< لاۋىيلار 17 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان ھۆكۈم شۇكى: ــ 2
ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان ھەرقانداق كىشى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، كالا ياكى قوي ياكى ئۆچكىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە يېتىلەپ ئەپكەلمەي، بەلكى چېدىرگاھنىڭ ئىچىدە ياكى تاشقىرىدا بوغۇزلىسا، ئۇنىڭدىن ئاققان قان شۇ كىشىنىڭ گەدىنىگە ئارتىلىدۇ؛ بۇ ئادەم «قان تۆككەن» دەپ، ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 3
4
بۇ ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى ئىسرائىللارنىڭ ھازىرقىدەك دالادا مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، قۇربانلىقلىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرۇپ پەرۋەردىگارغا «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى» سۈپىتىدە سۇنۇپ بوغۇزلىشى ئۈچۈندۇر. 5
كاھىن قاننى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماينى كۆيدۈرسۇن. 6
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بۇزۇقلۇق قىلىپ تېكە-جىنلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرمىسۇن. مانا بۇ ئۇلار ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. 7
سەن ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلاردىن بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى [باشقا] قۇربانلىق ئۆتكۈزمەكچى بولسا، 8
ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇش ئۈچۈن جامائەت چېدىرىغا كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمىسە، ئۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن» ــ دېگىن. 9
ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 10
چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كافارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. 11
شۇڭا بۇ سەۋەبتىن مەن ئىسرائىللارغا: ــ «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارمۇ قان يېمەسلىكى كېرەك» ــ دېگەنىدىم. 12
ئەگەر ئىسرائىللاردىن بىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرى يېيىشكە بولىدىغان بىر چارپاي ھايۋان ياكى قۇشنى ئوۋلاپ، قېنىنى تۆكسە، ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن. 13
چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا، ئۇنىڭ قېنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ جېنى قېنىدا بولغاچ مەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر ھېچقانداق جانىۋارنىڭ قېنىنى يېمەڭلار، چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنى يېسە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ دېدىم. 14
كىمدەكىم ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ تىتما-تىتما قىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېسە، مەيلى ئۇ يەرلىك ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ ئاندىن ئۇ پاك بولىدۇ. 15
لېكىن ئۇ ياكى كىيىملىرىنى يۇمىسا، ياكى سۇدا بەدىنىنى يۇمىسا، شۇ كىشى ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. 16

< لاۋىيلار 17 >