 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى مولەك بۇتىغا نەسلىنىڭ بىرىنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ زېمىندىكىلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. 2
ۋە مەن ئۆز يۈزۈمنى بۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، چۈنكى ئۆزى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېغىشلاپ مۇقەددەس جايىمنى پاسكىنا قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 3
ئەگەر زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار ئۆز نەسلىدىن بىرىنى مولەككە بېغىشلىغاندا شۇ كىشىگە كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرمىسە، 4
مەن ئۆزۈم يۈزۈمنى ئۇ كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، يەنى مولەكنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 5
جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا، مەن يۈزۈمنى شۇ كىشىلەرگە قارشى قىلىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 6
شۇڭا ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىپ مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 7
قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن بولسام سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 8
ئەگەر بىركىم ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى قارغىسا، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 9
ئەگەر بىركىم باشقىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، يەنى ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ. 10
ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا، ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 11
بىرسى ئۆز كېلىنى بىلەن ياتسا، ئىككىسى نىجىسلىق قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 12
بىرسى ئايال كىشى بىلەن ياتقاندەك ئەر كىشى بىلەن ياتسا ئىككىسى يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بولىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ. ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 13
ئەگەر بىرسى قىزى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا پەسەندىلىك قىلغان بولىدۇ. ئەر بىلەن ئىككى ئايال ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچ پەسەندىلىك ئىش بولمايدۇ. 14
بىرسى بىر ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن، ھايۋاننىمۇ ئۆلتۇرۈڭلار. 15
ئەگەر ئايال كىشى بىر ھايۋاننىڭ قېشىغا بېرىپ مۇناسىۋەت قىلدۇرسا، ئايال بىلەن ھايۋاننىڭ ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 16
بىرسى ئاچا-سىڭلىسىنى، يەنى ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن بولغان قىزنى ئېلىپ، ئەۋرىتىگە تەگسە ۋە بۇ قىزمۇ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە ئۇياتلىق ئىش بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-ئايال ئىككىسى ئۆز خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن؛ ئۇ ئۆز ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەچكە، ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 17
بىرسى ئادەت كۆرگەن ئاغرىق ۋاقتىدا بىر ئايال بىلەن بىرگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ قان مەنبەسىگە تەگكەن، ئايالمۇ قان مەنبەسىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 18
سەن ئۆز ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسى ۋە ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 19
بىرسى تاغىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا تاغىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئىككىلىسى ئۆز گۇناھىنى ئۆز بېشىغا ئالىدۇ؛ ئۇلار پەرزەنتسىز ئۆلىدۇ. 20
بىرسى ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئايالىنى ئالسا پاسكىنا بىر ئىش بولىدۇ. ئۇ ئۆز بىرتۇغقان ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسى پەرزەنتسىز قالىدۇ. 21
سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن بەلگىلىمىلىرىم بىلەن بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىڭلار؛ بولمىسا، مەن سىلەرنى ئېلىپ بېرىپ تۇرغۇزىدىغان زېمىن سىلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. 22
سىلەر مەن ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىدىغان ئەللەرنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ماڭساڭلار بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەلدى، ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك بولدى. 23
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە: «سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ ئالىسىلەر؛ مەن شۇ سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن»، دەپ ئېيتقانىدىم؛ سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىم قىلغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 24
شۇڭا سىلەر پاك ۋە ناپاك چارپايلارنى پەرق ئېتىپ، پاك ۋە ناپاك ئۇچار-قاناتلارنى تونۇپ، مەن سىلەر ئۈچۈن ئايرىپ، ناپاك قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن ھەرقاندىقى، چارپاي ياكى ئۇچار-قانات بولسۇن ياكى يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. 25
سىلەر ماڭا خاس پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پاك-مۇقەددەستۇرمەن، سىلەرنى ماڭا خاس بولسۇن دەپ بارلىق ئەللەردىن ئايرىم قىلغانمەن. 26
جىنكەش ياكى سېھىرگەر بولغان ھەرقانداق ئەر ياكى خوتۇن كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ خەلق ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 27

< لاۋىيلار 20 >