< لاۋىيلار 2 >

ئەگەر بىركىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئاشلىق ھەدىيە سۇنماقچى بولسا ھەدىيەسى ئېسىل ئۇندىن بولۇشى كېرەك؛ ئۇ ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئاندىن ئۈستىگە مەستىكى سالسۇن. 1
ئۇ ئۇنى ئېلىپ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن [كاھىن ھەدىيە سۇنغۇچىنىڭ] يادلىنىشى ئۈچۈن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بۇ ھەدىيەنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. 2
ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 3
ئەگەر سەن تونۇردا پىشۇرۇلغان نەرسىلەردىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇلار زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ياكى زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلاردىن بولسۇن. 4
ئەگەر سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ تاۋىدا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇ زەيتۇن مېيى ئىشلەشتۈرۈلۈپ ئېسىل ئۇندىن پېتىر ھالدا ئېتىلسۇن. 5
سەن ئۇنى ئوشتۇپ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيغىن؛ ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. 6
سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ قازاندا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئېسىل ئۇن بىلەن زەيتۇن مېيىدا ئېتىلسۇن. 7
شۇ يوللاردا تەييارلانغان ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگىن؛ ئۇنى كاھىنغا بەرگىن، ئۇ ئۇنى قۇربانگاھقا ئېلىپ بارىدۇ. 8
كاھىن بولسا ئاشلىق ھەدىيەدىن «يادلىنىش ئۈلۈشى»نى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. 9
ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 10
سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلەر ئېچىتقۇ بىلەن تەييارلانمىسون. چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەڭلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئېچىتقۇ ياكى ھەسەلنى كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ. 11
بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «دەسلەپكى ھوسۇل» سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئۇلار خۇشبۇي سۈپىتىدە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلۈپ سۇنۇلمىسۇن. 12
سېنىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەڭ تۇز بىلەن تۇزلىنىشى كېرەك؛ ئاشلىق ھەدىيەڭنى خۇدايىڭنىڭ ئەھدە تۇزىدىن مەھرۇم قىلماي، ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى تۇز بىلەن تۇزلىغىن. 13
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا «دەسلەپكى ھوسۇل»دىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇنداقتا زىرائەتنىڭ يېڭى پىشقان كۆك بېشىنى ئېلىپ، دانلارنى ئوتتا قورۇپ، ئېزىپ تالقان سۈپىتىدە سۇنغىن؛ بۇ «دەسلەپكى ھوسۇل» ھەدىيەسى بولىدۇ؛ 14
سەن ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئۈستىگە مەستىكى سالغىن؛ بۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. 15
كاھىن بولسا ئۇنىڭدىن، يەنى قورۇپ ئېزىلگەن دانلار بىلەن زەيتۇن مېيىدىن بىر قىسمىنى ئېلىپ ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بولارنى «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. 16

< لاۋىيلار 2 >