< لاۋىيلار 10 >

ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىھۇ ئىككىسى ئۆز خۇشبۇيدېنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بۇيرۇپ باقمىغان غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ 1
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ ئۇلارنى يەۋەتتى؛ شۇئان ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى. 2
مۇسا ھارۇنغا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «مەن ماڭا يېقىن كەلگەن ئادەملەردە ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن ۋە بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغلىنىمەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىدۇر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ھارۇن جىم تۇرۇپ قالدى. 3
مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان مىشائەل بىلەن ئەلزافاننى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر يېقىن كېلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن كۆتۈرۈپ، چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار» ــ دېدى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېقىن كېلىپ، ئۇلارنى كىيىكلىك كۆڭلەكلىرى بىلەن كۆتۈرۈپ مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقتى. 5
مۇسا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا: ــ سىلەر باشلىرىڭلارنى ئوچۇق قويماڭلار، كىيىملىرىڭلارنى يىرتماڭلار؛ بولمىسا ئۆزۈڭلار ئۆلۈپ، پۈتكۈل جامائەتكە غەزەپ كەلتۈرىسىلەر؛ لېكىن قېرىنداشلىرىڭلار بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى پەرۋەردىگار ياققان ئوت تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتۇپ يىغلىسۇن. 6
ئەمما سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلەش مېيى ئۈستۈڭلارغا سۈرۈلگەن بولغاچقا، جامائەت چېدىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقماڭلار؛ بولمىسا ئۆلىسىلەر، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. 7
پەرۋەردىگار ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 8
«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. 9
شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛ 10
شۇنداقلا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان ھەممە بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيسىلەر». 11
مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەنى ئېلىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىدا ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا يەڭلار؛ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 12
بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان نەرسىلەردىن سېنىڭ نېسىۋەڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولغاچقا، ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلغاندۇر. 13
ئۇنىڭدىن باشقا پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇتنى سەن ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىللە پاك بىر جايدا يەڭلار؛ چۈنكى بۇلار سېنىڭ نېسىۋەڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن سىلەرگە بېرىلگەن. 14
ئۇلار كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇت بىلەن پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆشنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان مايلىرى بىلەن قوشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىش ئۈچۈن كەلتۈرسۇن؛ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇلار سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ». 15
ئاندىن مۇسا گۇناھ قۇربانلىقى قىلىدىغان تېكىنى ئىزدىۋىدى، مانا ئۇ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلۈپ بولغانىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ھارۇننىڭ تىرىك قالغان ئىككى ئوغلى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ: 16
ــ نېمىشقا سىلەر گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا يېمىدىڭلار؟ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىناتتى، پەرۋەردىگار سىلەرنى جامائەتنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈپ ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ، شۇنى سىلەرگە تەقسىم قىلغانىدى. 17
مانا، ئۇنىڭ قېنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈلمىدى؛ سىلەر ئەسلىدە مەن بۇيرۇغاندەك ئۇنى مۇقەددەس جايدا يېيىشىڭلار كېرەك ئىدى، ــ دېدى. 18
لېكىن ھارۇن مۇساغا: ــ مانا، بۇلار بۈگۈن [توغرا ئىش قىلىپ] ئۆزلىرىنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇندى؛ مېنىڭ بېشىمغا شۇ ئىشلار كەلدى؛ ئەگەر مەن بۈگۈن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ [گۆشىنى] يېگەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئوبدان بولاتتىمۇ؟ ــ دېدى. 19
مۇسا بۇنى ئاڭلاپ جاۋابىدىن رازى بولدى. 20

< لاۋىيلار 10 >