< لاۋىيلار 15 >

پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
ئىسرائىللارغا مۇنداق دەڭلار: ــ ھەرقانداق ئەركەكنىڭ ئۆز تېنىدىن ئاقما چىقسا شۇ كىشى شۇ ئاقما سەۋەبىدىن ناپاك سانالسۇن. 2
ئاقما چىقىشتىن بولغان ناپاكلىق توغرىسىدىكى ھۆكۈم شۇكى، ئاقمىسى مەيلى تېنىدىن ئېقىپ تۇرسۇن ياكى ئېقىشتىن توختىتىلغان بولسۇن، شۇ كىشى يەنىلا ناپاك سانالسۇن؛ 3
مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپە ناپاك سانىلىدۇ ۋە ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ. 4
كىمكى ئۇ ياتقان ئورۇن-كۆرپىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ئاندىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 5
شۇنىڭدەك كىمكى مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ئولتۇرغان نەرسىدە ئولتۇرسا ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 6
كىمكى ئاقما بولغان كىشىنىڭ تېنىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 7
ئەگەر ئاقما بولغان كىشى پاك بىرسىگە تۈكۈرسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 8
قايسىبىر ئېگەر-توقۇمنىڭ ئۈستىگە [ئاقما بولغان] كىشى مىنسە، شۇ نەرسە ناپاك سانالسۇن. 9
كىمكى ئۇنىڭ تېگىدە قويۇلغان نەرسىلەرگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ؛ ۋە كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 10
ئاقما بولغان كىشى قولىنى يۇماستىن بىركىمگە تەگكۈزسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 11
ئاقما بولغان كىشى ساپال قاچىنى تۇتۇپ سالسا، شۇ قاچا چېقىۋېتىلسۇن؛ ياغاچ قاچا بولسا سۇدا يۇيۇلسۇن. 12
قاچانىكى ئاقما بار كىشى ئاقما ھالىتىدىن قۇتۇلسا، ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن يەتتە كۈننى ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا يۇيۇنسۇن؛ ئاندىن پاك سانىلىدۇ. 13
سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن. 14
كاھىن ئۇلاردىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما بولغانلىقىغا كافارەت كەلتۈرىدۇ. 15
ئەگەر بىر ئەركەكنىڭ مەنىيسى ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 16
شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ مەنىيسى قايسى كىيىمىگە ياكى تېرىسىگە يۇقۇپ قالسا، سۇدا يۇيۇلسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 17
ئەر ۋە ئايال كىشى بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشى بىلەن مەنىي چىقسا، ئىككىسى يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 18
ئەگەر ئايال كىشىلەر ئاقما كېلىش ھالىتىدە تۇرسا ۋە ئاقمىسى خۇن بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە «ئايرىم» تۇرسۇن؛ كىمكى ئۇنىڭغا تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 19
«ئايرىم» تۇرۇش مەزگىلىدە، قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياتسا، شۇ نەرسە ناپاك سانىلىدۇ، شۇنداقلا قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانالسۇن. 20
ھەركىم ئۇنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە تەگسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 21
ھەركىم ئۇ ئولتۇرغان نەرسىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 22
ۋە ئەگەر بىركىم ئۇ ياتقان ياكى ئولتۇرغان جايدا قويۇلغان بىرەر نەرسىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 23
ئەگەر بىر ئەر كىشى شۇ ھالەتتىكى ئايال بىلەن بىرگە ياتسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇن ناپاكلىقى شۇ ئەرگە يۇقۇپ قالسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن؛ ئۇ ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپىمۇ ناپاك سانالسۇن. 24
ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئادەت ۋاقتىنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە كۈنگىچە خۇنى كېلىپ تۇرسا، ياكى خۇن ئاقمىسى ئادەت ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ناپاك قان ئېقىپ تۇرغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە تۇرغاندەك سانالسۇن، يەنە ناپاك سانالسۇن. 25
قان كەلگەن ھەربىر كۈندە ئۇ قايسى ئورۇن-كۆرپە ئۈستىدە ياتسا، بۇلار ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە ياتقان ئورۇن-كۆرپىلەردەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسە ئادەت كۈنلىرىنىڭ ناپاكلىقىدەك ناپاك سانالسۇن. 26
ھەركىم بۇ نەرسىلەرگە تەگسە ناپاك بولىدۇ؛ شۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 27
ئايال كىشى قاچان خۇن كېلىشتىن ساقايسا، ئۇ يەتتە كۈننى ھېسابلاپ، ئۆتكۈزۈپ بولغاندا پاك سانىلىدۇ. 28
سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. 29
كاھىن بۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆتكۈزسۇن؛ بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئاقما قېنىدىن پاك بولۇشىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ. 30
سىلەر مۇشۇ يول بىلەن ئىسرائىللارنى ناپاكلىقىدىن ئۈزۈڭلار؛ بولمىسا، ئۇلار ناپاكلىقىدا تۇرىۋېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مېنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىمنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ناپاك ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. 31
ئاقما كېلىش ھالىتىدە بولغان كىشى ۋە مەنىي كېتىش بىلەن ناپاك بولغان كىشى توغرىسىدا، 32
شۇنىڭدەك خۇن كېلىش كۈنلىرىدىكى ئاغرىق ئايال كىشى توغرۇلۇق، ئاقما ھالەتتە بولغان ئەر ۋە ئايال توغرۇلۇق، ناپاك ھالەتتىكى ئايال بىللە ياتقان ئەر توغرۇلۇق كەلگەن قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر. 33

< لاۋىيلار 15 >